ۋوردپرەسنى ياقتۇرۇپ ئىشلەتكىنىڭىزلارغا كۆپ تەشەككۈر!
دوستلىرىمىزغا ئايان بولغىنىدەك، ۋوردپرەس بلوگ سىستېمىسى 2.7 نەشرىدىن تارتىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇپ، ۋوردپرەس رەسمىي تور بېكىتىدە تارقىتىلىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى باشقا سىستېمىلارغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا تېز بولۇپ، بەزىدە بىر نەشرىنىڭ تەرجىمىسىنى تۈگىتىپ تەڭشەپ- سىناپ ئېلان قىلىپ بولغىچە يەنە بىر نەشرى ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەھۋاللارمۇ بار.
بۇ قېتىممۇ ئىنگىلىزچە 2.9 نەشرى ئۆتكەن يىلى 18- دېكابىردا تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 22- دېكابىر تارقىتىلغان ئىدى. نۆۋەتتە ئىنگىلىزچە 2.9.1 نەشرىمۇ تارقىتىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. ھەر قېتىم ئۇنىڭ تەرجىمىسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن قايتا- قايتا سىناپ تارقىتىپ كەلگەن ئىدۇق. لېكىن بۇ قېتىم تولۇق سىناپ چىقىشقا مۇمكىن بولماي قالدى. ئاساسلىقى مۇقىم ئىشلەپ بېرىدىغان بىر PHP+MySQL بوشلۇقىنىڭ بولمىغانلىقى بىر مەسىلە بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە سىناپ، كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ تۇرۇۋاتىمىز.
ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشقا كەلسەك، ئادەتتە ۋوردپرەس ئۇسلۇبلىرىنى 2 تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. بىرى، تۈزگۈچىلەر باشتىلا تەرجىمىسىنى ئويلىشىپ، تەرجىمە قىلىش زۆرۈرىيىتى بولغان ئۇچۇرلارنى ئايرىم تىل بولىقى شەكلىدە تەمىنلىگەن ئۇسلۇبلار. بۇنداق ئۇسلۇبنىڭ فونتىنى ئۇيغۇرچە فونتقا تەڭشەپ قويۇپ، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قوشۇپ قويسىڭىزلا ئۇيغۇرچىلىشىدۇ.
يەنە بىرى، تەرجىمە ھۆججىتى تەمىنلەنمىگەن ئۇسلۇبلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ فونتىنى تەڭشىگەندىن باشقا يەنە ھەر بىر ھۆججەتتىكى ئۇچۇرلارنىمۇ بىر- بىرلەپ تەرجىمە قىلىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشتا، ۋوردپرەس رەسمىي تور بېتىدە تارقىتىلغان ئۇيغۇرچە نەشرىنىڭ كۆڭۈلدىكى ئۇسلۇبى ئىچىدىكى ug_CN.po ھۆججىتىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ. ئۇنىڭدا ئاساسەن بارلىق ئۇسلۇبلارغا ئورتاق بولغان ئۇچۇرلار ساقلانغان بولغاچقا، ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشتا كۆپ ئەسقېتىشى مۇمكىن.
پات ئارىدا بىر قىسىم ئۇسلۇبلارنى تەرجىمە قىلىپ چىقىش پىلانىمىز بار. ئىنشائاللاھ، بۇ ئىشىمىزنىمۇ بىر كۈنى روياپقا چىقارغايمىز.
ۋوردپرەس ئۇيغۇرچە تەرجىمە گۇرۇپپىسى
جاۋاب يېزىش
ئىنكاس يېزىش ئۈچۈن چوقۇم تىزىمغا كىرىشىڭىز كېرەك.