«ئۇسلۇبلار» بلوگى قۇرۇلدى

ۋوردپرەس ئۇسلۇبلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش نۆۋەتتە ۋوردپرەس بلوگ سىستېمىسىنى ئەركىن ئىشلىتىشتىكى بىر توسالغۇ بولۇپ تۇرماقتا. ئۇيغۇرچە ۋوردپرەس ئىشلەتكۈچى تورداشلارنىڭ جىددي ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، ۋوردپرەس.كوم تور بېكىتىدە «ئۇسلۇبلار» نامىدا بىر بلوگ قۇرۇپ چىقتۇق.

بۇ بلوگدا مەخسۇس ۋوردپرەس ئۇسلۇبلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش بىلىملىرى ۋە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ۋوردپرەس ئۇسلۇبلىرىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىش توغرىسىدىكى بىلىملەر نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇلماقچى. نۆۋەتتە ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشقا يېتىشىپ بولالمىغانلىقىمىز سەۋەبىدىن، ئالدى بىلەن ئىشنى ئۇسلۇب ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنىڭ قەدەم- باسقۇچلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشتىن باشلىدۇق. كېيىنچە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ئۇسلۇبلارنى تەدرىجىي تۈردە قوشۇپ ماڭماقچىمىز.

ئۇسلۇب ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا قىزىقىدىغان تورداشلارنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى، تەكلىپ- پىكىر بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

بلوگ ئادرېسى: /http://uslublar.wordpress.com

««ئۇسلۇبلار» بلوگى قۇرۇلدى» غا «10» پىكىر بار

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇ تور بەتكە قانداق تىزىملىتىمىز؟ بىز بلوگباستا بلوگ قۇرغان، ئەمدى بۇنى كۆرۈپ قىزىقىپ قالدۇق. قەيەردىن تىزىملىتىدۇ؟ قانداقراق بېزەيدۇ؟ شۇ توغرىلىق مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار.

  2. ۋوردپرەسنى ياقتۇرغانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
    سىزنىڭ سوئالىڭىز يېزىلغان ۋە سىز بۇ جاۋابنى ئوقۇشتا كۆرۈۋاتقان بۇ تور بەت مەخسۇس ۋوردپرەسنى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇپ، دۇنيادىكى ھەر بىر خىل تىل ئۈچۈن پەقەت بىرلا قىسمىي ئادرېس تەمىنلەنگەن. بۇ ئادرېستىن خالىغانچە بلوگ ئېلىش مۇمكىن ئەمەس.

    لېكىن سىز ۋوردپرەس.كوم (wordprgss.com) غا بېرىپ خالىغانچە بلوگ ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ (ئېسىمدە قېلىشىچە بىر قوللانچى نامىدا 50 بلوگ ئىلتىماس قىلىشقا بولىدىغۇ دەيمەن). ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا بلوگ تىلى ئۈچۈن ئۇيغۇرچىنى تاللىسىڭىز، ئۇ ھالدا باش بەت ۋە ئارقا باشقۇرۇش سەھنىسىنىمۇ ئۇيغۇرچىدا ئىشلىتەلەيسىز. بىرلا يېرى، ئۇنىڭ ھەرقانداق يېرىدە ئۇيغۇرچىنى بىۋاسىتە كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشمىغان. يەنە ئۇچۇرلارمۇ تولۇق تەرجىمە قىلىنمىغان دېگەندەك كەمچىلىكلىرى بار. بۇ تىل جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكى.

    باشقۇرۇش جەھەتتە بولسا، سىز پەقەت باشقىلار تەمىنلىگەن ئۇسلۇبلارنىلا ھەقسىز ئىشلىتەلەيسىز. ئۇسلۇبنى ئۆزىڭىز بېزەيمەن دېسىڭىز ھەر ئايلىقىغا ھەق تۆلىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. يەنە گۇگۇل قاتارلىقلارنىڭ ئېلان مۇلازىمىتى، ئىستاتىستىكا مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنى ئىشلىتەلمەيسىز. ھەر قانداق جاۋاسكرىپت قوشۇش ئۈچۈن يەنە ھەق تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ.

    ئۇسلۇب مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن- بىر ئۇسۇلى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان ياكى ئۆزىڭىز تۈزىگەن ئۇسلۇبنى ۋوردپرەس ئۇسلۇب مۇندەرىجىسىگە قوشۇۋېتىشتىن ئىبارەت. بۇنداقتا بۇ ئۇسلۇبنى باشقىلارمۇ بىمالال ئىشلىتەلەيدۇ، يەنى ئۇ سىزگىلا تەۋە نەرسە بولماي قالىدۇ.

    ئەگەر ۋوردپرەسنى خالىغانچە ئىشلىتەي دېسىڭىز يەنىلا PHP+MySQL بوشلۇقى ئېلىپ، مۇستەقىل ئادرېسقا قاچىلاپ ئىشلىتىڭ. ئۇنىڭ ئەڭ يېڭى نەشرىنى ھەر ۋاقىت مۇشۇ تور بەتتىن چۈشۈرەلەيسىز.

    تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى كۆرۈپ بېقىڭ. ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ۋوردپرەس كۆڭۈلدىكى ئۇسلۇبى ئىشلىتىلگەن. باشقا بىر قىسىم ئۇچۇرلارمۇ بار. ياردىمى بولسا ئەجەپ ئەمەس..

    http://uslublar.wordpress.com/

  3. «ئۇسلۇبلار» بلوگى ۋوردپرەس.كوم سۇپىسىدىن ئېلىنغان. بەلكىم رەسىم كۆپ بولغاچقا تەستىرەك ئېچىلىشى مۇمكىن. باشقا بىر كومپيۇتېر ياكى باشقا بىر توردا قايتا ئېچىپ كۆرۈپ باقامسىز؟
    پەقەت بولمىسا بۇ ئۇسلۇبلارنى چۈشۈرۈپ ئېلخەتتە ئەۋەتىپ بېرەيلى.

  4. wordpress نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى 3.0.2 دىكى تۈزىتىلگەن يېڭىلىقلار ناھايىتى كۆپ ئىكەن، ناھايىتى ياخشى بوپتۇ. ئەجرىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت!
    مەن ھېس قىلغان بىر تەرەپ بۇ نەشرىدىكى خەت نۇسخىسى firefox جاھاننامىسىدە نورمال كۆرۈنمەيدىكەن.

  5. رەھمىتىڭىزگە ھەشقاللا.
    مۇمكىن بولسا ۋوردپرەسنى قاچىلىغان ئادرېسىڭىز ۋە ئىشلىتىۋاتقان ئوتتۈلكە (Firefox) جاھاننامىڭىزنىڭ نەشرىنى قالدۇرغان بولسىڭىز.

  6. ئىشلىتىۋاتقىنىم Mozilla Firefox 4.0 Beta 8، ئادىرىس http://izden.xp3.biz ، يەنە بىر ئەھۋال تېمىسىنى جاھاننامىدە كۆرگەندە قۇر ئاتلىماي ، سول تەرەپتىكى ئىستوندىكى خەتنىڭ ئۈستىگىلا چىقىۋالدى.كەچۈرۈڭ، نەچچەكۈندىن بېرى تورغا چىقالماي، خېتىڭىزگە جاۋاب يازالمىدىم. مەن قانچە ھەپىلەشسەممۇ ئاۋۇ ئۇسلۇبلار تور بېتىنى ئاچالمىدىم. بولسا ياخشىراق ئۇسلۇب بولسا، matematika@126.com غا ئەۋەتىپ بېرەلىگەن بولسىڭىز، بەك مىننەتدار بولغان بولاتتىم…

  7. ئۇسلۇبلار بلوگى ئېچىلمىدى. ماڭا جىددى بىر ئۇسلۇب لازىم ئىدى.ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشنى ئۆگىتىدىغان دەرسلىك ياكى تور بەت ئادىرىسى بولسا ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىلا. تەييار ئۇسلۇب بولسا تېخمۇ ياخشى بولاتتى. مېنىڭ ئېلخەت ئادىرىسىم:
    matematika@126.com . ھە راست ئالدىنىقى قېتىمقى سۇئاللىرى جاۋاپسىز قاپتۇ. كەچۈرسىلە. مەن ئىشلىتىۋاتقان جاھاننامە ئوت تۈلكە beta8 نەشرى. بىلوگ ئادىرىسى http://izden.xp3.biz

  8. ئالدىراشچىلىقتا جاۋابىمىز كېچىكىپ كېتىپ قالدى، كەچۈرگەيسىز.
    بلوگىڭىزنى ئوتتۈلكىنىڭ 3.6.13 نەشرىدە ئېچىپ كۆرۈپ باقتىم. شۇنچە قاراپمۇ بىرەر مەسىلە بايقىمىدىم. بىر بولسا ئۇسلۇبتا ئەمەس، باشقۇرۇش بېتىدە نورمال كۆرۈنمەيۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر بولسا، سىز ئىشلىتىۋاتقان ئوتتۈلكە 4.0 سىناق نەشرى بولغاچقا فونت ھۆججىتىنىڭ ئورنى توغرا كۆرسىتىلمەسلىك قاتارلىق بەزىبىر مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن.
    بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باشقۇرۇش بېتىنىڭ ئۇسلۇب ھۆججەتلىرى ساقلانغان wp-admin/css ھۆججەت قىسقۇچىدىكى يېقىندىراق ئۆزگەرتىلگەن 18 ھۆججەتنىڭ ئىچىدىكى فونت ھۆججىتىنىڭ ئورنىنى باشقىدىن كۆرسىتىپ ئۆزگەرتىپ كۆرۈپ بېقىڭ. فونت ھۆججىتىنىڭ ھازىرقى ئورنى:
    fonts/بلوگىڭىزنىڭ ئادرېسى//:http
    ياكى پات ئارىدا تارقىتىلىدىغان ۋوردپرەسنىڭ 3.1 نەشرىنى ساقلاپ تۇرسىڭىزمۇ مەيلى. 3.1 نەشرىدە تېخىمۇ قولايلىق بولغان ئې ئو تې ئۇلاش ئۇسۇلىنى ئىشلەتمەكچىمىز.

  9. مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بىر قىسىم ئۇسلۇبلارنى ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا يوللاپ قوياي.
    تېخىمۇ كۆپ ئۇسلۇبلارنى باشقۇرۇش بېتىڭىزنىڭ «كۆرۈنۈش»-«ئۇسلۇبلار»-«ئۇسلۇب قاچىلاش» بېتىدىن تاپالايسىز. ئىزدىگەندە «ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغان» (ياكى RTL-language-support) تاللىشىنى قوشۇپ قويغايسىز.

جاۋاب يېزىش