بۈگۈن ۋوردپرەسنىڭ 2.8 نەشرى تارقىتىلدى. بۇ نەشرىدىمۇ ئالدىنقى نەشرىگە ئوخشاشلا يۇلغۇن تور بېكىتى تەمىنلىگەن تور يۈزىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش دېتالى قوشۇلۇپ، ئۇيغۇرچىنى بىۋاسىتە يېزىپ كىرگۈزۈش مەسىلىسى ھەل قىلىندى. قاچىلاش جەريانىمۇ ئۇيغۇرچە بولدى.
ۋوردپرەس ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېڭىلىنىپ تۇرغاچقا، ئۇيغۇرچە نەشرىنى تەييارلاشتىمۇ ۋاقىت قىس بولۇپ قالدى. شۇڭلاشقا تەرجىمىنى مۇكەممەل دەپ ئېيتالمايمىز. ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە موھتاجمىز.
تەكلىپ- پىكىرلىرىڭىز بولسا مۇشۇ يازما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىسىڭىز بولىدۇ. ياكى «ئالاقە» بېتىدىن پايدىلىنىپ بىۋاسىتە ئېلخەت يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. خاتالىق- سەۋەنلىكلەرنى تولۇق تۈگىتىشىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىرلەرنى ئايىمىغايسىز!
باشقا چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى
ۋوردپرەس 2.8 ئۇيغۇرچە نەشرىنى ۋوردپرەس رەسمىي تور بېتىدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى ئادرېسلاردىنمۇ چۈشۈرۈشكە بولىدۇ.
جاۋاب يېزىش
ئىنكاس يېزىش ئۈچۈن چوقۇم تىزىمغا كىرىشىڭىز كېرەك.