ۋوردپرەس 3.0.3 ئۇيغۇرچە نەشرى ئېلان قىلىندى

بۇ قېتىمقى نەشرىدە ئاساسلىقى يىراقتىن يازما يوللاش ئىقتىدارىغا قارىتا بىر قىسىم ئۆزگەرتىشلەر ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يىراقتىن يوللاش ئىقتىدارىنى ئىشلەتمىگەن قوللانچىلارغا قارىتا ھېچقانداق ئۆزگىرىش ئىپادىلەنمەيدۇ. بۇ ئىقتىدارنى ئىشلىتىۋاتقان قوللانچىلارغا تەۋسىيىمىز شۇكى، ناۋادا بىرەر مەسىلە بايقالسا مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويساڭلار بولىدۇ.

ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتا ئۆزگەرتىلگەن جايلار 3.0.2 نەشرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، فونت ھۆججىتىنى باغلاپ تارقىتىش- تارقاتماسلىق ھەققىدە تېخى ئېنىق بىر پىكىرگە كەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن ھازىرچە يەنىلا 3.0.2 نەشرىگە ئوخشاش قىلىپ باغلاپ تارقىتىلدى. بۇنى 3.1 نەشرىدىن باشلاپ ئۆزگەرتىشىمىز مۇمكىن.

«ۋوردپرەس 3.0.3 ئۇيغۇرچە نەشرى ئېلان قىلىندى» غا «3» پىكىر بار

  1. ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ۋوردپرەس 3.0.3 نى ئىشىلتىپ كۆرۈپ ھەقىقەتەن قاتتىق ھاياجانلاندۇق، سىلەرگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت، قولۇڭلارغا دەرت كەلمىسۇن!
    ھۆرمەت بىلەن:
    كۈمۈش ئوق بىلوگى

جاۋاب يېزىش