ۋوردپرەس 3.1.3 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

بىخەتەرلىك جەھەتتىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلغان ۋوردپرەس 3.1.3 نەشرىنىڭ ئىنگىلىزچىسى 25- مايدا تارقىتىلغان ئىدى. بۈگۈن ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىنى تارقىتىشقا مۇۋەپپەق بولدۇق. بىخەتەرلىك جەھەتتىن ئويلاشقاندا دەرھال يېڭىلىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئورگان تورى: https://ug.wordpress.org/wordpress-3.1.3-ug_CN.zip
بىلوگباس: http://filer.blogbus.com/4258529/resource_4258529_1306511319o.zip

بۇ نەشرىدە ئاساسلىقى ھۆججەت يۈكلەش قاتارلىق مەشغۇلاتلاردىكى بىر نەچچە بىخەتەرلىك يوچۇقىغا ياماق سېلىنغاندىن باشقا، ئىمپورتلاش خاتالىقى كۆرۈلگەندىكى تۈزىتىش مەشغۇلاتى ياخشىلانغان. يەنە باشقۇرۇش بېتى ۋە كىرىش بېتىدە ساختا ئۇلانمىلار ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش قاتارلىق بىر قىسىم يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلغان.

ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئىلگىرىكى نەشرى بىلەن ئوخشاش، پەقەت UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىنىڭ ئۆزى ۋە ئې ئو تى ھۆججىتى 3.10 نەشرىگە ئالماشتۇرۇلدى. باشقا ئالاھىدە ئۆزگىرىش يوق.
ئىنگىلىزچە ئەسلى نەشرىدە ئۆزگەرتىلگەن ھۆججەتلەر تۆۋەندىكىچە:
wp-login.php
wp-app.php
wp-includes/default-filters.php
wp-includes/taxonomy.php
wp-includes/post.php
wp-includes/theme.php
wp-includes/functions.php
wp-includes/formatting.php
wp-includes/canonical.php
wp-includes/class-oembed.php
wp-includes/meta.php
wp-admin/admin-ajax.php
wp-admin/includes/post.php
wp-admin/includes/class-wp-plugins-list-table.php
wp-admin/includes/import.php
wp-admin/includes/template.php
wp-admin/includes/media.php
wp-admin/ms-delete-site.php
wp-admin/custom-header.php
wp-admin/plugins.php
wp-admin/press-this.php
wp-admin/custom-background.php

ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يېڭىلاش جەريانىدا ياكى يېڭىلىغاندىن كېيىن كۆرۈلگەن ئۇيغۇرچە تەرجىمە توغرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

«ۋوردپرەس 3.1.3 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى» غا «12» پىكىر بار

  1. مەن يېڭىلىۋالدىم. مۇرشىدى ئەپەندىم، بولسا مۇشۇ wordperss نىڭ يان ئىستون بۆلەك ناملىرىنىڭ ئىنگلىزچىسىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز، ياكى ۋىجېتلار رايونىنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسىدىكى رەسىمىدىن بىر پارچە تارتىپ بەرگەن بولسىڭىز. ماڭا ئاشۇ بۆلەكلەرنىڭ ناملىرى لازىم ئىدى.

  2. مۇلازىمېتىرىڭىزنىڭ ۋوردپرەس قاچىلانغان ھۆججەت قىسقۇچىدىكى wp-config.php ھۆججىتىنى ئېچىپ، ug_CN نى تېپىپ ئۆچۈرۈۋېتىپ بىلوگىڭىزنى قايتا ئاچسىڭىز، ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى ئىنگلىزچە كۆرۈنىدۇ. سىناپ باققايسىز.

  3. ياكى بولمىسا ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى po بولغان ھۆججەتلىرىنى خالىغان يۇنىكودلۇق تەھرىرلىگۈچتە ئېچىپ، ئۇيغۇرچە ئاتالغۇنى ئىزدىسىڭىز، شۇ قۇرنىڭ ئۈستى تەرىپىدىن ئەسلىدىكى ئىنگىلىزچە ئاتالغۇنى تاپالايسىز.

  4. مۇرشىدى ئەپەندىم، ئارقا بەتتىكى باش سۈرىتى يوق ئىنكاسچىلار ئىنكاس يازسا چىقىدىغان غەلىتە باش سۈرەتلەرنى ئۆزىمىز خالىغان باش سۈرەتكە ئالماشتۇرغىلى بولامدۇ؟

  5. ئادەتتە باشقۇرۇش بېتىدە «تەڭشەكلەر» – «مۇھاكىمە» دېگەن بەتنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى «كۆڭۈلدىكى ئاۋاتار» نى تاللاش ئارقىلىق باش سۈرىتى يوق تورداشلار ئۈچۈن قايسى سۈرەتنى كۆرسىتىشنى بەلگىلەشكە بولىدۇ. ناۋادا بۇ سۈرەتلەرنى ئۆزىڭىزنىڭكىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز، ئوخشاش چوڭلۇقتا سۈرەت تەييارلاپ، ۋوردپرەس ھۆججەت قىسقۇچىدىكى ماس ھالدىكى سۈرەت ھۆججىتىنى ھۆججەت مەشغۇلاتىدا ئالماشتۇرۇۋېتىڭ.

  6. ۋوردپرەس ھۆججەت قىسقۇچىدىكى ماس ھالدىكى سۈرەت ھۆججىتىنى مۇشۇنىتاپالمىدىم خىلىلا ئىزدىدىم بولمىسا ، لىكىن ئاشۇ قونچاق رەسىملەرنىڭ كىلىش ئادرىسى يەنى رەسىم ئادرىسىنى تەكشۈرسەم ئۇ ئاۋاتار تورىدىن كەلگەن ئادرىس ئىكەنغۇ

  7. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، نېمە ئۈچۈن مەن ۋ پ نى قاچىلىسام ھەممە نەرسە مۇۋەپپەقىيەتلىك ، بىر كۈن ئۆتۈپلا ئارقا بەتكە ئۆتەلمەيمەن ؟ مۇشۇنى بىر دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن . رەھمەت !

  8. ئادەتتە بۇ خىل ئەھۋال ۋوردپرەسنى غول مۇندەرىجە ئاستىدىكى بىرەر قىسمىي مۇندەرىجىگە قاچىلىغاندا، تەڭشەكلەرنىڭ توغرا بولماسلىقىدىن كۆرۈلىدۇ. ۋوردپرەسنىڭ ئەڭ يېڭى نەشرىدىمۇ ئوخشاش خاتالىق كۆرۈلسە، نۇرقۇت دۇنياسىدىكى تۆۋەندىكى تېمىدىن پايدىلىنىپ ئوڭشاپ بېقىڭ.
    دىققەت: سانداننى ئۆزگەرتىش تۈپەيلىدىن بىلوگ پەقەتلا ئېچىلمايدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئىشەنچ قىلالمىسىڭىز بۇ مەشغۇلاتنى قىلماڭ.
    http://www.nurqut.com/ud/thread-6717-1-1.html

جاۋاب يېزىش