ۋوردپرەس 2.8.1 ئۇيغۇرچە نەشرى

بۈگۈن ۋوردپرەسنىڭ 2.8.1 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى.بۇ قېتىم ۋوردپرەس كۆڭۈلدىكى ئۇسلۇبىدىن باشقا يەنە baughxie نامىدىكى بىر ئۇسلۇب ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇپ قوشۇپ تارقىتىلدى.

بۇ قېتىممۇ ۋوردپرەس ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېڭىلاندى. ئۇيغۇرچە نەشرىنى تەييارلاشتىمۇ ۋاقىت قىس بولۇپ قالدى. گەرچە تىل بولىقى 99 پىرسەنت تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر قېتىم يەنە بىر قىسىم ئەسلى ھۆججەت كودىنى ئۆزگەرتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاچقا، تەرجىمىدە خاتالىق– سەۋەنلىكلەرنىڭ ساقلىنىشى تەبىئىي. شۇڭا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەنقىدىي تەكلىپ– پىكىرلەرنى بېرىشىنى قارشى ئالىمىز.

تەكلىپ- پىكىرلىرىڭىز بولسا مۇشۇ يازما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىسىڭىز بولىدۇ. ياكى «ئالاقە» بېتىدىن پايدىلىنىپ بىۋاسىتە ئېلخەت يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. خاتالىق- سەۋەنلىكلەرنى تولۇق تۈگىتىشىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىرلەرنى ئايىمىغايسىز!

باشقا چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

ۋوردپرەس 2.8.1 ئۇيغۇرچە نەشرىنى ۋوردپرەس رەسمىي تور بېتىدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى ئادرېسلاردىنمۇ چۈشۈرۈشكە بولىدۇ.

ئادرېس 1: izfree.com

ئادرېس 2: بلوگباس

ئادرېس 3