ۋوردپرەس 3.1 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

ۋوردپرەس 3.1 ئۇيغۇرچە نەشرى بۈگۈن رەسمىي تارقىتىلدى. باشقۇرۇش بېتىڭىزدە ئاپتوماتىك يېڭىلىۋېلىڭ. ناۋادا ئىنگىلىزچە نەشرىگە يېڭىلاپ سالغان بولسىڭىز، باشقۇرۇش بېتىڭىزگە كىرگەندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئادرېسنى زىيارەت قىلىڭ:
http://tor-betingiz-yaki-wordpress-ning-adresi/wp-admin//update-core.php

ئۇيغۇرچە نەشرىدىكى ئۆزگىرىشلەر تۆۋەندىكىچە:

1. خەت شەكلى UKIJ Tuz Tom،AlKatip Tor ،Alpida Unicode System ،Uyghur Ekran قاتارلىق تۆت فونتقا توغرىلاندى.
2. بۇرۇنقى نەشرىدە قوشۇپ تارقىتىلغان fonts ھۆججەت قىسقۇچى ئۆچۈرۈۋېتىلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا بىرلا CSS ئارقىلىق بارلىق بەتلەردىكى خەت نۇسخىسىنى بەلگىلەشكە بولىدىغان قىلىندى. ئۆزىڭىزنىڭ ئې ئو تې ھۆججىتىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز،
wp-content/languages/fontfaces.css ھۆججىتىنى تەھرىرلەپ چىقىڭ.
3. UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىنىڭ ئې ئو تى ھۆججىتى تەمىنلەندى.
4. باشقۇرۇش بېتى ۋە ئۇسلۇبنىڭ خەتلىرىنىڭ ئەڭ كىچىكى ئاساسەن 12px قىلىپ تەڭشەلدى. پىرسەنت بويىچە تەڭشەلگەن ئورۇنلار ئۆزگەرتىلمىدى. شۇڭا بىر قىسىم ئورۇنلاردا خەتلەر يەنىلا كىچىك كۆرۈنۈشى مۇمكىن.

ھەل قىلىنمىغان مەسىلە:
قاچىلاش جەريانىدىكى تور بەت نامىنى كىرگۈزىدىغان ئورۇن، باشقۇرۇش بېتىدىكى كۆرۈنۈشلۈك تەھرىرلىگۈچ ۋە تېز يوللاش كۆزنىكىگە بىۋاسىتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش مەسىلىسى ھەل قىلىنمىدى. گەرچە ئۇيغۇربەگ تور تۇراسى ۋە تورخۇمارلار كۇلۇبىدىكى ئۇسۇل بويىچە tinymce ھۆججىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، سىناق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ ئۆزگەرتىش ساقلاپ قېلىندى. شۇڭا بىر قىسىم تور كۆرگۈلەردە نورمال كىرگۈزگىلى بولۇشىمۇ مۇمكىن.

ناۋادا ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە بىرەر خاتالىق بايقىسىڭىز، بۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويغايسىز.

«ۋوردپرەس 3.1 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى» غا «17» پىكىر بار

  1. ياخشىمۇسىز مۇرشىدى ئەپەندىم!
    ئاۋۋال مېھنەتسىز مىننەتسىز ئەجرىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن.
    ۋوردپرەس نىڭ 3.1 نەشرىدە خاتالىقلار بولسا ئىنكاس قىلىڭ دەپتىكەنسىز…
    تەرجىمىدىكى خاتالىقنى ھازىرچە بايقىمىدىم. ئەمما يېڭى قوشۇلغان بەت ئۈستىدە كۆرۈنىدىغان ئادمىن قۇرىدىكى تىزىملىكلەر مائۇسنى ئاپىرىشىمغا يوقاپ كېتىۋاتىدۇ… ئۇ تىزىملىكتىكى ئۇلىنىشمۇ يوق. بۇ نېمە سەۋەبتىندۇر؟

  2. Google Chrome ۋە Firefox تا نورمال ئىكەن… Theworld تىلا شۇنداق ئىكەن. كەچۈرۈڭ. ئالدىراقسانلىق بىلەن ئىنكاس يېزىپتىمەن.

  3. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!مۇرشىدى ئەپەندىم.
    مەن نەشىرىنى 3.1 گە يېڭىلىغاندىن كېيىن، يازما يېزىش رايونىنىڭ قورال سىتونى مەيلى html ياكى كۆرۈنۈشلۈك تەھرىرلىگۈچ ھالەتتە بولسۇن ئوخشاشلا نورمال كۆرۈنمىدى.قورال سىتونىدىكى قوراللارنىڭ ھېچقايسىسى يوق.رەسىم قىستۇرسام پەقەت كود ھالەتتە قىستۇرۇلۇپ،كۆرۈنۇشلۈك ھالىتى چىقمىدى…

  4. مەن يېڭىلىسام ئاپتۇماتىك يېڭىلىغىلى بولمىدى.قولدا يېڭىلىسام باش بەت ئېچىلماي تۇرىۋالدى.لىكىن باشقۇرۇش بىتىگە نورمال كىرىدى.ئامال يوق كونا نەشرىگە قايتىۋالدىم

  5. سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت! مۇرشىدى ئەپەندىم!
    سىز دىگەندەك wp-includes\js\tinymce\tiny_mce.js نىڭ ئىچىدىكى addchar(this,t);
    return proc_kd(t);
    لارنى ئۆچۈرىۋەتسەم ئوڭشالدى…

  6. ئۇيغۇرچە بىلوگ سېستىمىسىنىڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈن ھارماي ئىزدىنىۋاتىسىز.سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا بۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەس. ھېچقىسى يوق!
    مېنىڭ ئېنگىلىزچىدىن ۋە پىروگىرامما تىلىدىن ئازىراق خەۋرىم بار ئىدى. قارىسام قىستۇرمىلارنىڭ چۈشەندۈرۈرلۈشى ئېنگىلىزچە بولۇپ، ئىشلىتىشكە بەك قولايسىز ئىكەن. تەرجىمىسىنى كۆرسەتكىلى بولسا ناھايىتى ياخشى بولاكەنتۇق.بۇنى قانداق تەرجىمە قىلىمىز؟ بولسا مەنمۇ مۇشۇ ئىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشسام دەيمەن.

  7. قىستۇرمىلارمۇ ئۇسلۇبلارغا ئوخشاش، بەزىلىرىنىڭ تەييار تىل بولىقى تەمىنلەنگەن بولىدۇ. بۇلارنىڭ تىل بولىقىنى تەرجىمە قىلىپ تېگىشلىك ئورۇنغا توغرا نامدا قويۇپ قويساقلا ئۇيغۇرچىلىشىدۇ. لېكىن كۆپىنچە قىستۇرمىلارنىڭ تىل بولىقى تەمىنلەنمىگەن. بۇلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەسلىدىكى قىستۇرما ھۆججىتى ئىچىدىكى ھەر بىر ئۇچۇرنى بىرمۇ بىر تەرجىمە قىلىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. سىناق ئۈچۈن بىرەر قىستۇرمىنى تېپىپ قاراپ بېقىڭ. چۈشىنەلمىگەن يەرلەر بولسا يەنە سورىسىڭىز، قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمەن.

  8. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇرشىدى ئەپەندىم، سالامەت تۇرۇۋاتامسىز؟
    WordPress نىڭ 3.1 نەشرىنى ئىشلىتىش جەريانىدا تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارغا يولۇقتۇم. شۇڭا توغرا ياكى خاتا بولسۇن مۇشۇ يەردە ئوتتۇرىغا قوياي دېدىم.
    1. مەن نەشرىنى يۇقىرىلاتقاندىن كېيىن، باشقۇرۇشقا كىرىشتە گەرچە كىرگۈزگەن مەخپىي نومۇر توغرا بولسىمۇ، «كىرگىلى بولمىدى» دەپ چىقىۋالدى. سىزنىڭ كۆرسەتمىڭىز بويىچە قىلسام ئوڭشالغان، لېكىن يېقىندا يەنە باشقۇرۇشقا كىرسەم كىرىدۇ، لېكىن باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ ھەر بىر قىسمىي تىزىملىكىگە كىرسەم يەنە مەخپىي نومۇر سوراپ تۇرۇۋالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەسلەپكى تىزىملاش ئۇچۇرى باشقۇرۇش بېتىگە كىرگەندىن كېيىنمۇ سول يۇقىرى بۇرجەكتىكى تېز يوللاش دېگەن يەرگە چىقىۋېلىۋاتىدۇ.
    2. باشقۇرۇشقا كىرىدىغان چاغدىكى قوللانچى نامى كىرگۈزىدىغان تېكىست كۆزنىكىنىڭ ئۆزى تونۇيدىغان خەت نۇسخىسى ئىنگىلىزچە بولغان بولسا ياخشى بولاركەنتۇق. بىز ئاساسەن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى نامنى ئىشلەتكەندىن كېيىن قولايلىق بولىدىكەن.
    3. نېمە سەۋەبتىن بولدىكىن، بۇرۇن بوشلۇققا مېدىيا ھۆججەتلىرىنى يوللىسام نورمال يوللىناتتى، لېكىن تۈنۈگۈندىن بېرى «يوللاش مەغلۇپ بولدى، تور كۆرگۈچ يۈكلىگۈچىسىنى ئىشلىتىڭ» دەپ چىقىۋالدى. ئالماشتۇرۇپ يوللىغان بولساممۇ يەنىلا شۇنداق. بوشلۇق توشۇپ كەتكەنمىكىن دېسەم جىق نەرسە يوللىمىغان بولمىسا.
    ئىشقىلىپ مەن بۇ نەشرىدە ئازراق نورمالسىزلىق بولغانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن. بۇرۇنقى نەشرىنى ئىشلەتكەندە ئۇنداق ئەمەس ئىدى. يېڭى نەشرى قاچان چىقىدۇ؟
    ئەيىبكە بۇيرۇمىغايسىز! گەپلىرىم سەل داڭقانپۇتى بولۇپ قالدى….

  9. ۋوردپرەسنىڭ نەشرىنى يۇقۇرى كۆتۈرگەندە، ئىمكان بار ئاپتوماتىك يېڭىلاشنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. شۇندىلا پۈتۈن سىستېما مۇكەممەل يېڭىلىنىدۇ. كۆڭۈلدىكى Twenty Ten ئۇسلۇبىدىن باشقا ئۇسلۇبلارغا ۋە بۇرۇن يوللىغان مېدىيا ھۆججەتلىرىگە تەسىرى بولمايدۇ. ناۋادا يېڭى نەشرى سىزگە ياقمىسا، يېڭىلاشنى ئۆچۈرۈش ئارقىلىق ئەسلىدىكى كونا نەشرىگە يېنىۋالغىلى بولىدۇ.
    ۋوردپرەس 3.1 نەشرىدە AJAX ۋە JavaScript قاتارلىقلاردا خېلى كۆپ ئۆزگەرتىشلەر بولغان. Cookie غا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگەرتىشلەرمۇ بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا كىرىش خاتالىقى يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. يەنە تور كۆرگۈچنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ بېقىش ۋە تور كۆرگۈچ تەڭشەكلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشمۇ ئاقىلانە ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.
    مېدىيا ھۆججەتلىرىنى يوللاشقا كەلسەك، ھەر بىر بوشلۇقنىڭ ئېقىم مىقدارىغا چەكلىمىسى بولىدۇ. بۇ مىقدار بوشلۇقنىڭ سىغىمى بىلەن ئوخشىمايدۇ. يۈكلەشنىڭ مەغلۇب بولۇشى بەلكىم سىزنىڭ شۇ ئايلىق ئېقىم مىقدارىڭىزنىڭ بۇ چەككە يېتىپ قالغانلىقىدا بولۇشى مۇمكىن.
    3.1 دىن كېيىنكى يېڭى نەشرى ھەققىدە ھازىرچە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. لېكىن مېنىڭچە جىددىي بىخەتەرلىك يامىقى لازىم بولمىغان ئەھۋالدا يېڭى نەشرىنىڭ چىقىشىغا كەم دېگەندىمۇ يەنە بىر نەچچە ئاي كېتىشى مۇمكىن. ھازىرچە بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس.

  10. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مورشىدى ئەپەندىم، ياپونىيە سالامەتچىلىكمۇ؟
    3.1 نۇسقىسىدا تەھرىرلىگۈچنىڭ چاتىقىدىن باشقا يەنە، يېڭى تېما يوللىغاندا «تېما ماۋزۇسىنى بۇ يەرگە يېزىڭ» دىگەن خەت سول تەرەپكە سۈرۈلۈپ ئەسلى ئوربىتىسىدىن چەتنەپ كېتىپتۇ، «سىنالغان تور كۆرگۈ گوگل كروم»…js كودىنى ئۆزگەرتسەممۇ يەنىلا ئوخشاش تۇرىدۇ.

  11. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، خېلىدىن بېرى ئالدىراش يۈرۈپ بۇ بەتنى تەكشۈرمەپتىمەن. قارىسام ئىنكاسىڭىز سپەم قاتارىغا كىرىپ قاپتۇ، تارتىپ ئەچىقىپ قويدۇم.
    سىز ئېيتقان مەسىلە تور كۆرگۈنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. بولسا باشقا تور كۆرگۈلەردە نورمالمۇ- ئەمەسمۇ سىناپ باقسىڭىز. ئادەتتە ۋوردپرەسنىڭ ئىچكى كودلىرىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ھاجىتى يوق. بولۇپمۇ باشقۇرۇش بېتى ئوڭدىن سولغا يېزىقلارنى بىمالال قوللايدۇ.

جاۋاب يېزىش