ۋوردپرەس 3.0.5 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

ۋوردپرەسنىڭ ئەڭ يېقىنقى بىخەتەرلىك يامىقى قوشۇلغان 3.0.5 ئۇيغۇرچە نەشرى بۈگۈن ئورگان تور بېتىدە چۈشۈرۈشكە تەمىنلەندى. تەپسىلىي ئۆزگەرتىشلەرنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 3.0.4 نەشرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ھېچقانداق ئۆزگەرتىش قوشۇلمىدى.
تور بېتىڭىزنى يېڭىلاش ئۈچۈن باشقۇرۇش بېتىڭىزدە ئاپتوماتىك يېڭىلاش ئېلپ بېرىڭ، ياكى ئورگان تور بېتىدىكى چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىدىن چۈشۈرۈپ مۇلازىمېتىرىڭىزغا يۈكلەڭ. يېڭىلاشتىن بۇرۇن سانداننى زاپاسلىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ.

«ۋوردپرەس 3.0.5 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى» غا «8» پىكىر بار

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇرشىدى ئەپەندى!
    ھەرقايسىڭلارنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ۋوردپرەس ئاساسىدىكى بلوگىمنى ئاساسىي جەھەتتىن روياپقا چىقىرىۋالدىم، بىكار چاغلىرىمدىن پايدىلىنىپ ئىنتېرنېتتا تىمىسقىلاپ يۈرۈپ WordPress كە ئائىت بەزى ھۈنەرلەرنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆز بلوگىمدا سىناق قىلىپمۇ باقتىم. سىزلەر تەمىنلىگەن ئاپتوماتىك يېڭىلاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ بلوگىمنى ۋوردپرەسنىڭ 3.0.5 ئۇيغۇرچە نەشرىگىمۇ يېڭىلىۋالدىم. ئەممازە ئۇيغۇرچە، خەنچە (ئىنگىلىزچە ساۋادىم بەك چالا) توربەتلەرنى شۇنچە تىمىسقىلاپ يۈرۈپمۇ بىر مەسىلىنى ھەل قىلالمىدىم، يەنى WordPres نىڭ كۆڭۈلدىكى ئۇسلۇبىدا باش بەتتە يازمىلارنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى More بۇيرۇقىنى ئىشلەتمەي، ئاپتوماتىك كۆرۈنىدىغان قىلىش. ئەمەلىيەتتە، ھازىر ھەقسىز تەمىنلىنىۋاتقان نۇرغۇن ئۇسلۇبلاردا بۇ مەسىلە ھەل قىلىنىپ بولغان ئىكەن. مېنىڭ ئويۇم تولۇق ئىگەللەپ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا يەنىلا كۆڭۈلدىكى ئۇسلۇبنى ئىشلىتىش، شۇڭا ئىمكانىيەت بولسا كۆرسەتمە بەرگەن بولسىڭىز. ھە راست، بلوگىمغا ئەسلىدىكى تور نامى بولمىش http://www.xjzxwl.com نى تازا مۇۋاپىق كۆرمەي، يېڭى تور نامى http://www.dilnuri.com نى سېتىۋېلىپ باغلاپ قويدۇم، شۇڭا ئالدىنقى قېتىملىق يازمىڭىزغا يازغان ئىنكاسلىرىمدىكى بەزى ئادرىسلار نورمال ئېچىلماس بولۇپ قاپتۇ… تازىمۇ كوتۇلداپ كەتتىم، ئەيىبكە بۇيرۇمىغايسىز.

  2. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
    سىز ئېيتقان مەسىلىنى ئازراق كود قوشۇش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بۇنى يەرلىك مۇلازىمېتىردا سىناپ كۆردۈم. ھەل قىلىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

    1. ئاۋال ئۇسلۇب ھۆججەتلىرى ئىچىدىكى loop.php نى باشقۇرۇش بېتىدىكى ياكى خالىغان بىر تەھرىرلىگۈچتە ئېچىپ،
    ()is_archive() || is_search كودىنى تېپىڭ. بۇنىڭدىن ئىككىسى بار. ئادەتتە ئالدىنقىسى كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ.

    2. بۇ كودنى ()is_archive() || is_search() || is_front_page قىلىپ ئۆزگەرتىڭ.

    3. باشقۇرۇش بېتىدە تەھرىرلىگەن بولسىڭىز «ئۆزگەرتىشلەرنى ساقلاش» نى چېكىڭ. باشقا تەھرىرلىگۈچتە تەھرىرلىگەن بولسىڭىز، ھۆججەتنى ساقلاپ بولۇپ مۇلازىمېتىرىڭىزغا يۈكلەڭ.

    ئەمدى باش بەتنى ئېچىپ قارىسىڭىز، يازمىڭىزنىڭ بېشىدىكى 3-4 قۇر مەزمۇندىن كېيىن «داۋامىنى ئوقۇي->» دېگەن ئۇلانمىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقايسىز. ئادەتتە بۇ بۆلەك يازمىدىن ئاپتوماتىك كېسىۋېلىنىدۇ. ناۋادا ئۇنى ئۆزىڭىز كۆرسىتىپ بەرمەكچى بولسىڭىز، كۆرسەتمەكچى بولغان مەزمۇننى يېڭى يازما بېتىنىڭ ئاستىدىكى «ئۈزۈندە» دېگەن يەرگە يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ.

  3. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مورشىدى ئەپەندى!
    مەن نەشىر كۆتۈرسەم كاتىگورىيىلەر كۆرۈنمىدى،(3.0.4 نەشىرىدىمۇ كۆرۈنمىگەن،لىكىن ئارقا بەتتە بار،ئالدى بەتتە يوق)بۇ ئۇسلۇبنىڭ مەسىلىسىمۇ ياكى؟

  4. بىز WP دىن پايدىلىنىپ بىلوگدىن بىرنى قۇرغان.ئىككەيلەن بىرلىشىپ خېلىدىن بېرى نورمال ئشلىتىپ كېلىۋاتقاندۇق.لېكىن بۈگۈن تۇيۇقسىز باشقۇرۇش بېتىگە كىرسەم ئىشلەتكۈچى ۋە پارول خاتا دىگەن ئۇچۈر چىقىۋالدى. يەنە بىر باشقۇرغۇچى دوستۇمنىڭ كومپيۇتېرىدا باشقۇرۇش سۇپىسىغا نورمال ئوخشاش ئىشلەتكۈچى نامى ۋە پارول بىلەن كىرسەم نورمال كىرىدۇ.تورغا ئۇلىنىشى نورمال. پەقەت مېنىڭ كومپىيۇتېرىمدىلا كىرمەيدۇ. تورخانىدىكى كومپيۇتېردا نورمال كىرىدۇ بولمىسا! راست گەپنى قىلسام مەن سېستىما يەڭگۈچلەشكە بەك ئۆچ.بۇنىڭ سەۋەبىنى ھېچ بىلەلمىدىم. كومپيۇتېرىمنىڭ ئىشلەتكەن سېستىمىسى Windows7 بولۇپ، يۇمشاق دېتاللاردىن دائىم ئىشلىتىلدىغان 金山毒霸,Explore9.0, 金山卫士 قاتارلىقلار قاچىلانغان.ۋېرۇسخورنىڭ ئىشمىكىن دەپ، توختىتىپ قويۇپمۇ سىناپ باقتىم. ھېچ بولمىدى!تور كۆرگۈچنى ئالماشۇرۇپمۇ سىناپ باقتىم بولمىسا! يەنىلا بولمىدى! نەشىرى 3.0.5 . قايتىدىن مەخپىي نومۇرغائېرىشىش دىگەننى باسسام»مۇلازىمىتىر E-mail فۇنكىسىيىسىنى چەكلىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن » دىگەن ئۇچۇر چىقتى!

  5. wordpress ning ang yengi uyghurcha nashirini chushurelmidim, malal kormay email adressim gha yollap beralasizmu?
    ۋوردپرەسنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇيغۇرچە نەشرىنى چۈشۈرەلمىدىم. مالال كۆرمەي ئېلخەت ئادرېسىمغا يوللاپ بېرەلەرسىزمۇ؟

جاۋاب يېزىش