بىر ئايغا يېقىن جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق دۇنياغا داڭلىق بلوگ سۇپىسى- ۋوردپرەسنىڭ 2.7 نەشرى تامامەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقىلدى. نۆۋەتتە ئۇيغۇرچىنى بىۋاسىتە يېزىپ كىرگۈزۈش ئىمكانىيىتى بولمىسىمۇ، لېكىن پات ئارىدا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئىشەنچىمىز كامىل.
كۆپچىلىكنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن خاتالىق- سەۋەنلىكلەرنى بالدۇرراق تۈگىتىپ، مۇكەممەل بولغان ئۇيغۇرچە نەشرىنى ئاشكارا تارقىتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشىمىز!
مۇبارەك بولسۇن، ناھايتى ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ بۇ. شارائىتى بارلار سىناپ مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلايلى.
بولسا https://en.wordpress.org/wp-content/languages/css/ug_CN.css?1233660280 ھۆججىتىگە
*{font-family: ”AlKatip Tor“, ”ALKATIP Tor Web“, ”UKIJ Tuz Tom“, Arial, Helvetica, sans-serif;} نىلا قوشۋىتىلگەن بولسا، بۇ بەتنىڭ ھەممە خەت نۇسخىسى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى بولاتتىكەن.
ھازىرمۇ ئۇيغۇرچە ھالەتتىغۇ؟ دەل شۇ يۇقىرىقى ھۆججەتكە يۇقىرىقى كودنى قوشۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ھالەتكە ئەكەلگەن. ماۋزۇنىڭ ئۇلانماي چىقىۋېلىشىنى دەمسىز- يا؟ ئۇنى كېيىن بايقاپ قوشۇپ قويغان، لېكىن باشقۇرغۇچى تېخى يېڭى ھۆججەتكە ئالماشتۇرمىغان ئوخشايدۇ. پات ئارىدا بۇ مەسىلىمۇ ھەل قىلىنىدۇ.