ۋوردپرەس ئۇيغۇرچە 3.0 نەشرى تارقىتىلدى

يېڭى بىر ئەۋلاد شەخسىي ئۇچۇر نەشرىيات سۇپىسى بولغان ۋوردپرەس 3.0 نەشرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 2- ئىيۇلدىن باشلاپ رەسمىي تور بېكىتىدە تارقىتىلىشقا باشلىدى.
بۇ قېتىمقى زور كۆلەملىك ئۆزگەرتىشتە يېڭىدىن نۇرغۇن ئۇچۇرلار قوشۇلۇپ، بىر قىسىم ئۇچۇرلار ئۆزگەرتىلىپ، ئەسلىدىكى 100 پىرسەنت تاماملانغان تەرجىمە بىراقلا 73 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغان ئىدى. يېڭى ئۇچۇرلارنىڭ تور بەتتىكى ئورنىنى جەزملەش ۋە مەنىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرجىمىسىنى بېكىتىش جەريانىدا ئاز بولمىغان قىيىنچىلىقلار كۆرۈلدى. شۇنداقتىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تەرجىمىنى 92 پىرسەنتكە يەتكۈزدۇق. بىر قىسىم ئۇچۇرلارنىڭ تەرجىمىسى تېخى تولۇق پۈتمىگەن بولسىمۇ، تورداشلارنىڭ ئىشلىتىپ سىناپ بېقىشى ئۈچۈن بالدۇرراق تارقىتىشنى قارار قىلدۇق. تەرجىمىنىڭ پۈتمىگەن قىسمى 3.1 نەشرىدە تولۇقلانماقچى. ۋاقىپ بولغايسىزلەر.

«ۋوردپرەس ئۇيغۇرچە 3.0 نەشرى تارقىتىلدى» غا «24» پىكىر بار

  1. مەن ۋوردپرەس ئۇيغۇرچە 3.0 نەشىرىنى قاچىلىغان، لېكىن ئالدى بەت ۋە ئارقا سۇپىنىڭ خەتلىرى نورمالسىز. بۇ قانداق ئەھۋالدۇر.

    Men wordpres uyghurche 3.0 neshirini qachilighan, lékin aldi bet we arqa supining xetliri normalsiz. Bu qandaq ehwaldur.

  2. ۋوردپرەسنى ياقتۇرۇپ ئىشلەتكەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت!

    يېڭى نەشىردىكى ۋوردپرەسنىڭ فونتى ئۇيغۇرچە فونتقا تەڭشەلمىگەن. بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى ئۇلانمىدا تەپسىلىيرەك چۈشەندۈرۈلگەن.
    http://uyghurche.wordpress.com/2010/04/24/wordpress-3-elan-qilinidu

    يۇقارقى سەۋەبتىن ئەڭ يېڭى نەشىردىكى ئارىيال ۋە تاخوما فونتلىرى بولمىغان كومپىيۇتېرلاردا خەتلەر ئۇلانماي چىقىدىغان ئەھۋال مەۋجۇد. تەرجىمە گۇرۇپپىمىز تەرىپىدىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش پىلانىمىزمۇ ھازىرچە يوق بولغاچقا،فونتنى ئۇيغۇرچىغا توغرىلاش ئۈچۈن CSS ھۆججىتىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئۆزگەرتىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.

    سىزگە ئاۋارىچىلىق كەلتۈرگەنلىكىمىزدىن خىجىلمىز. شۇنداقتىمۇ توغرا چۈشىنىشىڭىزنى سورايمىز.

  3. توغرا چۈشەنمەمدىغان، سىلەر بۇنداق ياخشى ئىشلارنى قىلىۋاتقان تۇرساڭلار.
    ئارقا بەتتىكى خەتلەرنى نورمال كۆرسىتىش ئۈچۈن قايسى نامدىكى css ھۆججىتىنى تەڭشەيمىز؟ ھۆججەت نامىنى دەپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ. شۇنداق ئاقتۇرۇپ تاپالماي قالدىم، ۋوردپرەسكە eot ھۆججىتى كەتمەمدۇ؟

  4. رەھمەت.
    باش بەت ۋە ئارقا سۇپىنىڭ CSS ھۆججىتى wp-admin/css/ نىڭ ئىچىدە. dashboard دىن باشلانغانلىرى شۇ. يەنە login ۋە wp-admin دىن باشلانغانلىرىنىمۇ تەڭشەشكە توغرا كېلىشى مۇمكىن.

    بەزىبىر كونۇپكا قاتارلىقلار جاۋاسكرىپت ئارقىلىق كۆرسىتىلىدىغان بولغاچقا، بىر قىسىم ئورۇنلاردىكى فونتنى ئۇيغۇرچىغا توغرىلاش ئۈچۈن يەنە /wp-includes/js/tinymce/themes/advanced/skins نىڭ ئىچىدىكى CSS ھۆججەتلىرىنىمۇ تەڭشىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.

    ۋوردپرەس تور بېتىڭىزگە eot قوشۇۋالسىڭىزمۇ تامامەن بولىدۇ. ۋوردپرەسنىڭ ()add_action فۇنكىسىيىسى ئارقىلىق خالىغان كودنى ئىجرا قىلدۇرالايسىز. eot نىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا قوشۇۋەتكىلى بولۇشى مۇمكىن. /wp-content/languages/ نىڭ ئىچىدىكى ug_CN.php دىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ. بولمىسا CSS قا قوشۇۋېتىڭ.

  5. Parse error: syntax error, unexpected ›>‹ in D:\APMServ5.2.6\www\htdocs\wp-admin\setup-config.php on line 55

    setup-config.php نى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا بىرەر بەلگە قوشۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ. كۆرۈپ باقسىڭىز بوپتىكەن.

  6. تۈزىتىش بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت!

    كۆرسەتكىنىڭىز بويىچە تەكشۈرۈپ چىقتۇق. 3.0 ۋە3.0.1 نەشرىنىڭ ھەر ئىككىسىدە ئوخشاش خاتالىق سادىر بوپتۇ. يەنى 55- قۇردا ئىشلىتىلگەن قوش پەشتە مەسىلە باركەن، ھازىر تۈزىتىلدى. ئەمدى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. سىزگە ئاۋارىچىلىق كەلتۈرگەنلىكىمىزدىن خىجىلمىز.

    ۋوردپرەسنى كۆڭۈللۈك ئىشلىتىشىڭىزگە تىلەكداشمىز.

    ۋوردپرەس ئۇيغۇرچە تەرجىمە گۇرۇپپىسى

  7. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
    ئالدى بىلەن ھەرقايسىڭلار رەھمەت.
    قانداق قىلغاندا 3.0 نەشىرىنى 3.0.1 نەشىرگە يۇقۇرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟
    مەن ئارقا بەتكە كىرىپ نەشىرىنى يۇقىرىلىتىش دېگەن خەتنى باسساق يېرىم يولغا كەلگەندە خاتالىق كۆرۈلدى. تور سۈرىتىنىڭ ياكى نەشىرىنى تەمىنلىگەن بوشلۇقنىڭ ئىشى بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم. شۇنداقتىمۇ ئايرىم قاچىلاپ ئىشلىتىپ تۇرۋاتىمەن. ئەگەردە ئۆزىمىز قاچىلاش بولىقىنى كومپيۇتېرغا چۈشۈرۈپ يۇقۇرى كۆتۈرمەكچى بولساق قانداق قىلىمىز، تەلىم بەرسىڭىز.

    3.0.1 نەشىرگە قانداق يېڭىلىقلار قېتىلغاندۇ؟

  8. بۇنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن ناھايىتى ياقتۇردۇق!
    مەسىلە شۇكى، ۋورپرەسنىڭ net. سۇپىسىدىكى نەشىرى بارمىدۇ؟

    بۇنى سورىشىمنىڭ سەۋەبى: asp.net VS asp,php,jsp

  9. نىجات ئەپەندىگە:
    3.0.1 نەشرىدىكى ئۆزگەرتىشلەرنى بۇ يەردىن كۆرەلەيسىز:
    https://codex.wordpress.org/Version_3.0.1

    سىز ئېيتقاندەك، بىر قىسىم مۇلازىمېتىرلاردا ئاپتوماتىك يېڭىلاشتا خاتالىق كۆرۈلىدىغان ئەھۋال مەۋجۇد. بۇ ئاساسەن ۋوردپرەس قاچىلانغان مۇلازىمېتىر بىلەن ۋوردپرەس رەسمىي تور بېكىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سۈرئىتى قاتارلىقلارغا باغلىق. يېڭىلاشتا خاتالىق كۆرۈلسە سەل تۇرۇپ قايتا سىناپ كۆرۈڭ. يەنىلا خاتالىق كۆرۈلگەن ئەھۋالدا، 3.0 نەشرىدىن 3.0.1 نەشرىگە يېڭىلاش ئۈچۈن يۇقارقى ئۇلىنىشتىكى ماس ھۆججەتلەرنى ئالماشتۇرۇۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ياكى 3.0 ۋە باشقا نەشىرلىرىنى ۋوردپرەسنىڭ ئەڭ يېڭى نەشرىگە تولۇق يېڭىلاش ئۈچۈن ئاۋال مۇلازىمېتىرىڭىزدىكى ھۆججەتلەرنى ۋە ساندىنىڭىزنى زاپاسلىۋېلىپ، ئاندىن ئۇيغۇرچە ئەڭ يېڭى نەشرىنى چۈشۈرۈپ يېشىپ مۇلازىمېتىرىڭىزغا يۈكلەپ، ئەسلىدىكى ھۆججەتلەرنى ئۈستىگە يېزىش شەكلىدە يېڭى ھۆججەتلەر بىلەن ئالماشتۇرۇۋەتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھەرگىزمۇ ئەسلىدىكى پۈتۈن ھۆججەت ۋە مۇندەرىجىلەرنى ئۆچۈرۈپ سالماڭ. بولمىسا يازمىغا قوشۇپ يوللىغان رەسىم، ئۆزىڭىز ئۆزگەرتكەن ئۇسلۇب ھۆججىتى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆچۈپ كېتىدۇ.

    ھۆججەتلەرنى مۇلازىمېتىرغا يۈكلەپ بولغاندىن كېيىن wp-admin/upgrade.phpبېتىڭىزنى زىيارەت قىلىپ، چىققان كۆرسەتمە بويىچە ساندىنىڭىزنى يېڭىلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.

    « زىرەك ئۇيغۇر» غا:
    بىر قىسىم ئۇسلۇبلار ۋە قاچىلاش ئۇسۇلىنى « ئۇسلۇبلار» بلوگىمىزدىن كۆرۈۋالغايسىز. شۇغىنىسى، wordpress.com دىكى بلوگلارنىڭ ئۇسلۇب ھۆججىتىنى خالىغانچە تەھرىرلىگىلى بولمايدۇ. ئەگەر eot ئىشلىتىشكە ياكى فونتنى ئۇيغۇرچە فونتقا توغرىلاشقا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، ئۇ ھالدا باشقۇرۇش بېتىڭىزدىكى « يېڭىلاشلار»:« يېڭىلاشلار» بېتىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ چىقىپ، ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن مەشغۇلات قىلغايسىز.

    «باچكا» غا:
    ۋوردپرەسنىڭ يانفون نەشرى قاتارلىقلار بار بولسىمۇ، لېكىن ئادەتتىكى ASP ياكى ASP.NET مۇلازىمېتىرلاردا ئىشلەيدىغان نەشرى يوق. ھازىرچە ئۇنى تارقىتىش پىلانى توغرىلىقمۇ ئاڭلاپ باقمىدۇق.

  10. ۋوردپرەسنىڭ ئىنگىلىزچىسىنى ئۇيغۇرچە قىلىش بولىقى بارمىدۇ،
    بىر بوشلۇق ئىلتىماس قىلىپ ئۇيغۇرچىسىنى ساندانغا ئۇلىيالماي، رەسمىي تور بېتى تەمىنلىگەن ئىنگىلىزچىسىنى قويغان. ئۇسلۇبنىغۇ ئۇيغۇرچە قىلىۋالدىم، لېكىن ئارقا بەت يەنىلا ئىنگىلىزچە. بۇنىڭغا ئامال بارمىدۇ.
    يەنە بىر ئىش، سىلەر تەرجىمە قىلغاندا قايسى خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىسىلەر، ئۇيغۇرچىسىنىڭ خېتى نورمال ئەمەس.

  11. مەنمۇ قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن.
    مېنىڭ قاچىلاپ ئىشلەتكىنىم 3.0.1 نەشىرى
    مەن تېخى بۇ سىستېمىغا تولۇق پىششىق بولمىغاچقا ھازىر پىكىر بېرەلمىدىم. لېكىن مەسىلە بايقىسام چوقۇم پىكىر قىلىمەن.
    ھازىر كىچىك مەسىلە كۆرۈلىۋاتىدۇ. بۇ مېنىڭ ئىشلەتكەن ئۇسلۇبىمدىكى مەسىلىمۇ ياكى بىلمىدىم.
    ئىنكاس يېزىش ئىستونىدا ئىنكاس ئوڭ تەرەپكە بەك كىرىپ كېتىپ، خەتنىڭ باش ھەرپى كۆرۈنمەيدۇ، يەنە ئارقا سۇپىدا تېز يوللاش دېگەن ئىستوندىمۇ ئوخشاش مەسىلە كۆرۈلىۋاتىدۇ.
    ئادرىسىم: http://blog.ilqut.com/

  12. ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم،
    ۋوردپرەسنىڭ پىكىر دەپتىرىنى قانداق قوزغىتىش كېرەك؟
    تەلىم بەرگەن بولسىڭىز.
    يەنە بىر مەسىلە، ۋوردپرەسكە مىكرو بلوگ قىستۇرمىسى ئورناتقىلى بولارمۇ؟
    مەسىلەن ماۋۇ يەردە دېگەندەك: http://blog.imbolo.com/wordpress-microblog-plugin-wp-admin-microblog/

  13. زېرەك ئەپەندىگە:
    بۇنىڭ ئامالى بار.
    1. ئاۋال بارلىق ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ھۆججەتلىرىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.
    2. بۇ ھۆججەتلەرنى مۇلازىمېتىرىڭىزنىڭ wp-content/languages مۇندەرىجىسىگە كۆچۈرۈڭ. twentyten ھۆججەت قىسقۇچىدىكى ھۆججەتلەرنى بولسا wp-content/themes/twentyten ئىچىگە كۆچۈرۈڭ.
    3. مۇلازىمېتىرىڭىزدىن ۋوردپرەسنىڭ غول مۇندەرىجىسىدىكى wp-config.php ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ تەھرىرلىگۈچتە ئېچىپ، تۆۋەندىكى قۇرنى تېپىڭ:
    define ('WPLANG', '')
    4. بۇ قۇرغا ug_CN نى قوشۇڭ:
    define ('WPLANG', 'ug_CN')
    5. ئۆزگەرتىپ بولۇپ ساقلاپ، قايتا مۇلازىمېتىرىڭىزغا يۈكلەڭ.
    يۇقارقى مەشغۇلاتلار ئارقىلىق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
    شۇغىنىسى، بەزىبىر مۇلازىمېتىرلاردا ئىنگىلىزچە نەشرىدىن باشقا نەشرى نورمال ئىشلىمەيدىغان ئەھۋال مەۋجۇد. بۇنىڭدا مەسىلە مۇلازىمېتىر تەرەپتە بولغاچقا بىزنىڭ ھەل قىلىش چارىمىز يوق. ئىشلىتىۋاتقان مۇلازىمېتىرىڭىزنىڭ ئۇيغۇرچىنى تولۇق قوللىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈشتىن باشقا ئىش ھازىرچە قولىمىزدىن كەلمەيدۇ.

    بۇرۇنقى تەرجىمىدە خەت نۇسخىسىدىن تارتىپ ئۇيغۇرچىغا تەڭشەپ كەلگەن ئىدۇق. 3.0 نەشرىدىن باشلاپ ۋوردپرەسنىڭ كۆڭۈلدىكى خەت نۇسخىسى( تاخوما) نى ئۆزگەرتمىدۇق. بۇ ھەقتە بۇرۇن ئەسكەرتىش بېرىلگەن، 3- قەۋەتتىكى ئىنكاسنى كۆرۈپ باققايسىز.
    http://uyghurche.wordpress.com/2010/04/24/wordpress-3-elan-qilinidu/

    پەنگىيار ئەپەندىگە:
    بىز سىناپ باقتۇق. بىزنىڭكىدە ھەممىسى نورمال ئىشلەۋاتىدۇ.
    كېرەك بولسا ۋوردپرەس رەسمىي تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان ئەڭ يېڭى ئۇسلۇبلاردىن ئوڭدىن سولغا يېزىقلارنى بىمالال قوللايدىغان بىرىنى تاللاپ ئىشلىتىڭ، ياكى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ. ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈشكىمۇ پايدىسى بولۇشى مۇمكىن.
    https://uslublar.files.wordpress.com/2010/08/uywp-tez-yollash.jpg

    باشقۇرۇش بېتىدىن «قىستۇرما» – «يېڭىدىن قوشۇش» بېتىنى ئېچىپ، ئاتالغۇ رامكىسىغا WP ADMIN Microblog نى كىرگۈزۈپ، «قىستۇرمىلاردىن ئىزدەش» نى چەكسىڭىز، بۇ نامدىكى قىستۇرما 1- ئورۇندا كۆرۈنىدۇ. «ھازىر قاچىلاش» نى چېكىپ جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن بۇ قىستۇرمىنىڭ 0.9.3 نەشرى قاچىلىنىدۇ. «مەشغۇلاتلار» قاتارىدىكى «قىستۇرمىنى قوزغىتىش» نى چېكىپ بۇ قىستۇرمىنى قوزغىتىڭ. شۇنىڭدا باشقۇرۇش بېتىڭىزدىكى ئوڭ تەرەپ تىزىملىكنىڭ ئەڭ ئاستىدا بۇ قىستۇرمىنىڭ تىزىملىكى پەيدا بولىدۇ. ئۇ يەردە ئۇنىڭ تەڭشەكلىرىنى ئۆزگەرتەلەيسىز.
    ئۇنى قانداق قىلىپ باش بەتتە كۆرسىتىدىغاننى مەنمۇ بىلەلمىدىم.
    (2010- يىل 6- نويابىردا قايتا تەھرىرلەندى)

  14. ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم،
    1. ۋوردپرەسنىڭ يازما خەت چوڭ كىچىكلىكىنى قانداق تەڭشەيمىز. دېمەكچىCSS ھۆججىتىدىن Font-size ئارقىلىق تەڭشەيدىغان ئىدۇق، بىراق مەن قارىسام بۇنداق Font-size دىن بىر قانچە يەردە بار ئىكەن. مېنىڭ كود بىلىمىمنىڭ كەملىكىدىن مەن زادى قايسىنى ئۆزگەرتسەك بولىدىغانلىقىنى بىلەلمىدىم.
    2. يازمىنىڭ مۇقىم ئادرىسىنى ئۆزگەرتمەكچى بولساق قانداق قىلىش كېرەك؟ مېنىڭ بلوگىمدا يازما ئادرىسىنى كۆڭۈلدىكىدەكدەىن باشقىغا تەڭشىسەم نورمال ئەمەس. مېنىڭ ئۆزۈم بەلگىلىگىم بار ئىدى، لېكىن بولماي قالدى. مۇشۇ ھەقتە تەلىم بەرگەن بولسىڭىز.

  15. ئۇيغۇرچە رەسمىي تور بېتىنىڭ بېشىدا يېزىلغىنىدەك، ۋوردپرەس گۈزەللىككە ئەھمىيەت بەرگەن سىستېما بولۇش سۈپىتى بىلەن خەت نۇسخىسى ۋە خەتلەرنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىگە قارىتا تولىمۇ تەپسىلىي ۋە ئىنچىكە بەلگىلەش ئېلىپ بارغان. شۇ سەۋەبتىن، بۇلارنى تەڭشىەپ چىقىش ئاسانغا توختىمايدۇ. لېكىن سىز بۇلارنى بىرمۇ- بىر تەڭشىيەلەيسىز.

    خەتنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىنى تەڭشەشتە، ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبىڭىزنىڭ CSS ھۆججىتىدىكى body ياكى post، entry قاتارلىقلارنىڭ font-size لىرىنى تەڭشەپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. باشقۇرۇش بېتىڭىزدە خەتلەرنى چوڭراق كۆرسەتمەكچى بولسىڭىز wp-admin/css/global.css نى تەھرىرلەپ كۆرۈڭ.

    مۇقىم ئۇلانما مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇنى كۆرۈپ باقامسىز؟
    https://codex.wordpress.org/Using_Permalinks
    https://codex.wordpress.org/zh-cn:使用固定链接

  16. سىلەر ۋوردپرەس MU نى تەرجىمە قىلدىڭلىمۇ؟ ماڭا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى لازىم ئىدى.
    تەرجىمە قىلىپ بولغان بولساڭلار ئىنگىلىزچىسىگە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قانداق ئۇلايمىز؟

  17. ۋوردپرەس 3.0 نەشرىگە ئەسلىدىكى كۆپ قوللانچىلىق نەشرى MU قوشۇۋېتىلگەن، تىل بولىقى بولسا ئۇسلۇب بولىقىنى قوشقاندا تۆتكە پارچىلىۋېتىلگەن. بۇلارنى يۇقىرىدىكى ئۇلانمىدىن چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ. ئىنگىلىزچىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۇسۇلى 20- ئاۋغۇستتىكى جاۋابتا چۈشەندۈرۈلگەن. شۇنى قايتا تەھرىرلەپ قويدۇق. شۇ بويىچە مەشغۇلات قىلىپ كۆرۈڭ.

  18. مەن بىر يېڭى ئۆگەنچى. تور بەت تىلىدىن ئانچە خەۋىرىم يوق. بىراق مەنمۇ ئۆزۈمگە خاس مەيدانغا، كۆز قاراشقا ئېگە بىر تورداش بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىنتېرنېت دۇنياسىدا ئازراق ئىز قالدۇرۇشنى ئويلاپ قالدىم، ھەم ئىزدەپ يۈرۈپ « ۋوردپرەس» نى ئۇچرىتىپ قالدىم. خۇددى لاتارىيىدىن چىققاندەكلا ئۇچراپ قالدى بۇ ماڭا …
    ئەجرىڭلارغا تەشەككۈر بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەيۋەتلىك ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. بۇنى بىر ئېغىز « رەھمەت» بىلەنلا ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ. ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى شۇكى – « ۋوردپرەس» تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇيغۇر تىل – يېزىقىغا بولغان ھۆرمىتى ۋە يۈكسەك دەرىجىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى. دىيارىمىزدىكى شۇنچە زىيالىيلاردا بولمىغان ئۆز تىل – يېزىقىغا مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسى سىلەردە باركەن. مۇشۇ تىلنى قوللانغۇچى بىر « ئۇيغۇر» بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىلەرگە يەنە بىر قېتىم چەكسىز تەشەككۈر بىلدۈرىمەن. ئەجرىڭلار تېخىمۇ گۈللىسۇن!

  19. ئەمگىكىمىزنى ياقتۇرغانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت. تەرجىمە ئىشلىرىمىزدا يەنىلا بىر قىسىم نۇقسانلار ۋە يېتەرسىزلىكلەر بار. بۇندىن كېيىن ئىشلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.

جاۋاب يېزىش