مەرھابا

Localized version screenshot

ۋوردپرەس (ئىنگىلىزچە WordPress) بولسا گۈزەللىك، تور ئۆلچىمى ۋە ئىشلىتىشكە قولايلىق بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن ھالدا تۈزۈلگەن شەخسىي ئۇچۇر نەشرىيات سۇپىسى. ئۇ ئۆزى ھەقسىز يۇمشاق دېتال بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قىممىتىنى پۇل بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.

ۋوردپرەس ئارقىلىق مۇكەممەل تور بەت قۇرغىلى بولىدۇ. ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى شەخسىي بلوگ ياساشقا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.

قېنى، سىزمۇ ۋوردپرەسنى ئىشلىتىپ ئۆز تور بېتىڭىزنى ياساپ كۆرۈپ بېقىڭ.

چۈشۈرۈش

  • ۋوردپرەسنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇيغۇرچە نەشرىنى ئوڭ تەرەپتىكى چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىدىن چۈشۈرۈڭ.
  • ئۇيغۇرچە تىل بولىقى (ug_CN.po ۋە ug_CN.mo) نىلا چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەر ۋە بۇ يەرنى چېكىڭ.
  • ئىنگىلىزچە نەشرىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

مىساللار

تەۋسىيىلىك ئىشلەش مۇھىتى

قاچىلاش

  1. پرېسلانغان ۋوردپرەس ھۆججىتىنى بىر قۇرۇق مۇندەرىجىگە قويۇپ پرېستىن يېشىپ، ھەممىنى مۇلازىمېتىرىڭىزغا يۈكلەڭ.
  2. تور كۆرگۈچىڭىزدە wp-admin/install.php نى ئېچىڭ. بۇنىڭدا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ساندان ئۇلىنىش ئۇچۇرلىرىڭىز ئاساسىدا بىر wp-config.php سەپلىمە ھۆججىتى قۇرىدىغان مەشغۇلاتقا يۆتكىلىسىز.
    • بەزىبىر سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ مەشغۇلات ئوڭۇشلۇق بولمىسىمۇ ئەندىشە قىلماڭ. بۇ مەشغۇلاتنىڭ بارلىق مۇلازىمېتىرلاردا ئىشلەپ كېتىشى ناتايىن. غول مۇندەرىجە ئاستىدىكى wp-config-sample.php ھۆججىتىنى خالىغان بىر تېكىست تەھرىرلىگۈچتە ئېچىپ، ئىچىدىكى ساندان ئۇلىنىش ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇپ چىقىڭ.
    • بۇ ھۆججەتنى wp-config.php نامىدا ساقلاپ مۇلازىمېتىرىڭىزغا يۈكلەڭ.
    • تور كۆرگۈچىڭىزدە wp-admin/install.php نى ئېچىڭ.
  3. سەپلىمە ھۆججىتى تەييار بولغاندىن كېيىن قاچىلاش پروگراممىسى بلوگىڭىزغا لازىملىق ساندان جەدۋەللىرىنى ئاپتوماتىك قۇرۇپ چىقىدۇ. ئەگەر خاتالىق كۆرۈلسە، wp-config.php ھۆججىتىدىكى ساندانغا لازىملىق ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىقىپ قايتا سىناپ بېقىڭ. يەنىلا ئوڭۇشلۇق بولمىسا قوللاش مۇنبىرى (ئىنگلىزچە) دىن ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدەپ كۆرۈڭ.
  4. بىرەر پارول كىرگۈزمىگەن بولسىڭىز، سىزگە ئاپتوماتىك ھاسىل قىلىنغان پارول بېرىلىدۇ. قوللانچى نامىنى ئۆزگەرتمىگەن بولسىڭىز، كۆڭۈلدىكى قىممەت بويىچە admin قىلىپ بېكىتىلىدۇ.
  5. ئەمدى قاچىلاش پروگراممىسى سىزنى كىرىش بېتىگە باشلاپ بارىدۇ. قاچىلاش جەريانىدا تاللىغان قوللانچى نامىڭىز ۋە پارولىڭىز ئارقىلىق باشقۇرۇش بېتىگە كىرىڭ. ئاپتوماتىك ھاسىل قىلىنغان پارولدا كىرگەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا شەخسىي ئارخىپىڭىزدىن ئۆزگەرتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

بلوگ

ۋوردپرەس 3.3.1 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

2012-يىل 1-ئاينىڭ 4-كۈنى

ۋوردپرەس 3.3 نەشرىدىكى بىر قىسىم خاتالىقلار تۈزىتىلىپ تەييارلانغان 3.3.1 نەشرى بۈگۈن تارقىتىلغان ئىدى. ئۇيغۇرچە نەشرىنىمۇ 10 سائەت ئىچىدىلا تارقىتىشقا مۇۋەپپەق بولدۇق. باشقۇرۇش بېتىڭىزدە 3.3.1 نەشرىگە ئاپتوماتىك يېڭىلىۋېلىڭ. بۇ نەشرىدە ئاساسلىقى ئالدىنقى نەشرىدىكى 15 تۈرلۈك مەسىلە تۈزىتىلگەن. ئەسلى نەشرى ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە باشقا ئۆزگىرىش يوق. تەپسىلاتىنى بىلەي دېسىڭىز ئىنگىلىزچە بەتنى كۆرۈپ باققايسىز.

ۋوردپرەس 3.3 ئۇيغۇرچە نەشرى ھەققىدە

2011-يىل 12-ئاينىڭ 15-كۈنى

ۋوردپرەسنىڭ 3.0 دىن كېيىنكى نەشرلىرى ھازىرغىچە 65 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق چۈشۈرۈلگەن. ئۇنىڭ 3- چوڭ ئۆزگەرتىلىشى بولغان 3.3 نەشرىنىڭ چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانىمۇ ئىككى كۈن ئىچىدىلا 600 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى. ھازىرمۇ سېكۇنتىغا 4 قېتىملىق سۈرئەت بىلەن چۈشۈرۈلمەكتە. http://wordpress.org/download/counter/ 3.3 نەشرىدە ئاساسلىقى يول باشلاش، يۈكلەش، ئىمپورتلاش قاتارلىق تەرەپلەردە ئىشلەتكۈچىلەرنى يېڭى تەجرىبىلەرگە ئېرىشتۈرۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. ۋوردپرەسكە كۆنۈپ كەتكەن [...]

ۋوردپرەس 3.3 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

2011-يىل 12-ئاينىڭ 14-كۈنى

ۋوردپرەس 3.3 ئىنگىلىزچە نەشرى تارقىتىلىپ ئىككى سوتكا ئۆتكەندە ئۇيغۇرچە نەشرى ئورگان تورىدا رەسمىي تارقىتىلدى. 3.3 ئىنگىلىزچە نەشرىدىكى تەپسىلىي ئۆزگەرتىشلەرنى ۋاقتىنچە ئورگان تورىنىڭ ئىنگلىزچە بىلوگىدىن كۆرۈپ تۇرغايسىلەر. http://wordpress.org/news/2011/12/sonny/ 3.3 نەشرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە تۈزىتىلگەن ئورۇنلار خېلى كۆپ. ئاساسلىقلىرىدىن: خەت نۇسخىسى Microsoft Uighur نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش خىل فونتقا توغرىلاندى. خەت نۇسخىسى ھۆججىتى ئاپتوماتىك يېڭىلىنىدىغان قىلىندى. UKIJ [...]

ۋوردپرەس 3.2.1 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

2011-يىل 7-ئاينىڭ 13-كۈنى

بۈگۈن ۋوردپرەسنىڭ 3.2.1 ئۇيغۇرچە نەشرى ئورگان تورىدا تارقىتىلدى. ۋوردپرەسنىڭ 3.2 نەشرىدە بەتنىڭ ئېچىلىش- ئىجرا بولۇش سۈرئىتى زور دەرىجىدە تېزلەشتۈرۈلگەن، «ئىككى مىڭ ئون بىر» نامىدىكى يېڭى كۆڭۈلدىكى ئۇسلۇب قوللىنىلغان، تولۇق ئېكراندا تەھرىرلەش قاتارلىق يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلغان، باشقۇرۇش بېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە رەڭگى يېڭىلانغان، IE6 نى قوللاش توختىتىلغان، PHP ۋە MySQL غا بولغان تەلىپى ئاشۇرۇلغان بولۇپ، بۇ نەشرىدىكى [...]

ۋوردپرەس 3.2 كاندىدات نەشرى تارقىتىلدى

2011-يىل 6-ئاينىڭ 21-كۈنى

سۈرئىتى تېزلەشتۈرۈلگەن ۋە بىر قىسىم يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلغان ۋوردپرەس 3.2 نەشرىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان تورداشلار ئاز بولمىسا كېرەك. گەرچە 3.2 نەشرىنىڭ 1- سىناق نەشرى 12- مايدا، 2- سىناق نەشرى 25- مايدا، 1- كاندىدات تارقىتىلما نەشرى 14- ئىيۇندا ئىنگلىزچە تارقىتىلغان بولسىمۇ، ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق سىناق نەشرى ئۇيغۇرچىنى تولۇق قوللىمىغاچقا تەرجىمىسى تارقىتىلمىغان ئىدى. بۇ قېتىم كەڭ تورداشلارنىڭ جىددىي [...]

ۋوردپرەس 3.1.3 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

2011-يىل 5-ئاينىڭ 27-كۈنى

بىخەتەرلىك جەھەتتىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلغان ۋوردپرەس 3.1.3 نەشرىنىڭ ئىنگىلىزچىسى 25- مايدا تارقىتىلغان ئىدى. بۈگۈن ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىنى تارقىتىشقا مۇۋەپپەق بولدۇق. بىخەتەرلىك جەھەتتىن ئويلاشقاندا دەرھال يېڭىلىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئورگان تورى: http://ug.wordpress.org/wordpress-3.1.3-ug_CN.zip بىلوگباس: http://filer.blogbus.com/4258529/resource_4258529_1306511319o.zip بۇ نەشرىدە ئاساسلىقى ھۆججەت يۈكلەش قاتارلىق مەشغۇلاتلاردىكى بىر نەچچە بىخەتەرلىك يوچۇقىغا ياماق سېلىنغاندىن باشقا، ئىمپورتلاش خاتالىقى كۆرۈلگەندىكى تۈزىتىش مەشغۇلاتى ياخشىلانغان. يەنە باشقۇرۇش بېتى [...]

ۋوردپرەس 3.2 بىرىنچى سىناق نەشرى ھەققىدە

2011-يىل 5-ئاينىڭ 15-كۈنى

(بۇ يازما ئورگان تورىنىڭ ئىنگىلىزچە بىلوگىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى) (نۆۋەتتىكى سىناق نەشرى ئوڭدىن سولغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تولۇق قوللىمىغاچقا ئۇيغۇرچە تارقىتىلمايدۇ) ۋوردپرەس 3.1 نى تېخى تۈنۈگۈن تارقاتقاندەكلا تۇيۇلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا ئۈچ ئاي بولدى. بۇ جەرياندا بىز ئاساسەن ئۇنىڭ ئىجرا بولۇشىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغان يېڭى نەشرىگە تەييارلىق قىلىپ، تۇنجى سىناق نەشرىنى تەييار قىلدۇق. ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، بۇ تېخى ئېچىش [...]

ۋوردپرەس 3.1.2 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

2011-يىل 4-ئاينىڭ 27-كۈنى

ۋوردپرەس 3.1.2 ئۇيغۇرچە نەشرى بۈگۈن رەسمىي تارقىتىلدى. باشقۇرۇش بېتىڭىزدە ئاپتوماتىك يېڭىلىۋېلىڭ. بۇ نەشرىدە ئاساسلىقى قوللانچى دەرىجىسىدىكى بىر يوچۇققا ياماق سېلىنىپ، ئالدىنقى نەشرىدىكى بىر قىسىم خاتالىقلار تۈزىتىلگەن. باشقا چوڭ ئۆزگىرىش يوق. تەپسىلاتىنى بىلەي دېسىڭىز ئىنگىلىزچە بەتنى كۆرۈپ باققايسىز. يېڭى نەشرىدە ئۆزىڭىزنىڭ ئې ئو تې ھۆججىتىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، wp-content/languages/fontfaces.css ھۆججىتىنى تەھرىرلەپ چىقىڭ. ئىنگىلىزچە نەشرىدە ئۆزگەرتىلگەن ھۆججەتلەر تۆۋەندىكىچە: [...]

ۋوردپرەس 3.1.1 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

2011-يىل 4-ئاينىڭ 6-كۈنى

ۋوردپرەس 3.1.1 ئۇيغۇرچە نەشرى بۈگۈن رەسمىي تارقىتىلدى. باشقۇرۇش بېتىڭىزدە ئاپتوماتىك يېڭىلىۋېلىڭ. بۇ نەشرىدە ئاساسلىقى 30 نەچچە تۈرلۈك بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىدار يامىقى قوشۇلغان. ئالاھىدە چوڭ ئۆزگىرىش يوق. تەپسىلاتىنى بىلەي دېسىڭىز ئىنگىلىزچە بەتنى كۆرۈپ باققايسىز. ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە 3.1 نەشرىدىكى TinyMCE غا قوشۇلغان ئۆزگەرتىش ئېلىۋېتىلدى. بۇندىن كېيىنمۇ باشقۇرۇش بېتىدىكى كۆرۈنمىلىك تەھرىرلىگۈچ ۋە تېز يوللاش كۆزنىكىگە بىۋاسىتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى [...]

ۋوردپرەس 3.1 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

2011-يىل 3-ئاينىڭ 3-كۈنى

ۋوردپرەس 3.1 ئۇيغۇرچە نەشرى بۈگۈن رەسمىي تارقىتىلدى. باشقۇرۇش بېتىڭىزدە ئاپتوماتىك يېڭىلىۋېلىڭ. ناۋادا ئىنگىلىزچە نەشرىگە يېڭىلاپ سالغان بولسىڭىز، باشقۇرۇش بېتىڭىزگە كىرگەندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئادرېسنى زىيارەت قىلىڭ: http://tor-betingiz-yaki-wordpress-ning-adresi/wp-admin//update-core.php ئۇيغۇرچە نەشرىدىكى ئۆزگىرىشلەر تۆۋەندىكىچە: 1. خەت شەكلى UKIJ Tuz Tom،AlKatip Tor ،Alpida Unicode System ،Uyghur Ekran قاتارلىق تۆت فونتقا توغرىلاندى. 2. بۇرۇنقى نەشرىدە قوشۇپ تارقىتىلغان fonts ھۆججەت قىسقۇچى ئۆچۈرۈۋېتىلدى. [...]