ۋوردپرەس 3.2 كاندىدات نەشرى تارقىتىلدى

سۈرئىتى تېزلەشتۈرۈلگەن ۋە بىر قىسىم يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلغان ۋوردپرەس 3.2 نەشرىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان تورداشلار ئاز بولمىسا كېرەك. گەرچە 3.2 نەشرىنىڭ 1- سىناق نەشرى 12- مايدا، 2- سىناق نەشرى 25- مايدا، 1- كاندىدات تارقىتىلما نەشرى 14- ئىيۇندا ئىنگلىزچە تارقىتىلغان بولسىمۇ، ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق سىناق نەشرى ئۇيغۇرچىنى تولۇق قوللىمىغاچقا تەرجىمىسى تارقىتىلمىغان ئىدى. بۇ قېتىم كەڭ تورداشلارنىڭ جىددىي ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر قىسىم ئۇچۇرلارنىڭ تەرجىمىسى تاماملانمىغان ھالەتتە، 14- ئىيۇن تارقىتىلغان 1- كاندىدات نەشرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تارقىتىشقا مۇۋەپپەق بولدۇق.

بۇ كاندىدات نەشرى بولغاچقا باشقۇرۇش بېتىدىن ئاپتوماتىك يېڭىلاش ئىمكانىيىتى يوق. سىناپ باققۇچىلار تۆۋەندىكى ئادرېستىن چۈشۈرۈپ، سىناق مۇلازىمېتىرىغا قاچىلاپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ:
https://ug.wordpress.org/wordpress-3.2-RC1-ug_CN.zip

تورداشلارنىڭ ئۆز بىلوگىنى بۇ كاندىدات نەشرىگە يېڭىلاپ سالماسلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز.

ئىنگلىزچە نەشرىدىكى ئۆزگەرتىشلەرنى ئىنگلىزچە رەسمىي تور بېتىدىن كۆرۈڭ.
https://wordpress.org/news/

ئۇيغۇرچە تەرجىمىدىكى ئۆزگەرتىشلەر:
1. خەت نۇسخىسىنى تەڭشەيدىغان fontfaces.css ھۆججىتى ئاپتوماتىك قۇرۇلىدىغان قىلىندى.
ھازىرغىچە PHP كودى ئارقىلىق مۇلازىمېتىردىكى ۋوردپرەس قاچىلانغان مۇندەرىجىنى تېپىش مەسىلىسى ھەل قىلىنمىغاچقا، ئالدىنقى نەشرلىرىدە ۋوردپرەس ئورگان تورىدىكى ئې ئو تې ھۆججىتى مۇقىم ئادرېس شەكلىدە ئىشلىتىلگەن ئىدى. گەرچە ئىشلەتكۈچىلەرگە قارىتا
wp-content/languages/fontfaces.css تىن ئىبارەت بىرلا ھۆججەتنى تەھرىرلەش ئارقىلىق ئۆزى خالىغان خەت نۇسخىسىنى تەڭشەش ئىمكانىيىتى يارىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەشغۇلات دەسلەپكى ئۆگەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن يەنىلا قىيىن بولغاچقا، بۇ قېتىم fontfaces.css ھۆججىتىنى ۋوردپرەسنى قاچىلاش (ياكى يېڭىلاش) جەريانىدا ئاپتوماتىك ھاسىل بولىدىغان قىلىپ تەڭشىدۇق. شۇ ئارقىلىق بىلوگنىڭ خەت نۇسخىسى شۇ مۇلازىمېتىردىكى ۋوردپرەس بولىقى ئۆز ئىچىگە ئالغان UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىغا توغرىلىنىدىغان بولدى. كېيىنچە بۇنى باشقۇرۇش بېتىدە تەھرىرلەش ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقچى.
يېڭى fontfaces.css ھۆججىتى پەقەت ۋوردپرەسنى يېڭىدىن قاچىلىغاندا ياكى ئورگان تورىدىكى ئې ئو تې ئىشلىتىلگەن كونا نەشردىكى ۋوردپرەستىن ئاپتوماتىك يېڭىلىغان چاغدىلا ھاسىل قىلىنىدۇ. ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزىنىڭ خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ۋوردپرەسنىڭ كۆڭۈلدىكى fontfaces.css ھۆججىتىنى ئۆزگەرتكەن ئەھۋالدا، ۋوردپرەس 3.2 نەشرى بۇ fontfaces.css ھۆججىتىنى ئۆچۈرۈۋەتمەي ساقلاپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا 3.1.3 نەشرىدىن 3.2 رەسمىي نەشرىگە يېڭىلىغاندىمۇ ئىشلەتكۈچىلەر بەلگىلىگەن خەت نۇسخىسىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ.
بۇ ئىقتىدارلار wp-content/languages/ug_CN.php ھۆججىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىقتىدارلارنى سىناپ بېقىشقا قىزىققۇچىلار ياكى كود بىخەتەرلىكى قاتارلىق تەرەپلەردە مەسلىھەت بېرىشنى خالىغۇچىلار ug_CN.php ھۆججىتىنى ئېچىپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.

2. قاچىلاش باسقۇچىدىكى ئې ئو تې ھۆججىتى بىۋاسىتە wp-content/languages ئىچىدىكى UKIJ Tuz Tom غا توغرىلاندى.
ئىلگىرىكى نەشرىدە ئې ئو تې ئۈچۈن ئورگان تورىغا قارىتىلغان مۇقىم ئادرېس ئىشلىتىلگەچكە بەتنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى ئاستا بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان ئىدى. بۇ قېتىم خەت نۇسخىسى ھۆججىتى قاچىلاش مەلۇم باسقۇچقا بارغاندا قۇرۇلىدىغان قىلىنغاچقا، باشتىكى بىر قانچە بەتتە ئۇيغۇرچە خەتلەر نورمال كۆرۈنمەسلىك مەسىلىسى كېلىپ چىقتى. شۇ سەۋەبتىن خەت نۇسخىسىنىڭ كودىنى بىۋاسىتە ئەسلى ھۆججەتنى ئۆزگەرتىشتەك تەۋسىيە قىلىنمايدىغان ئۇسۇلدا قوشۇپ چىقتۇق. مەسىلە كۆرۈلسە مەلۇم قىلىپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

3. قاچىلاش داۋامىدىكى بىلوگ نامىنى كىرگۈزىدىغان كۆزنەكتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
بۇمۇ تەۋسىيە قىلىنمايدىغان ئۇسۇلدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

4. كىرىش بېتىدىكى قوللانچى نامىنى كىرگۈزىدىغان كۆزنەككە ئۇيغۇرچە كىرمەيدىغان قىلىندى.
ناۋادا ئۇيغۇرچە كىرگۈزمەكچى بولسىڭىز، wp-content/languages/bedit.js ھۆججىتىدىكى bedit_deny نىڭ قىممىتى ئارىسىدىن log: نى ئۆچۈرۈۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.

5. تەرجىمىسى تولۇق پۈتمىدى. تەرجىمە قىلىنمىغان ئۇچۇرلار ئۇچراپ قالسا ئەجەبلەنمەسلىكىڭلارنى سورايمىز. تەرجىمىگە قاتنىشىشنى ئىختىيار قىلغۇچىلارنىڭ
https://translate.wordpress.org/projects/wp/dev غا بېرىپ قاتنىشىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئەسلى پىلان بويىچە بولسا ئىنگىلىزچە 3.2 رەسمي نەشرى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى تارقىتىلماقچى، لېكىن ئۇيغۇرچە نەشرى كېلەر ئاينىڭ 10- كۈنلىرى ئەتراپىدا تارقىتىلىشى مۇمكىن. شۇنىڭغىچە تەخىر قىلىپ تۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.