ۋوردپرەس 3.0.4 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

ۋوردپرەسنىڭ ئەڭ يېقىنقى بىخەتەرلىك يامىقى قوشۇلغان 3.0.4 ئۇيغۇرچە نەشرى بۈگۈن ئورگان تور بېتىدە چۈشۈرۈشكە تەمىنلەندى.
بۇ نەشرىدە ئاساسلىقى HTML كودلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىككى ھۆججەتتىكى بىخەتەرلىك يوچۇقلىرى ئېتىلگەن. باشقا ئالاھىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەر يوق.
ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە بولسا، 3.0.3 نەشرىدە چالا قالغان ئىككى ئورۇندىكى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى توغرىلانغان.
باشقا ئۆزگەرتىشلەر قوشۇلمىغان.

28- دېكابىردىن باشلاپ ۋوردپرەس 3.1 ئۇيغۇرچە نەشرىنىڭ 1-كاندىدات نۇسخىسىمۇ ئورگان تورىدا چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگەن ئىدى. نۆۋەتتە ئىنگىلىزچە 2- كاندىدات نۇسخىسىمۇ ئېلان قىلىنىپ بولدى. ئۇيغۇرچىسى بولسا سىناش باسقۇچىدا تۇرماقتا. سىناق ئاياغلاشقۇچە ئىنگىلىزچە 3.1 رەسمىي نەشرىمۇ تارقىتىلىشى مۇمكىن. ئۇيغۇرچە خەت ۋە تەرجىمىدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەرنى 3.1 نەشرىدە ھەل قىلىش پىلان قىلىنغاچقا، 3.0.4 نەشرىدىكى ئۇيغۇرچە خەت نورمال كۆرۈنمەسلىك ۋە ئې ئو تې ھۆججەتلىرىنى قوشۇپ تارقىتىش مەسىلىسى ئۆزگەرتىلمىدى. تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

«ۋوردپرەس 3.0.4 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى» غا «14» پىكىر بار

  1. مەن ئەسلى 3.0.3 نەشرىنى ئىشلەتكەن ئىدىم ، ھازىر يېڭى نەشرى چىقىپتۇ ، ئەگەر ئارقا بەتتىن نەشرىنى يۇقۇرىلاتسام ، بلوگىمدا خاتالىق كۆرۈلەمدۇ؟ ئەگەر خاتالىق كۆرۈلسە قانداق ھەل قىلىش كېرەك ؟

  2. ناۋادا 3.0.3 نەشرىنىڭ ھۆججەتلىرى ئىچىدە ئۆزىڭىز تەھرىرلەپ ئۆزگەرتكەنلىرىڭىز بولمىسا، ئارقا بەتتىن يېڭىلىسىڭىز بولىدۇ. ئاساسەن خاتالىق كۆرۈلمەيدۇ. خاتالىق كۆرۈلسە يېڭىلاش مەغلۇب بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا 3.0.4 نەشرىنى چۈشۈرۈپ، FTP قورالىدىن پايدىلىنىپ مۇلازىمېتىرىڭىزدىكى 3.0.3 نەشرىنىڭ ئۈستىگە قاپلاپ كۆچۈرۈۋەتسىڭىز بولىدۇ.

  3. ھۆرمەتلىك Moorshidi ئەپەندى، ياخشىمۇسىز!
    ئالدى بىلەن ۋوردپرەسنى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ بىزدەك ھەۋەسكارلارنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرغان سىز قاتارلىق ئۇستىلارغا ئالاھىدە رەخمەت ئېيتىمەن. مەن سىزلەر تەمىنلىگەن ۋوردپرەسنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى كۆرسەتمە بويىچە بوشلۇقۇمغا مۇۋاپىقىيەتلىك قوندۇرۇۋالدىم، ئەمما سىناق قىلىش جەريانىدا تۆۋەندىكى بەزى مەسىلىلەر كۆرۈلدى، كۆرسەتمە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
    1. بىر قىسىم يازمىلارنىڭ ئاستىدىكى ۋاقىت ئۇچۇرى نورمال ئەمەس، بىر قۇرغا پاتىدىغان مەزمۇن بىر قانچە قۇرغا بۆلىنىپ چىقىۋالىدۇ.
    مەسىلەن: http://www.xjzxwl.com/wp/?p=12
    2. ئىنكاس يېزىش كۆزنىكىمۇ نورمال ئەمەس، ئىنكاس يېزىش كۆزنىكىگە شۇنداقلا خەت يازسا، كۆزنەك ئوڭ تەرەپكە قېچىپ كېتىپ خەتلەرنى كۆرگىلىكى بولمايدىكەن، ئۇزۇن خەت يازغاندىن كېيىن خەتنىڭ ئاخىرى ئېكراندا كۆرىنىدىكەن. مەسىلەن: http://www.xjzxwl.com/wp/

  4. «تاۋلاندىكى ئىشلار» كاتېگورىيىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە يازغان «تاۋلان-تور-بېتىگە-ئائىت-مۇھىم-خىزمەتلەر» نى تولۇق ئۆچۈرۈۋېتىپ سىناپ بېقىڭ.

  5. ۋوردپرەسنى ياقتۇرۇپ ئىشلەتكەنلىكىڭىزگە رەھمەت!
    سىزگە ئاۋارىچىلىق كەلتۈرگەنلىكىمىزدىن خىجىلمىز.

    1- مەسىلە: بۇ ياقتا Windows 7 دە تۇرۇپ FireFox 3.6.12 ۋە IE8 دە ئېچىپ كۆرۈپ باققان بولساممۇ، سىز ئېيتقان خاتالىق بايقالمىدى. چېسلا بىر قۇردا،
    «ۋاقىت: 2011-يىل 11-يانۋار ئاپتور: Didar»
    شەكلىدە نورمال كۆرۈندى.
    2- مەسىلە: بۇ ئەھۋال بىزگە ئۇچراپ باقمىغان، ھازىرمۇ سىزنىڭ تور بېتىڭىزدە بۇنداق مەسىلە كۆرۈلمىدى.

    مۇمكىن بولسا ئىشلىتىۋاتقان مەشغۇلەت سىستېمىڭىز ۋە تور كۆرگۈچىڭىز ھەققىدە ئازراق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىسىڭىز بوپتىكەن. يەنە، تور بەتنى ئوخشىمىغان تور كۆرگۈچتە ئېچىپ سىناپ بېقىشىڭىزنى، ئوخشاش مەسىلە كۆرۈلسە رەسىم ياكى سىن ھالىتىدە تۇتۇپ يوللاپ بېرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

  6. ھۆرمەتلىك Moorshidi ئەپەندى، قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ كۆرسەتمە بەرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت!
    كاتىگورىيە مەسىلىسىنى سىزنىڭ كۆرسەتمىڭىز ئارقىلىق ھەل قىلىۋالدىم. يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن 1-، 2- مەسىلىگە كەلسەك، بۇ پۈتۈنلەي تور كۆرگۈچنىڭ ئىشى ئىكەن، چۈنكى مەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلاتلارنى ئىشخانەمدىكى كومپيۇتېردا بىجىرگەن، ئۆيدىكى كومپيۇتېرنى ئىشلەتمىگىلى خېلى ئۇزۇن بولۇپ قالغان ئىدى. بۇگۈن چۈشتە سىزنىڭ ئىنكاسىمغا بولغان جاۋابىڭىزنى كۆرۈپ بېقىش مەقسىدىدە ئۆيدىكى كومپيۇتېر ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بارغان ئىدىم. يۇقۇرىقى ئىنكاسىمدا دىيىلگەن 1-، 2- مەسىلە زادىلا مەۋجۇت بولمىدى، چۈنكى ئۆيدىكى كومپيۇتېرنىڭ تور كۆرگۈچىسى IE8، ئىشخانەمدىكى كومپيۇتېرنىڭ تور كۆرگۈچىسى بولسا IE نىڭ تۆۋەن نەشرى (قايسى نەشرى ئىكەنلىكى يادىمدا قالماپتۇ، WindowsXP بىلەن بىللە قاچىلىنىدىغان نەشرى بولسا كېرەك) ئىدى. ھەر ئىككىلا كومپيۇتېرنىڭ مەشغۇلات سېستىمىسى WindowsXP، ۋىروسخورلىرىمۇ، تور قالقانلىرىمۇ ئوخشايدۇ…
    ھۆرمەتلىك Moorshidi ئەپەندى، سىلەرنى ئاۋارە قىلغانلىقىمدىن خىجىلمەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە سىزنىڭ ئەستايىدىللىقىڭىزغا قايىلمەن. مېنىڭ ۋوردپرەسكە بولغان قىزىقىشىم ۋە ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى، بۇندىن كېيىن مەسىلىگە يولۇقسام ئۆزەم كۆپرەك ئىزدىنىپ باقسام بولغىدەك، ھەقىقەتەن ئامال بولمىغاندا سىزلەرنى ئاۋارە قىلىشىم مۇمكىن.

  7. مەسىلىنىڭ ئوڭۇشلۇق ھەل بولغانلىقىدىن خۇرسەنمەن. بۇندىن كېيىنمۇ قانداقلا مەسىلە بولسا تارتىنماي سوراۋېرىڭ.
    توردىكى ئىنكاسلارغا قارىغاندا، يالغۇز ۋوردپرەسلا ئەمەس، باشقا سىستېمىلارمۇ IE6 دە نورمال كۆرۈنمەيدىكەن. ۋوردپرەسنىڭ تەرجىمىسىنى يېڭىلا باشلىغان ۋاقىتلاردا مەنمۇ IE6 ئىشلىتەتتىم. بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلالماي، ئاخىرى تەرجىمىگىلا كۈچىگەن ئىدىم. كېيىن قارىسام بۇ مەسىلىلەر قايتا كۆرۈلمىدى. شۇغىنىسى دىيارىمىزدا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ئانچە بەك سۈرۈشتە قىلىنىپ كەتمەيدىغان Windows XP تېخىچە دەۋر سۈرۈۋاتقان ھەم ئۇنىڭدىكى تور كۆرگۈچ ئاساسەن IE6 بولغانلىقى ئۈچۈن ۋوردپرەسنى قاچىلاش ۋە تەڭشەش جەريانىدا ھېلىھەم بىر قىسىم مەسىلىلەر مەۋجۇد. بەختكە قارشى ھالدا ۋوردپرەس ئاچقۇچى تەرەپنىڭ بۇندىن كېيىنكى نىشانىدا IE6 نى ئويلاشماسلىق ئېھتىمالى بار. مىكروسوفت شىركىتىنىڭWindows XP نى قوللاشتىن توختىشىغا ئەگىشىپ IE6 مەسىلىسىمۇ ھەل بولۇپ كېتىشى مۇمكىن.
    ۋوردپرەس توغرىلىق ئەڭ مۇكەممەل ماتېرىياللارنى http://codex.wordpress.org تورى ياكى https://codex.wordpress.org/New_To_WordPress_-_Where_to_Start بېتىدىن تاپالايسىز. ئۆزىڭىز بىلىدىغان تىلدىكى ماتېرىياللاردىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ. يەنە نۇرقۇت دۇنياسى، ئۇيغۇربەگ تور تۇراسى قاتارلىق توربەتلەردىنمۇ خېلى كۆپ پايدىلىق ماتېرىياللارنى تاپالايسىز.
    تور بېتىڭىزنىڭ كۈندىن- كۈنگە يۈكسىلىپ بېرىشىغا تىلەكداشمەن.

  8. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مۇرشىدى ئەپەندىم! ئاۋال سىزگە سالامەتلىك ۋە ئوزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن! ھارمىغايسىز!
    مەن ھېس قىلغان مەسىلە: ئارقا بەت ئۇسلۇبنىڭ كود تەھرىرلىگۈچكە يېڭى كود قوشقاندا ساقلىغىلى بولمايدىكەن. ساقلاش كونۇپكىسى يوق. مەن ئادەتتە Ftp ئارقىلىق بېۋاستە كود قوشۇپ ساقلاش ئۇسۇلىنى ئىشلىتىۋاتىمەن. بۇ بەك قولايسىز بولۇپ قالىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئازراق خاتالىق چىقىپ قالسا ئارقا بەت ئېچىلماي پۈتۈنلەي قايتىدىن يېڭىلاشقا توغرا كېلىدىكەن.ئارقا بەتكە كىرىپ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى ئوقۇغىلى بولىدىغان قىلىپ باقتىم ، يەنىلا يۇقارقىدەك ساقلاش كونۇپكىسى يوق.

  9. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مۇرشىدى ئەپەندىم، سىزگە سالامەتلىك ۋە ئوزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن!
    مەن بايقىغان مەسىلە شۇكى، باشقۇرۇش بېتىنىڭ ئۇسلۇب تەھرىرىلىگۈچكە كود قوشقاندىن كېيىن ساقلىغىلى بولمايدىكەن. يەنى ساقلاش كونۇپكىسى يوقكەن. مەن تەلەپ بويىچە بوشلۇققا كىرىپ ئۆزگرتمەكچى بولغان ھۆججەتنىڭ ھوقۇقىنى 755 كە تەڭشەپ باققان بولساممۇ ئەھۋال يەنىلا شۇنداق.ياكى بۇ مەن ھەقسىز ئىلتىماس قىلغان FreeWebHostingArea مۇلازىمىتىرنىڭ ئىشىمۇ بىلمىدىم. ئاخىر بوشلۇقنىڭ ئىچىگە كىرىپ تەھرىرلەش ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولدۇم. بۇنداق بولغاندا بىرەر كودتا ئۆزگىرىش بولسا، پۈتۈن بەت كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قېلىپ بەك ئاۋارىچلىق تارتىپ كېتىدىكەنمىز.بولسا يېڭى نەشىرىدە بىز ئۆزگەرتىش زۆرۈر بولغان ھۆججەتنىڭ ھوقۇقى ئۆزگەرتىشكە بولىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويۇلسا.
    بايقىغان يەنە بىر مەسىلە: بەت Alpida خەت نۇسخىسىدا كۆرۈنگەندە، بوش ئورۇننىڭ ئورنىغا تۆت چاسا كاتەكچە چىقىۋالىدىكەن.ئۇندىن باشقا يەنە WordPress تە Latex تىن پايدىلىنىپ ماتېماتىكىلىق فورمۇلا يازغاندا، فورمۇلا قۇرنىڭ ئوتتۇرسىدا كۆرۈنمەستىن، ئۈستىدىن قىستاش شەكلى بويىچە چىقىۋالىدىكەن. خەت خەنزۇچە بولغاندا ئۇنداق ئەمەس. مەن گۇنانى يەنىلا خەت نۇسخىسىغا قويدۇم. مۇمكىن بولسا Alpida خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلمىسە.

  10. ئىنكاس كۆرۈنمىەچكە قايتا يازدىم…..
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مۇرشىدى ئەپەندىم، سىزگە سالامەتلىك ۋە ئوزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن!
    مەن بايقىغان مەسىلە شۇكى، باشقۇرۇش بېتىنىڭ ئۇسلۇب تەھرىرىلىگۈچكە كود قوشقاندىن كېيىن ساقلىغىلى بولمايدىكەن. يەنى ساقلاش كونۇپكىسى يوقكەن. مەن تەلەپ بويىچە بوشلۇققا كىرىپ ئۆزگرتمەكچى بولغان ھۆججەتنىڭ ھوقۇقىنى 755 كە تەڭشەپ باققان بولساممۇ ئەھۋال يەنىلا شۇنداق.ياكى بۇ مەن ھەقسىز ئىلتىماس قىلغان FreeWebHostingArea مۇلازىمىتىرنىڭ ئىشىمۇ بىلمىدىم. ئاخىر بوشلۇقنىڭ ئىچىگە كىرىپ تەھرىرلەش ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولدۇم. بۇنداق بولغاندا بىرەر كودتا ئۆزگىرىش بولسا، پۈتۈن بەت كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قېلىپ بەك ئاۋارىچلىق تارتىپ كېتىدىكەنمىز.بولسا يېڭى نەشىرىدە بىز ئۆزگەرتىش زۆرۈر بولغان ھۆججەتنىڭ ھوقۇقى ئۆزگەرتىشكە بولىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويۇلسا.
    بايقىغان يەنە بىر مەسىلە: بەت Alpida خەت نۇسخىسىدا كۆرۈنگەندە، بوش ئورۇننىڭ ئورنىغا تۆت چاسا كاتەكچە چىقىۋالىدىكەن.ئۇندىن باشقا يەنە WordPress تە Latex تىن پايدىلىنىپ ماتېماتىكىلىق فورمۇلا يازغاندا، فورمۇلا قۇرنىڭ ئوتتۇرسىدا كۆرۈنمەستىن، ئۈستىدىن قىستاش شەكلى بويىچە چىقىۋالىدىكەن. خەت خەنزۇچە بولغاندا ئۇنداق ئەمەس. مەن گۇنانى يەنىلا خەت نۇسخىسىغا قويدۇم. مۇمكىن بولسا Alpida خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلمىسە.

  11. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئىزدەن ئەپەندىم، ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە ۋە ۋوردپرەسنى ياقتۇرۇپ ئىشلەتكەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
    ئىنكاسىڭىز سپەم قاتارىغا كىرىپ كەتكەچكە ۋاقتىدا كۆرمەي قاپتىمەن. توغرا چۈشەنگەيسىز.

    سىز ئېيتقان مەسىلە ئادەتتە تەھرىرلىگەن ھۆججەتنىڭ ئەمەس، بەلكى ئۇ ساقلانغان ھۆججەت قىسقۇچنىڭ خاسلىقى يېزىشقا بولىدىغان قىلىپ تەڭشەلمىگەنلىكتىن كۆرۈلىدۇ. مۇلازىمېتىرىڭىزدىكى ئۇسلۇب مۇندەرىجىڭىزنىڭ خاسلىقىنى تەڭشەپ سىناپ بېقىڭ.

    ۋوردپرەسنى قاچىلاش جەريانىدا ھۆججەت قىسقۇچنىڭ خاسلىقى ئاپتوماتىك تەڭشىلىدۇ. ۋوردپرەس تەمىنلىگەن ئۇسلۇبنىمۇ خالىغانچە تەھرىرلىگىلى بولىدۇ. لېكىن ئۆزىڭىز كېيىن قوشقان ئۇسلۇبلار بولسا، گەرچە wp-content/themes ھۆججەت قىسقۇچى يېزىش ھالىتىدە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاستىدىكى سىز قوشقان ئۇسلۇب ساقلانغان ھۆججەت قىسقۇچنىڭ خاسلىقى يېزىش ھالىتىدە بولماي قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇنى يەنىلا قولدا ئۆزگەرتىپ چىقىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.

    ئەلپىدا خەت نۇسخىسىغا كەلسەك، ناۋادا ئۇنى ياقتۇرمىسىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئې ئو تې ۋە فونت ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرۈۋەتسىڭىزلا، ياكى يېڭى نۇسخىدىكى ئەلپىدا خەت نۇسخىسىغا ئالماشتۇرۇۋەتسىڭىزلا كۇپايە. ئۇنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىپ قېلىش ئېھتىمالى بار. شۇڭا قوشۇپ قويۇلغان. لېكىن 3.1 نەشرىدىن باشلاپ قايسى خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىشنى پۈتۈنلەي ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزى بەلگىلەيدىغان قىلماقچى.

  12. يەنە بىر گەپ، قارىغاندا سىز ۋوردپرەس 3.0.2 نەشرىنىڭ پرىستان تور بېتى ئۇيغۇرچىغا تەڭشىگەن نۇسخىسىنى ئىشلىتىۋاتقان ئوخشايسىز. بولسا رەسمىي تور بېتى تەمىنلىگەن 3.0.4 نەشرىگە ياكى مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە تارقىتىلىدىغان 3.0.5 نەشرىگە يېڭىلىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

  13. قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ، داڭقانپۇتى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگىنىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت! ھارمىغايسىز! تېنىڭىزگە سالامەتلىك ، ئوزۇن ئۆمۈر تىلەيمىز!

جاۋاب يېزىش