WordPress.org

خەۋەر

ۋوردپرەس 2.7.1 ئۇيغۇرچە نەشرى

ۋوردپرەس 2.7.1 ئۇيغۇرچە نەشرى


بۈگۈن ۋوردپرەسنىڭ 2.7.1 نەشرى تارقىتىلدى. بۇ نەشرىگە يۇلغۇن تور بېكىتى تەمىنلىگەن كىرگۈزگۈچ قوشۇلۇپ، ئۇيغۇرچىنى بىۋاسىتە يېزىپ كىرگۈزۈش مەسىلىسى ھەل قىلىندى. قاچىلاش جەريانىمۇ ئاساسەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقىلدى.

ئۇيغۇرچە نەشرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە مۇھتاجمىز. خاتالىق- سەۋەنلىكلەرنى تولۇق تۈگىتىشىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىرلەرنى ئايىمىغايسىز!

“ۋوردپرەس 2.7.1 ئۇيغۇرچە نەشرى” غا 14 ئىنكاس بار

  1. بۇنى قاچىلىسام ھىچ بىر يەرلىرى ئۇيغۇرچە خەت يازغىلى بولىدىغاندەك ئەمەسيا بۇرادەر

  2. bedit.js توغرا قاچىلانماي قاپتىكەن، تۈزىتىپ بولۇپ ئەڭ يېڭى نەشرىنى تورغا چىقىرىپ قويدۇق.
    بلوگىڭىزنىڭ باشقۇرۇش بېتىدىكى «قوراللار» تىزىملىكىدىن «يېڭىلاش» نى تاللاپ، بلوگىڭىزنى ئەڭ يېڭى ئۇيغۇرچە نەشرىگە يېڭىلىۋېلىڭ. ئۇنىڭدىمۇ مەسىلە ئوڭشالمىسا، ۋوردپرەسنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇيغۇرچە نەشرىنى چۈشۈرۈپ، wp-content/themes/default مۇندەرىجىسىدىكى style.css ۋە header.php ھۆججەتلىرىنى تور بوشلۇقىڭىزدىكى ماس ھۆججەت بىلەن ئالماشتۇرۇۋېتىڭ ھەم bedit.js ھۆججىتىنى تور بوشلۇقىڭىزدىكى wp-content/themes/default نىڭ ئاستىغا كۆچۈرۈپ سىناپ بېقىڭ.
    بۇ ئۇسۇللاردىمۇ ئوڭشالمىسا، بىز بىلەن قايتا ئالاقىلىشىڭ. بلوگىڭىزنىڭ ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭ.

  3. سىلەرگە كۆپ رەخمەت

  4. يەنە ئوخشاشلا تۇرىدۇ بۇ، ئىچىگە قارىسام beditباركەن ،لىكىن خاتىرە ،ئىنكاس يازىدىغان يەرگە خەت يازسام ھىچقانداق ئۇيغۇرچە خەت يوق ،يەنىلا ئىنگىلىزچە ..
    comment قا edToolbar(›comment‹);
    دەپ يىزىپمۇ باقتىم يەنىلا ئوخشاش .
    jsنى كۆرسىتىپ بەرسەممۇ ئوخشاش بۇ .

  5. مۇمكىن بولسا قاچىلىغان ئادرېسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويامسىز؟

  6. مەن بۇنى كومپىيوتردا سىنىغانتىم .
    http://127.0.0.1/
    مۇشۇ شەكلىدە ،تەڭشەيدىغان باشقا يارلىرى بارمۇ يا بۇنىڭ

  7. ۋوردپرەس 2.7.1 ئۇيغۇرچە نەشرىنى PHP ۋە MySQL نى قوللايدىغان بىرەر تور بوشلۇقىغا قاچىلاپ ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. شۇندىلا /http://moorshidi.izfree.com دىكىگە ئوخشاش، ئۇيغۇرچىنى بىمالال كىرگۈزگىلى بولىدۇ.

  8. رەخمەت ،مەن شۇنداق قىلىپ باقاي ئۇنى

  9. مەن شۇنداق قىلىپ باقاي ،بولمىسا يەنە سىلەرنى ئاۋارە قىلىمەن، لىكىن بۇنى كومپىيۇتېردا سىنىسىمۇ ئوپمۇ- ئوخشاش تۇرسا، ئەسلى ئۇيغۇرچە يېزىلىشى كېرەكتى.

  10. ئەسسالام، ئۇيغۇرچە ۋوردپرەسنى ۋە ماۋۇ ھەقسىز بوشلۇقنى ئىشلىتىپ بىلوگېردىكى بىلوگىمنى ئوڭۇشلۇق يۆتكىۋالدىم. سىزلەرگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.
    http://www.000webhost.com/169075.html
    بىلوگىمغا ئۇيغۇرچە ۋوردپرەسنى ئۇلىنىش قىلىپ قوياي دېگەن، بىراق ۋوردپرەس بىلوگىنىڭ ۋەتەندە ئېچىلمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ سىزلەردىن ۋوردپرەسنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى http://moorshidi.izfree.com/ غا قوشۇپ قويۇشىڭىزلارنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنىڭدا مەن شۇ بىلوگنى ئۇلىنىش قىلىۋالسام كۆپرەك كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا ياخشى بولاتتى.

  11. قوللىغىنىڭىزلارغا كۆپ رەھمەت.
    ۋوردپرەس 2.7.1 ئۇيغۇرچە نەشرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى باش بەتتە ۋە ئايرىم يازمىدا تەمىنلەندى. چۈشۈرۈش ئادرېسلىرىدا مەسىلە بايقالسا ئىنكاس قىلىپ قويۇشىڭىزلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

  12. چۈشۈرۈش ئادرىسى ئىشلىدى. ئەمدى سىزلەردىن سورايدىغان يەنە بىر سوئال، بىر ۋوردپرەس ئۇسلۇبىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن قانداق باسقۇچلارنى بېسىش كېرەك؟ يەنە قانداق قىلىپ خەتكۈچلەرنى باش بەتتە كۆرۈندىغان قىلغىلى بولىدۇ؟
    بۇ سوئاللىرىمغا ئايرىم يازما يېزىپ جاۋاب بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ، چۈنكى ھازىر ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ۋوردپرەس ئۇسلۇبى پەقەت بىرلىكەن، شۇڭا كۆپرەك ئۇسلۇبلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش زۆرۆركەن دەپ ئويلاپ قالدىم. ئۆزەمنىڭمۇ شۇنىڭغا ھاجىتىم چۈشۈۋاتىدۇ.

  13. ئويغۇرچە كىرگۈزۈش توغرىسىدا بىر تەپسىلى ماترىيالنى يوللىغان بولساڭلار بۇپتىكەن ،

  14. بىزنىڭ ئىشلەتكىنىمىز يۇلغۇن تور بېكىتىدىن مۇھەممەت ئابدۇللا ئەپەندى تەمىنلىگەن يۇلغۇن تور يۈزىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش دېتالى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلىنى تۆۋەندىكى ئادرېسلاردىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.

    1. يۇلغۇن تور بېكىتى
    http://www.yulghun.com/news/vkb.html

    2. بىلىك كۇلۇبى
    http://bbs.bilik.cn/viewthread.php?tid=226

جاۋاب يېزىش

سەھىپەلەر

خەتلەت