ۋوردپرەس 3.1.2 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

ۋوردپرەس 3.1.2 ئۇيغۇرچە نەشرى بۈگۈن رەسمىي تارقىتىلدى. باشقۇرۇش بېتىڭىزدە ئاپتوماتىك يېڭىلىۋېلىڭ.
بۇ نەشرىدە ئاساسلىقى قوللانچى دەرىجىسىدىكى بىر يوچۇققا ياماق سېلىنىپ، ئالدىنقى نەشرىدىكى بىر قىسىم خاتالىقلار تۈزىتىلگەن. باشقا چوڭ ئۆزگىرىش يوق.
تەپسىلاتىنى بىلەي دېسىڭىز ئىنگىلىزچە بەتنى كۆرۈپ باققايسىز.

يېڭى نەشرىدە ئۆزىڭىزنىڭ ئې ئو تې ھۆججىتىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز،
wp-content/languages/fontfaces.css ھۆججىتىنى تەھرىرلەپ چىقىڭ.

ئىنگىلىزچە نەشرىدە ئۆزگەرتىلگەن ھۆججەتلەر تۆۋەندىكىچە:
wp-includes/post-template.php
wp-includes/version.php
wp-includes/user.php
wp-includes/query.php
readme.html
wp-admin/includes/class-wp-posts-list-table.php
wp-admin/includes/update-core.php
wp-admin/press-this.php

بۇنىڭ ئىچىدىكى readme.html ھۆججىتى ئۇيغۇرچە نەشرىدىمۇ ئۆزگەرتىلدى.

(ئەسكەرتىش: كۆرۈنۈشلۈك تەھرىرلىگۈچ ۋە تېز يوللاش كۆزنىكىگە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش مەسىلىسى تېخىچە ھەل قىلىنمىدى)

«ۋوردپرەس 3.1.2 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى» غا «26» پىكىر بار

  1. قايسى مەشغۇلاتنى قىلغاندا قانداق خاتلىق كۆرۈلگەنلىكىنى تەپسىلىيرەك يېزىپ قويسىڭىز. مەسىلەن، باشقۇرۇش بېتىدە 3.1 نەشرىدىن ئاپتوماتىك يېلىڭىغاندا «قاچىلاش بولىقى يېشىلىۋاتىدۇ» دەپ توختاپ قالدى دېگەندەك.
    بۇ تەرەپتە ئۇ «ئوماق پىنگىۋىن» نى ئىشلەتمەيمەن. شۇڭا مۇمكىن بولسا يولۇققان مەسىلىنى مۇشۇ يەرگە يېزىپ قويسىڭىز، ياكى «ئالاقە» بېتى ئارقىلىق ئېلخەت يازغان بولسىڭىز.
    ياكى بولمىسا ئۇيغۇربەگ تور تۇراسى، نۇرقۇت دۇنياسى قاتارلىق تور بەتلەردىن ياردەم سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

  2. ھۆرمەتلىك مورشىدى مۇرشىدى ئەپەندى:
    ۋوردپىرەسكە سىرتقى تور بەت ئۇلانما ئادرىسلىرىنى ئۈنۈملۈك قوشقىلى بولمايدىكەن. بۇ ھەقتە تور بەتلەرنى ئاقتۇرۇپ كۆرگەن بولساممۇ زۆرۈر ئۇچۇرلارنى تاپالمىدىم، شۇڭا سىزنى يەنە ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم، ئىمكانىيەت بولسا كۆرسەتمە بەرگەيسىز.
    مەسىلەن: تاۋلان تورىنىڭ باش بېتىنى ئۇلىنىش ئادرىسىنى بىۋاستە يازساق، يازما مەزمۇنىدا شۇ ئادرىسقا بىۋاستە كىرگىلى بولمايدىكەن، تۆۋەندىكىدەك:
    www. tawlan. com
    شۇنىڭ بىلەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تەھرىرلەش كۆزنىكىدىكى link ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ تۆۋەندىكىدەك يېزىۋاتىمەن:
    تاۋلان تورىنىڭ ئۇلىنىشى
    بۇنداق بولغاندا چىيەنناۋ قاتارلىق ھەقسىز بوشلۇقلارغا يوللانغان ھەر خىل يۈك ھۆججەتلەرنىڭ ئۇلانما ئادرىسىنى كۆرسىتىپ بېرىش بەك ئاۋارىچىلىق ئىكەن. (مەن نۆۋەتتە چىيەنناۋنىڭ قىستۇرمىسىنى ۋوردپىرەستە ئىشلىتىۋاتىمەن). مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە مۈمكىن بولسا كۆرسەتمە بەرگەن بولسىڭىز.
    يەنە بىر ئىش، مەن بۇرۇنقى خەنچە http://www.xjzxwl.com دېگەن ئادرىسنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ھازىر ئۇيغۇرچە http://www.dilnuri.com دېگەن ئادرىسنى ئىشلىتىۋاتىمەن. ۋوردپىرەس ئۇيغۇرچە ئورگان بېتىدىكى كۆرگەزمىخانىدا داۋاملىق كۆرۈنۈپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇڭا تەڭشەش ئىمكانىيىتى بولسا ئۆزگەرتىپ قويۇشىڭىزنى سورايمەن.

  3. يۇقۇرىقى يازمىنى يېزىۋېتىپ بىرنەرسىنى بايقاپ قالدىم، ئىنكاستا يازما ئادرىسى يېزىلسا، ئۇلىنىش ئاپتوماتىك قوشۇلىدىكەن، يازما مەزمۇنىدا بولسا قوشۇلمايدىكەن، يۇقۇرىقى سىزگە ئەۋەتكەن ئىنكاسلارنى ئالدى بىلەن ئۆزەمنىڭ بىلوگىدا سىناق قىلىپ يېزىپ ئاندىن سىزگە ئىنكاس قىلغان ئىدىم، ۋاقتىڭىز چىقسا تۆۋەندىكىگە قاراپ بېقىڭ.
    http://www.dilnuri.com/wp/?p=284#comment-18

  4. ئۇلانمىنىڭ ئىشىنى مەنمۇ سىناق قىلىپ باقتىم. تور بېتىڭىزنىمۇ كۆرۈپ چىقتىم. دەرۋەقە سىز ئېيتقاندەك، يازمىدىكى تور ئادرېسلىرى ئۇلانما ھالىتىگە ئۆزگەرمەيدىكەن. ئىنكاستا بولسا، مەيلى سىز ئۇنىڭغا //:http نى قوشماي يېزىڭ، ياكى مەيلى ئۇنى كود ھالىتىدە قىستۇرۇڭ، ئوخشاشلا ئاپتوماتىك ھالدائۇلانمىغا ئۆزگىرىدىكەن (يۇقارقى ئىنكاستىكى ئادرېسنى بوش ئورۇن بىلەن ئايرىۋەتتىم). بىرەر يەردە تەڭشىكى بارمىدۇ دەپ ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم.
    ئۇلانمىنى link ئارقىلىق قىستۇرۇش ئۇسۇلى ئەڭ ئۆلچەملىك ئۇسۇل. ھازىرچە شۇنىڭدىن باشقا ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلالمايمەن. ناۋادا سىز ئېيتقان مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغان قىستۇرما ياكى كود تېپىلسا مېنىمۇ خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
    ئورگان بېتىنىڭ كۆرگەزمىخانىسىدىكى تور ئادرېسىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ قويدۇم.

  5. ئۇنىڭ تەرجىمىسىگە كۆپ ۋاقىت كەتمەيدۇ. مەسىلە ئۇنىڭ ئىنگىلىزچە رەسمىي نەشرىنىڭ قاچان تەييار بولىدىغانلىقىدا. يېڭى نەشرىدىكى ئۆزگىرىشلەر خېلى كۆپتەك قىلىدۇ. شۇنداقتا ئۇنى تولۇق سىناپ تۈزىتىپ چىقىشقىمۇ بەلگىلىك ۋاقىت كېتىدۇ. قىزىقسىڭىز ئىنگىلىزچە سىناق نەشرىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.

  6. ھە شۇنداق، ھازىرقىسى beta1 ئىكەن…
    ئۆزگىرىشلەرنىمۇ خېلى كۆپ دەيدۇ. توربەتكە بولغان تەلىپىنىمۇ ئۆستى دەيدۇ، بۇمۇ راستمىدۇ؟ php ۋە sql غا بولغان تەلىپىنى دېمەكچىمەن.
    توردا رەسمىي نۇسخىسىنى 6- ئايدا ئېلان قىلىدۇ دەپتۇ…
    6- ئايدا راستلا رەسمىي نۇسخىسى چىقارمۇ…

  7. ۋوردپرەس ئېچىش بىلوگىدا 3.2 نەشرىنى PHP 5.2.4 ۋە MySQL 5.0 مۇھىتىدا ئىشلەيدۇ دەپتۇ. پىلان بويىچە ماڭسا ئىيۇننىڭ ئاخىرلىرى رەسمىي تارقىتىلىدىكەن. سىناق قىلىدىغانلار قانچە كۆپ بولسا ھەم كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى قانچە تېز كۆرسىتىپ بەرسە، تۈزىتىش ۋە تەڭشەشمۇ شۇنچە تېز بولىدۇ دېيىلىپتۇ. مېنىڭچە كېچىككەندىمۇ ئىيۇلنىڭ باشلىرى تارقىتىلىشى مۇمكىن.
    ئىملانىڭ خاتالىقىغا كەلسەك، بۇ ئورگان تورىدىكى بىلوگ بولغاچقا ئىملا خاتالىقى سادىر قىلىشتىن ساقلىنىپ كېلىۋاتىمىز. ئىنكاسلاردا ئىملا خاتالىقى بايقالسا ۋاقىت چىقىرىپ تەھرىرلەپ تۇرۇۋاتىمىز. شۇڭا بىرەر قېتىم خاتا يېزىپ قويسىڭىزمۇ ھېچۋەقەسى يوق، بىرمۇ بىر تۈزىتىپ قويىمىز. لېكىن تۇنجى ئىنكاسىڭىزدىكى «پەرھات» نى «پەرھارت» دەپ يېزىپ سالغۇدەك دەرىجىدە ئالدىرىماي يېزىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  8. ھۆرمەتلىك مۇرشىدى ئەپەندى، سىزنىڭ بىز ئۈچۈن جاپالىق ھالدا تىرىشىۋاتقانلىقىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن. مەن يېقىندا ۋوردپرەسنىڭ 3.1.1 نۇسخىسىنى ئارقا سۇپىدىن يېڭىلىيالمىدم، بۇنىڭ سەۋەبى نېمىدۇ؟ ئەگەر FTP ئارقىلىق يېڭىلىساق بېرەر چاتاق چىقىپ قالماس؟
    يەنە بىر سوئالىم: بولسا مېنىڭ يېڭى بىلوگىمنىمۇ مۇشۇ تور بېتىڭىزدە ئازراق ۋاقىت تەشۋىق قىلىپ قويغان بولسىڭىز
    كامالىي ئېھتىرام بىلەن: قۇتلۇق بەگ فوقان
    تور بەت ئادرېىسم: http://www.inaq.biz

  9. قۇتلۇق بەگ ئەپەندىنىڭ تەشەككۈرىگە كۆپ رەھمەت.
    ۋوردپرەسنى باشقۇرۇش بېتى (ئارقا سۇپا) دىن يېڭىلىغاندا، ئادەتتە تور سۈرئىتى ئاستا بولسا ياكى ئۆز مۇلازىمېتىرىڭىزدىكى ھۆججەت قىسقۇچلارنىڭ يېزىش تەڭشەكلىرى ئېتىك بولسا خاتالىق كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا FTP قورالى ئارقىلىق قولدا يېڭىلىسىڭىز بولىدۇ. لېكىن يېڭىلاشتىن بۇرۇن بارلىق قىستۇرمىلارنى توختىتىۋېتىشنى، ساندان ۋە يازمىلىرىڭىزنى زاپاسلىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ.

    يېڭى ۋوردپرەس ھۆججەتلىرىنىڭ ھەممىنى مۇلازىمېتىرىڭىزدىكى ھۆججەتلەرنىڭ ئۈستىگە قاپلاپ كۆچۈرۈپ (دىققەت: مۇلازىمېتىردىكى ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈش ھاجەتسىز. ئۆچۈرۈش توغرا كەلگەندىمۇ wp-content ھۆججەت قىسقۇچىنى قالدۇرۇپ قويۇڭ)، تۆۋەندىكى ئادرېسنى ئېچىپ سانداننى يېڭىلاپ قويسىڭىز بولىدۇ:
    http://tor-betingizning-adresi/wp-admin/upgrade.php

    تور بېتىڭىزنى ئورگان تورىدىكى «مىساللار» قاتارىغا خېلى بۇرۇنلا قوشۇپ قويغان. بۇ ئۇلانمىلار ھەر قېتىمدا ئۈچتىن تاللاپ كۆرسىتىلىدۇ. شۇڭا بەتنى بىر قانچە قېتىم يېڭىلىسىڭىز تور بېتىڭىزنىڭ سۈرەتلىك ئۇلانمىسىنى كۆرەلىشىڭىز مۇمكىن. ۋەتەن ئىچىدىكىلەرگە بىلدۈرىمەن دېسىڭىز «يۈكسەل» بىلوگىنىڭ ئۇلىنىش بېتىگە قوشۇپ قويۇشنى ئىلتىماس قىلىڭ، ياكى بىلىك كۇلۇبى، نۇرقۇت دۇنياسى، ئۇيغۇربەگ تور تۇراسى ۋە باشقا مۇنبەر- بىلوگلارغا ئىنكاس يېزىپ ئادرېسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ. ۋوردپرەس ئورگان تورىدا پەقەت مىسال قىلىپلا قوشۇپ قويغىلى بولىدۇ، مەخسۇس تەشۋىق قىلغىلى بولمايدۇ.

  10. مۇرشىدى ئەپەندى، رەھمەت سىزگە…
    مەنمۇ بۇ ۋوردپىرەسكە ئەمدى تېخى يىقىنلاشقىنىم… ھەقىقەتەن ياخشىكەن…
    بۇرۇن تورخۇمار تورىدا wordpress دېسە نېمىدۇ بۇ دەپتىكەنمەن…
    تورغا چىقىشنىلا بىلىدىغان ئىدىم، مانا ئەمدى ئۆزەمنىڭمۇ تورىم بار بولدى…
    http://www.xjalmas.com/top
    جاپا تارتتىڭىز…

  11. ياردەم ، مەن wordpress3.1.2 نەشرىنى ئىشلىتىۋاتقان، يېڭى ئەزا تىزىملىتىش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن ئېلخەت تاپشۇرۇپ ئالالماي، كىرىش پارولىنى بىلەلمەيۋاتىدۇ. قانداق ھەل قىلىشىم كېرەك. مەن ئىككى بوشلۇققا يۆتكەپ سىناپ باقتىم، قانداق قىلىشىم كېرەك، مەسىلە زادى قەيەردە؟ تەڭشەشلەر ئىچىدە ئېلخەت ئادرېسىمنى قايتا قايتا تەكشۈردۈم خاتالىق يوق. لېكىن ئېلخەت تىزىملاتقۇچىغا زادى ماڭمىدى، پارول قايتۇرۇش ئىقتىدارىمۇ ئىشلىمىدى.

  12. «نۇرقۇت دۇنياسى» دىكى تاۋلان ئەپەندىنىڭ مۇنۇ يازمىسىدا دېيىلگىنى بويىچە سىناپ بېقىڭ.

    تۆۋەندىكىسى بۇ يازمىنىڭ بىر قىسمى.
    «WordPress بىلوگىنىڭ تىزىملىتىش ئىقتىدارى بار. بۇ ئارقىلىق بىلوگقا ئەزا بولغىلى بولىدۇ، ئەمما تىزىملاتقاندا قوللانچى پارولى ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىلىدۇ. ئەگەر مۇلازىمېتىرىڭىز ئېلخەت ئىقتىدارىنى قوللىمىسا، قوللانچى پارولىنىمۇ ئەۋەتكىلى بولمايدۇ، ئىختىيارىي تىزىملىتىشنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. مەن مۇناسىۋەتلىك خەنچە تور بەتلەرنى ئاقتۇرۇش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى WP-Mail-SMTP قىستۇرمىسى ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدىم، http://www.dilnuri.com بىلوگىمدا tawlan@126.com نى سىناق قىلىپ مۇۋاپىقىيەت قازاندىم…»
    تەپسىلاتىنى ئەسلى مەنبەدىن كۆرۈڭ.
    ئادرېس: http://www.nurqut.com/ud/thread-5520-1-1.html

  13. مۇرشىدى ئەپەندى، ياخشىمۇ سىز . . 3.1.3 نەشرى چىقتى دەيدۇ . . نېمە ئالاھىدىلىكلىرى باردۇ .. ئاپتوماتىك يېڭىلاشقا قوشۇلۇپتۇ …

    ئاپتوماتىك يېڭىلىساق باشقا چاتاقلار چىقارمۇ …
    مەن ئۆزەم تېخى يېڭىلاپ باقمىدىم … ئەگەر يېڭىلاش زۆرۆر بولمىسا بەك جىق يېڭىلىنىش بولمىسا يېڭىلىماي دېگەن …

  14. مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم Win7 IE8 ئىدى. بۇنىڭدا نورمال كۆرۈنىدۇ، لېكىنIE 6 دە تازا نورمال ئەمەس…
    مەسىلەن : IE8 دە رەسىملەر نورمال كۆرۈنىدۇ، لېكىن IE6 دا يېرىم ياكى بولمىسا بەك چوڭ چىقىپ قالىدىكەن…

  15. 3.1.3 نەشرىنىڭ ئۇيغۇرچىسى تېخى تارقىتىلمىدى. شۇڭا يېڭىلىماي تۇرۇڭ. ناۋادا يېڭىلاپ سالسىڭىز ھەممىسى ئىنگلىزچىغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
    (ئەسكەرتىش: 3.1.3 ئۇيغۇرچە نەشرى 27- ماي تارقىتىلدى)

  16. ۋوردپرەسنىڭ يېڭى نەشرى 6 IE نى قوللىمايدۇ.
    بۇ قېتىمقى بىخەتەرلىك يېڭىلىنىشى 3.2 نەشرىنىڭ تارقىتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

  17. ياخشىمۇ سىز …
    مېنىڭ ۋوردپرەستە قۇرغان تور بېتىمدە نېمىشقا ئىنكاس كۆرۈنمەيدۇ؟ پەقەت ئىسىملا بار، ئىنكاس مەزمۇنى كۆرۈنمەيدۇ… تەڭشەشتىكى مەسىلىمۇ ياكى…
    http://www.xjalmas.com/top/?p=197
    مانا بۇنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ… ئىنكاستا پەقەت ئىسىملا كۆرۈنۈۋالىدۇ…

  18. ئىنكاس ساقايدى. ئەمدى بۇ مەسىلىگە يولۇقتۇم، كودنى خاتا قىلىپ سالدىم…
    قايسى PHP ھۆججىتىدۇ…
    بۇ بەتكە قاراڭ…

  19. مۇمكىن بولسا يۇقارقى ئىنكاسىڭىزدىكى كۆپ چېكىتنىڭ ئورنىغا كېلىدىغان سۆزلەرنى تولۇق يېزىپ قويسىڭىز بوپتىكەن. شۇنىڭدا مەسىلىنى تولۇق چۈشىنىپ، ھەل قىلىشقا ياردىمىمىز تەگسە ئەجەپ ئەمەس.

جاۋاب يېزىش