ۋوردپرەس 3.2 بىرىنچى سىناق نەشرى ھەققىدە

(بۇ يازما ئورگان تورىنىڭ ئىنگىلىزچە بىلوگىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى)
(نۆۋەتتىكى سىناق نەشرى ئوڭدىن سولغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تولۇق قوللىمىغاچقا ئۇيغۇرچە تارقىتىلمايدۇ)
ۋوردپرەس 3.1 نى تېخى تۈنۈگۈن تارقاتقاندەكلا تۇيۇلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا ئۈچ ئاي بولدى. بۇ جەرياندا بىز ئاساسەن ئۇنىڭ ئىجرا بولۇشىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغان يېڭى نەشرىگە تەييارلىق قىلىپ، تۇنجى سىناق نەشرىنى تەييار قىلدۇق.

ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، بۇ تېخى ئېچىش باسقۇچىدىكى يۇمشاق دېتال بولغاچقا، ئۇنى ئۆزىڭىزنىڭ رەسمىي تور بېتى ئۈچۈن ئىشلىتىشىڭىزنى تەشەببۇس قىلمايمىز. يېڭى نەشرىدە پەقەت سىناق تور بېتى قۇرۇپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. ناۋادا مەسىلە بايقىسىڭىز بىزگە مەلۇم قىلىڭ، ناۋادا بىر پىروگىراممىر بولسىڭىز مەسىلىنى ھەل قىلىشىمىزغا ياردەملىشىڭ.

ئەگەر ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولسا، ۋوردپرەس 3.2 نەشرىنى ئىيۇننىڭ ئاخىرلىرى تارقىتىشنى ئويلىشىۋاتىمىز. لېكىن بۇ يەنىلا سىناقنىڭ تاماملىنىشىغا باغلىق. بىز مەسىلىلەر ھەققىدە قانچە كۆپ سىناش ۋە تۈزىتىش ياردىمىگە ئېرىشسەك، ئاخىرقى نەشرىنى شۇنچە تېز تارقىتالايمىز. ناۋادا سىزمۇ سىناق قىلىشنى خالىسىڭىز، كودېكىستىكى مەسىلىلەرنى قانداق مەلۇم قىلىش توغرىسىدىكى يازمىنى ئوقۇپ چىققايسىز.

بىر قىسىم يېڭىلىقلار تۆۋەندىكىچە:

  • ئىجرا بولۇشى سىز ئىشەنمىگۈدەك دەرىجىدە ياخشىلاندى. نېمە دېمەكچى؟ سۈرئىتى تېزلەشتى دېگەن گەپ!
  • يازما يېزىشتا دىققەتنى چېچىشتىن خالىي بولىسىز. كۆرۈنۈشلۈك تەھرىرلىگۈچنىڭ تولۇق ئېكران ھالىتى زور دەرىجىدە تۈزىتىلىپ، HTML ھالىتىدە ئىشلەيدىغان قىلىندى. ۋوردپرەس سىزنىڭ مەزمۇنغا كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىشىڭىز ئۈچۈن بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك ياخشى مۇھىت بىلەن تەمىنلىدى.
  • باشقۇرغۇچى ئارا يۈزى يېڭىلاندى. باشقۇرۇش بېتى ئاخىرقى قېتىم 2008- يىلى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىلگەن. بۇ قېتىمقىسى ئۇنداق چوڭ ئۆزگەرتىش بولماستىن، بەلكى بىر قىسىم ياشىرىش تۇيغۇسى بېرىدىغان ئۆزگەرتىشلەرلا خالاس. سىزگە مەلۇم بولغاندەك، بۇ ئاينىڭ ئاخىرى ۋوردپرەس 8 ياشقا كىرىدۇ ئەمەسمۇ.
  • يېڭى كۆڭۈلدىكى ئۇسلۇب قوشۇلدى. قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن Duster ئۇسلۇبى ئاساسىدىكى «ئىككى مىڭ ئون بىر» ئۇسلۇبى قوشۇلدى. ئىقتىدارلىرى: بىلوگ رەسىمىنى ئايلاندۇرۇش، يازما فورماتى قوللىشى ۋە باشقىلار.
  • كۆڭۈللۈك زىيارەت قىلالايسىز. ۋوردپرەس زامانىۋى تور كۆرگۈلەردە ئىشلەيدىغان قىلىندى. ناۋادا باشقۇرۇش بېتىڭىزنى كونا نەشردىكى تور كۆرگۈلەردە ئاچقان بولسىڭىز، تور كۆرگۈڭىزنىڭ يېڭى نەشرى بارلىقى ھەققىدە ئەسكەرتمە بېرىمىز.
  • باشقۇرغۇچى يولباش ئىستونىغا يېڭىدىن بىر قىسىم ئۇلانمىلارنى قوشۇپ ئىشلىتىلىشچانلىقىنى ئاشۇردۇق.

سەمىڭىزگە سالىمىزكى،

  1. ۋوردپرەسنىڭ سىستېمىغا بولغان ئەڭ تۆۋەن تەلىپى يېڭىلاندى: ئۇ PHP 5.2.4 ۋە MySQL 5.0 مۇھىتىدا ئىشلەيدۇ.
  2. Internet Explorer 6 نى ئەمدى قوللىمايدۇ.
  3. «ياقتۇرمىلىرىم» تىزىملىكى ئۆچۈرۈۋېتىلدى. ناۋادا بۇ تىزىملىكنى ئىشلىتىدىغان قىستۇرمىلارنى تۈزگەن ياكى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، ئۇنى باشقۇرغۇچى يولباش تىزىملىكىگە ئالماشتۇرۇپ قويۇڭ.

(داۋامى قىسقارتىلدى)

«ۋوردپرەس 3.2 بىرىنچى سىناق نەشرى ھەققىدە» غا «3» پىكىر بار

  1. بۇ ۋوردپرەسنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى نېمانداق تېز، قوغلاپ يېتىشىپ بولالمايمىزمۇ نېمە؟! مۇرشىدى ئەپەندى بىز ئۈچۈن كۆپ جاپا چېكىۋاتىدۇ… ھەي… مېنىڭ مۇشۇ تور بەت تۈزەش، پىروگىرامما دېگەندەك نەرسىلەرگە زادى كاللام ئىشلىمەيدىكەن… بولمىسا ھە- ھۇ دېيىشىپ بەرگەن بولاتتىم… شۇنداقتىمۇ قاچىلاپ ئىشلىتىپ خاتالىق بايقالسا ئىنكاس يېزىپ قويارمەن.
    مۇرشىدى ئەپەندى، بولسا مېنىڭ بىلوگىمنىمۇ بىر قانچە كۈن بولسىمۇ تور بېتىڭىزدە تەشۋىق قىلىپ قويغان بولسىڭىز، ۋەتەن ئىچىدىكى دوستلار تازا بىلىپ كەتمىگەن چېغىۋا…
    تور بەت ئادرېسىم: http://www.inaq.biz

  2. ياخشى كۆڭلىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
    ۋوردپرەسنىڭ شوئارىدىمۇ state-of-the-art، يەنى دەۋرنىڭ ئەڭ ئالدىدا ماڭىدىغان دېگەن سۈپەتلەش ئىشلىتىلگەن. پۈتۈن دۇنيادىكى يۈزلىگەن كەسپ ئېگىسى ئۇنى ئېچىشقا قاتنىشىۋاتىدۇ (ئاستىدىكى ئۇلانمىغا قاراڭ). سىناق خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتقانلارمۇ خېلىلا كۆپ. ئۇنىڭ
    مۇشۇنداق تېز يېڭىلىنىشىدا كۆپچىلىكنىڭ ھەمكارلىقى ئاساسلىق ئامىل دەپ قارايمەن.
    مەن ئاساسەن تەرجىمىسىنىلا ئىشلەۋاتىمەن. كود قىسمىغا بولغان چۈشەنچەم يوقنىڭ ئورنىدا. بولمىسا ھەر خىل ئىقتىدارلارنى قىستۇرما قىلىپ تۈزۈش ياكى ئۇسلۇب لاھىيىلەش قاتارلىق ئىشلارنىمۇ قىلساق بولاتتى.

    ۋوردپرەس 3.1 نەشرىنى تۈزۈشكە قاتناشقان 180 كىشىنىڭ تىزىملىكى:
    https://wordpress.org/news/2011/02/threeone/

  3. شۇنداق، بۇ سىناق نەشرى باشقۇرۇش بېتىدىن تارتىپ ئۇسلۇبقىچە ئوڭدىن سولغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تولۇق قوللىمىغاچقا ئۇيغۇرچىسى تارقىتىلمىدى. سىناپ باقاي دېسىڭىز ئىنگىلىزچە نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ.
    ئىنگىلىزچە: https://wordpress.org/wordpress-3.2-beta1.zip
    (ھازىر قارىسام خەنچە نەشرىمۇ تېخى تارقىتىلماپتۇ)

جاۋاب يېزىش