ۋوردپرەس 2.8 ئۇيغۇرچە نەشرى

بۈگۈن ۋوردپرەسنىڭ 2.8 نەشرى تارقىتىلدى. بۇ نەشرىدىمۇ ئالدىنقى نەشرىگە ئوخشاشلا يۇلغۇن تور بېكىتى تەمىنلىگەن تور يۈزىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش دېتالى قوشۇلۇپ، ئۇيغۇرچىنى بىۋاسىتە يېزىپ كىرگۈزۈش مەسىلىسى ھەل قىلىندى. قاچىلاش جەريانىمۇ ئۇيغۇرچە بولدى.

ۋوردپرەس ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېڭىلىنىپ تۇرغاچقا، ئۇيغۇرچە نەشرىنى تەييارلاشتىمۇ ۋاقىت قىس بولۇپ قالدى. شۇڭلاشقا تەرجىمىنى مۇكەممەل دەپ ئېيتالمايمىز. ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە موھتاجمىز.

تەكلىپ- پىكىرلىرىڭىز بولسا مۇشۇ يازما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىسىڭىز بولىدۇ. ياكى «ئالاقە» بېتىدىن پايدىلىنىپ بىۋاسىتە ئېلخەت يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. خاتالىق- سەۋەنلىكلەرنى تولۇق تۈگىتىشىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىرلەرنى ئايىمىغايسىز!

باشقا چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

ۋوردپرەس 2.8 ئۇيغۇرچە نەشرىنى ۋوردپرەس رەسمىي تور بېتىدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى ئادرېسلاردىنمۇ چۈشۈرۈشكە بولىدۇ.

ئادرېس 1: izfree.com

ئادرېس 2: بلوگباس

ئادرېس 3

«ۋوردپرەس 2.8 ئۇيغۇرچە نەشرى» غا «5» پىكىر بار

  1. شۇنداق. «قوراللار» تىزىملىكىدىن «يېڭىلاش» بېتىگە كىرىپ، ئۇيغۇرچە نەشرىنى ئاپتوماتىك يېڭىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.

  2. ھەر ھالدا تەلىيىمگە بوشلۇقۇم ئۆزى ئەسلىگە كېلىپ قالدى، سىز دېگەن 2.7.1 نىڭ يېڭىسىنى چۈشۈرۈپ themes/default نىڭ ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى ئالماشتۇرسام بىلوگىمدا ئۆزگىرىش بولمىدى، خاپا بولماي قاراپ باققان بولسىڭىز.

  3. http://moorshidi.izfree.com مۇ ھەقسىز بوشلۇق. ۋوردپرەسنى تەرجىمە قىلىپ بولغاندىن كېيىن مۇشۇ بوشلۇقتا تەكرار- تەكرار سىناپ كۆرۈپ ئاندىن تارقاتقان. شۇنداقتىمۇ يەنە تەكشۈرۈپ باقايلى.
    سىزگە بىھۇدە ئاۋارىچىلىق كەلتۈرگەنلىكىمىزدىن خىجىلمىز.

جاۋاب يېزىش