ۋوردپرەس 3.0.2 ئۇيغۇرچە نەشرى بۈگۈن تارقىتىلدى. ئىنگىلىزچە نەشرىدە ئاساسلىقى قوللانچى دەرىجىسىدىكى يوچۇق ئېتىلىپ، يەنە بىر قىسىم خاتالىقلار تۈزىتىلدى. ئۇيغۇرچە نەشرىگە زور بىر قىسىم ئۆزگەرتىشلەر ئېلىپ بېرىلدى.
ئۇيغۇرچە 3.0.2 نەشرىدىكى ئۆزگەرتىشلەر:
1. خەت شەكلى UKIJ Tor ،AlKatip Tor ،Alpida Unicode System ،Uyghur Ekran قاتارلىق تۆت فونتقا توغرىلاندى.
2. ئەلكاتىپ فونتىدىن باشقا ئۈچ فونتنىڭ ئې ئو تى ھۆججەتلىرى تەمىنلەندى.
3. باشقۇرۇش بېتىنىڭ خەتلىرى ئەسلىدىكىدىن ئىككى پىكسېل چوڭ قىلىپ تەڭشەلدى. ئەڭ كىچىكى 13px بولدى.
4. تور بەت يۈزىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش قورالى تەمىنلەندى.
5. ئۇسلۇب ھۆججىتىدىمۇ ماس ھالدا ئۆزگەرتىلدى.
6. ياردەم ھۆججىتى يېڭىلاندى.
بۇ قېتىمقى نەشرىدە خاتالىق بايقالسا، مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس قىلىپ قويۇشۇڭلارنى سورايمىز.
جاۋاب يېزىش
ئىنكاس يېزىش ئۈچۈن چوقۇم تىزىمغا كىرىشىڭىز كېرەك.