بۈگۈن ۋوردپرەسنىڭ 2.9.1 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى.
كۆپچىلىكنىڭ چۈشۈرۈپ سىناپ كۆرۈپ، پىكىر- تەكلىپلىرىنى بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
بىرەر مەسىلە بايقىسىڭىز ئۈستى تەرەپتىكى «ئالاقە» بېتى ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزۈپ قويۇشىڭىزنى، ياكى ۋوردپرەس مۇنبىرىگە يوللاپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ۋوردپرەس 2.9.1 ئۇيغۇرچە نەشرى
“ۋوردپرەس 2.9.1 ئۇيغۇرچە نەشرى” غا 6 ئىنكاس بار
-
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندېشىم. كۆپ رەھمەت. مەن ئوقۇش ھەلەكچىلىكىدە بولۇپ قېلىپ، بۇ بىلوگ ئىشىغا جىددىلا تۇتۇش قىلغان. ھازىرچە مۇشۇنچىلىك قىلالىدىم. بۇ بىلوگنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا خېلىلا كۈچ چىقىرىش ئارزۇيىمىز بار ئىدى. لېكىن ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئىشلىرىدا قىيلىنىپ قالدۇق. سىلەردەك كەسىپ ئىگىللىرىنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى قېرىنداغلىرىمىغا بېغىشلانغان بۇ ئۇچۇر تۇرايىنىڭ غەلبىلىك قۇرۇلىشىغا ياردەم قىلىشىڭلارنى چىن كۆڭلىمىزدىن تەكلىپ قىلىمىز. كانادادىكى پۇتۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئوتلۇق سالام.
moorshidi ئەپەندىم، ئەلۋەتتە بولىدۇ .
ياردەم قىلىشنى خالايدىغان دوستلارنىڭ بىز بىلەن ئالاقە قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
Email:uyghurstudent1@gmail.com -
ئەلۋەتتە، خەلقىمىزگە پايدىلىق ئىشلارغا قولىمىز كۆكسىمىزدە.
سىزلەر ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبنى تولۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بىزمۇ كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ياردەمدە بولىمىز. ئاۋال كود قىسمىدىكى ئۇچۇرلارنى تەرجىمە قىلىپ چىقايلى. ئاندىن باشقا تەڭشىگۈدەك يەرلىرىنى بىرلىكتە تەڭشەپ چىقايلى.
تەڭشەش جەريانىدا قانداقلا قىيىنچىلىققا يولۇقسىڭىز ئىنكاس قىلىڭ.
ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمىز.ۋوردپرەس ئۇيغۇرچە تەرجىمە گۇرۇپپىسى
-
موشۇ جايغا قالدۇرۇپ قوياي. بەزى blogbus تىن كۆچمەكچى بولغانلارغا ئەسقېتىپ قېلىشى مۇمكىن.
blogbus تىن wordpress كە كۆچۈش ئۇسۇلى
http://uiguuri.comze.com/viewtopic.php?f=14&t=153 -
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
پايدىلىق ئۇچۇرىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
ئۇچۇرىڭىزغا ئاساسەن بۇ كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىپ بېقىپ، سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن ۋوردپرەسنىڭ نۆۋەتتىكى 2.9.1 ئۇيغۇرچە نەشرىگە قوشۇۋەتتۇق. باشقۇرۇش بېتىدىكى «قوراللار» تىزىملىكىنىڭ «ئىمپورتلاش» بېتىدە بۇ كىرگۈزگۈچنى ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولدى.
يەنە مۇشۇنداق پايدىلىق ئۇچۇرلار بىلەن داۋاملىق تەمىنلەپ تۇرغايسىز.مۇرشىدى
ۋوردپرەس ئۇيغۇرچە تەرجىمە گۇرۇپپىسى -
ۋوردپرەس 2.9.0 نۇسخىسىنى ئىشلەتكەن ئىدىم، ئەمما ئارقا باشقۇرۇش بېتىدىكى ئۆچۈرۈشتىن ھېچقانداق يازمىنى ئۆچۈرەلمىدىم. http://www.tolunay.info/wordpress
جاۋاب يېزىش
ئىنكاس يېزىش ئۈچۈن چوقۇم تىزىمغا كىرىشىڭىز كېرەك.