ۋوردپرەس 3.2.1 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

بۈگۈن ۋوردپرەسنىڭ 3.2.1 ئۇيغۇرچە نەشرى ئورگان تورىدا تارقىتىلدى.

ۋوردپرەسنىڭ 3.2 نەشرىدە بەتنىڭ ئېچىلىش- ئىجرا بولۇش سۈرئىتى زور دەرىجىدە تېزلەشتۈرۈلگەن، «ئىككى مىڭ ئون بىر» نامىدىكى يېڭى كۆڭۈلدىكى ئۇسلۇب قوللىنىلغان، تولۇق ئېكراندا تەھرىرلەش قاتارلىق يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلغان، باشقۇرۇش بېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە رەڭگى يېڭىلانغان، IE6 نى قوللاش توختىتىلغان، PHP ۋە MySQL غا بولغان تەلىپى ئاشۇرۇلغان بولۇپ، بۇ نەشرىدىكى ياخشىلانغان ۋە يېڭىلانغان ئىقتىدارلار 400 دىن ئاشىدۇ. تەپسىلىي ئۆزگەرتىشلەرنى ئورگان تورىنىڭ ئىنگلىزچە بىلوگىدىن كۆرۈڭ.
https://wordpress.org/news/2011/07/gershwin/

3.2.1 نەشرىدە بىر قىسىم مۇلازىمېتىرلاردا كۆرۈلگەن JSON غا مۇناسىۋەتلىك خاتالىقلار تۈزىتىلگەن، 3.2 نەشرىنىڭ چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانى بىر مىليوندىن ئاشقاندا تارقىتىلغان. تەپسىلىي ئۆزگىرىشلەرنى ئورگان تورىنىڭ ئىنگلىزچە بىلوگىدىن كۆرۈڭ.
https://wordpress.org/news/2011/07/wordpress-3-2-1/

ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا خەت نۇسخىسى تۆت خىل فونتقا تەڭشەلگەندىن باشقا، خەت نۇسخىسى ھۆججىتىنى ئاپتوماتىك ھاسىل قىلىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. كاندىدات نەشرىدە چۈشەندۈرگىنىمىزدەك، بۇ نەشرىنى قاچىلىغاندا ئىشلەتكۈچىلەر بۇرۇن ئۆزى ئۆزگەرتىپ ئىشلەتكەن خەت نۇسخىسى ھۆججىتى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.
https://ug.wordpress.org/2011/06/21/wordpress-3-2-release-candidate-uyghur-released/

ئارىلىقتا تارقىتىلغان 3.1.4 ۋە 3.2 نەشرىنىڭ ئۇيغۇرھە تەرجىمىسى تەييار بولغان ھاغدا تولۇقلاپ تارقىتىلىدۇ. ۋاقىپ بولۇپ قالغايسىزلەر.

نۆۋەتتە ئۇيغۇرچە ئاساسلىق تەرجىمە %95 تاماملانغان ھالەتتە بولۇپ، تەرجىمىنىڭ تولۇق پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. ياردەم بېرىشنى خالىغۇچىلار
https://translate.wordpress.org/projects/wp/dev
بېتىگە بېرىپ تەرجىمە خىزمىتىگە قاتناشسا بولىدۇ. تەرجىمە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تەرجىمىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ بۇندىن ئىلگىرىكى تەرجىمىنى بىرەر قۇر كۆرۈپ چىقىشىنى سورايمىز.

يېڭى نەشرىدىكى ھەرقانداق مەسىلىگە قارىتا پىكىر- تەكلىپلەرنى بېرىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. پىكىر- تەكلىپلەرنى ئورگان تورىنىڭ ئۇيغۇرچە بىلوگى ياكى مۇشۇ تېما ئاستىغا قالدۇرساڭلار بولىدۇ.

ۋوردپرەستە قۇرغان تور بېتىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئاۋاتلىشىشىغا، ئىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمىز.

«ۋوردپرەس 3.2.1 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى» غا «52» پىكىر بار

  1. مەن يېڭىلاپ بولدۇم، سۈرەت بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئالاھىدە تېز ئىكەن. ھازىرچە باشقا چاتاق بايقىمىدىم.
    مۇرشىدى ئەپەندى جاپا تارتتىڭىز، رەھمەت!

  2. مەن بىر يەرنى بايقىدىم. باشقۇرۇش بېتىدىكى «كۆرۈنۈش»- «تەھرىرلىگۈچ» نى ئاچسام ، كود تەھرىرلەش رايونى ئوڭدىن قىستىلىپ چىقىۋالدى. يا جاھاننامىنىڭ ئىشىمىكىن…. بىلىمىدىم..

  3. ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت. بۇ تور كۆرگۈنىڭ ئىشى ئەمەسكەن. يېڭى نەشىردە كود رايونىدىكى تېكىست يۆنىلىشىنى بەلگىلەش كودى ئېلىۋېتىلىپ، شۇ تىلنىڭ يېزىلىش يۆنىلىشى بويىچە توغرىلىنىدىغان قىلىنغان ئىكەن. بۇ مەسىلە باياتىن تۈزىتىلدى.

    بۇ مەسىلىنى تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللاردا ھەل قىلىش مۇمكىن:
    1. wp-admin\css\theme-editor.css ھۆججىتىنى تەھرىرلىگۈچتە ئېچىپ، #template textarea قىسمىغا direction:ltr; كودىنى قوشۇپ قويۇش، يەنى:
    ئۆگەرتىشتىن بۇرۇن:
    template textarea{font-family
    ئۆزگەرتكەندىن كېيىن:
    template textarea{direction:ltr;font-family

    2. theme-editor.css ھۆججىتىنى ئورگان تورىنىڭ SVN بوشلۇقىدىن چۈشۈرۈپ، wp-admin\css\theme-editor.css ھۆججىتى بىلەن ئالماشتۇرۇش. چۈشۈرۈش ئادرېسى:
    http://svn.automattic.com/wordpress-i18n/ug_CN/tags/3.2.1/dist/wp-admin/css/theme-editor.css

    3. ئورگان تورىدىن پۈتۈن ۋوردپرەس بولىقىنى چۈشۈرۈپ، ماس ھۆججەتنى ئالماشتۇرۇش.
    ئالماشتۇرۇلىدىغان ھۆججەت: wp-admin\css\theme-editor.css

    4. باشقۇرۇش بېتىدە ۋوردپرەسنى قايتىدىن 3.2.1 ئۇيغۇرچە نەشرىگە يېڭىلاش.

    يۇقارقى ئۇسۇللارنىڭ خالىغان بىرىدىن پايدىلىنىپ ئوڭشىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  4. مۇرشىدى ئەپەندىم، مەن تەھرىرلىگۈچنىڭ ھازىرقى نەشرىدىكى ئوڭدىن سولغا بولغان ھالىتىنى تازا ياقتۇرمىدىم، بۇنى قانداق قىلىپ ئەسلىدىكىدەك سولدىن ئوڭغا قىلغىلى بولىدۇ؟ يەنە بىرسىگە بۇرۇنقى 3.1.3 نەشرىنى ئىشىتىۋاتقانلار قانداق قىلغاندا ئەسلى بىلوگىنى بۇزمىغان ئاساستا 3.2.1 نەشىرىگە كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟ ئارقا بەتتىن بىۋاستە يېڭىلىسا خاتالىق كۆرۈلىدىكەن.

  5. ناۋادا سىزنىڭ دەۋاتقىنىڭىز ئۇسلۇب تەھرىرلىگۈچ بولسا، ئۇنداقتا بۇ سوئالىڭىزغا ئۈستى تەرەپتە تەپسىلىي جاۋاب بېرىلگەن، شۇ 4 خىل ئۇسۇلنىڭ خالىغان بىرىدىن پايدىلىنىپ تەھرىرلىگۈچنى سولدا ئوڭغا چىقىدىغان قىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
    كونا نەشرىدىن نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى نەشرىگە يېڭىلاشتا، باشقۇرۇش بېتىدىن بىۋاسىتە يېڭىلاش ئەڭ ئاسان ئۇسۇل. شۇغىنىسى تور سۈرئىتى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە يېڭىلاش بولىقىنى چۈشۈرۈشكە بەكلا ئۇزۇن ۋاقىت كېتىش ئېھتىماللىقى بار. بۇنداق ئەھۋالدا ۋوردپرەس بولىقىنى ئايرىم چۈشۈرۈپ، wp-content\themes ھۆججەت قىسقۇچىدىن باشقا بارلىق ھۆججەتنى مۇلازىمېتىرىڭىزغا ئۈستىلەپ يۈكلەپ، سانداننى بىر يېڭىلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ. ئەسلىدىكى ئۇسلۇب ۋە باشقا مەزمۇنلارغا ھېچقانداق تەسىر يەتمەيدۇ. پەقەت بىر قىسىم قىستۇرمىلارنىڭ سىغىشماسلىقىدىن مەسىلە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بۇ چاغدا شۇ قىستۇرمىنى يېڭىلاش ياكى توختىتىۋېتىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش مۇمكىن.
    مۇمكىن بولسا باشقۇرۇش بېتىدىن يېڭىلاشتا قەيەردە قانداق خاتالىق كۆرۈلگەنلىكىنى تەپسىلىي يېزىپ قويارسىز.

  6. رەھمەت! بۇ گېپىڭىزدىن خاتىرجەم بولۇپ قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئارقا بەتتىن بىۋاسىتە يېڭىلىغان ئىدىم ھەممە جەھەتتىن نورمال بولدى. قارىغاندا ئۈستىدىكى بېرىلگەن تەكلىپلەرنى كۆرگەندىن كىيىن ئوڭلاپ قويغان ئوخشايسىز. يېڭى نەشرى چىقسا يېڭىلاشقا ئالدىرىمىساقمۇ بولىدىكەن جۇما! باشقىلار ئاۋارىچىلىككە يولۇقۇپ مەسىلىنى دەپ قويسا ھەل قىلىنىپ بولغاندا بىز ئىسسىق تەييار مانتىغا ئۈلگۈرۈپلا كېلىدىكەنمىز، ھى ھى ھى ھى! مەن چۈشۈرگەندىن كېيىن ھەممە جەھەتتىن نورمال. كۆپ رەھمەت مۇرشىدى ئەپەندىم.

  7. Warning: Cannot modify header information – headers already sent by (output started at /home/uctaz/public_html/wp-content/themes/Dreamy v3.0/functions.php:171) in /home/uctaz/public_html/wp-includes/pluggable.php on line 934
    بۇ نېمە خاتالىق؟

  8. wp-content/themes/Dreamy v3.0/functions.php ھۆججىتىگە، بولۇپمۇ ھۆججەتنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا بوشلۇق قوشۇلۇپ قالمىغانلىقىنى جەزملىگەندىن كېيىن BOM يوق يۇنىكود شەكلىدە ساقلاپ سىناپ بېقىڭ.

  9. Warning: Cannot modify header information – headers already sent by (output started at /home/aqdong/public_html/wp-content/themes/twentyeleven/functions.php:1033) in /home/aqdong/public_html/wp-admin/theme-editor.php on line 99
    بۇ خاتالىققا قاراڭ، بۇ ۋوردپىرەسنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبى تۇرۇپمۇ مۇشۇ خاتالىق چىقىۋالدى. بۇنىمە سەۋەب؟

  10. جاۋابىمىز كېچىكىپ كەتتى، ئەيىبكە بۇيرۇمىغايسىز.
    wp-config.php ھۆججىتىنىڭ ئەڭ ئالدىغا بوش قۇر قوشۇلۇپ قالمىغانلىقىنى جەزملەپ، BOM بولمىغان ھالەتتە ساقلاپ سىناپ بېقىڭ.
    دىققەت: ۋىندوۋستىكى خاتىرە دەپتەر ھۆججەتنى ساقلىغاندا ئاپتوماتىك ھالدا BOM نى قوشۇۋالىدۇ. شۇڭا ئىمكان بار باشقا تەھرىرلىگۈچ ئىشلىتىڭ.

  11. فىلىم قىستۇرماقچى بولسىڭىز قورال ئىستونىدىكى سىن قوشۇش كونۇپكىسىنى چەكسىڭىز بولىدۇ، ياكى قىستۇرما ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

  12. سالام مۇرشىدى ئەپەندى.
    ۋوردپرەس 3.2.1 دىن باشلاپ ئۇسلۇب خەت يۆنىلىشىنى ئاپتوماتىك ئوڭدىن سولغا توغرىلىۋېتەمدۇ؟ مەن يېڭى ئۇسلۇبتىن بىرنى ئۆزلەشتۈرۈۋاتقان، ئۇسلۇب css غا ھېچ قانداق يۆنىلىش توغرىلاش كودى قوشمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ خەت يۆنىلىشى ئوڭدىن سولغا، بىراق مەن ئۇسلۇب css نى ئۆزۈم ئۆزگەرتمەكچى ئىدىم، بۇنى ۋوردپرەس ئەسلى ھۆججىتىدىكى قايسى css كونترول قىلىدۇ؟ سىزنى مالال قىلدىم.

  13. بۇ ۋوردپرەس ئۆزىدىكى css نىڭ ئىشى ئەمەسكەن، بايا ئولتۇرۇپ كۆرۈپ باقتىم، php دە بەلگىلىنىۋەتكەن ئوخشايدۇ. ۋوردپرەسنىڭ كونا نەشرىنى چۈشۈرۈپ يەرلىكتە ئىشلىتىپ تۇراي.

  14. شۇنداق، ئۇ CSS تا ئەمەس، بەلكى wp-content/languages/ug_CN.php ھۆججىتىدىن ئوقۇلىدۇ. لېكىن بۇ ھۆججەتنى ئۆزگەرتسىڭىز، باشقۇرۇش بېتىڭىزدىن تارتىپ ھەممىسى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. بۇ ئەھۋال كونا نەشىرلىرىدىمۇ ئوخشاش.
    ئۇسلۇبتىكى ئوڭدىن سولغا كونترول قىلىدىغان يەرنى تەھرىرلەي دېسىڭىز، ئۇسلۇبىڭىزنىڭ header.php ھۆججىتى ئىچىدىكى html> دىن باشلانغان بىر قۇر كودنى <html> بىلەن ئالماشتۇرۇۋەتسىڭىز بولىدۇ.

  15. رەخمەت مۇرشىدى ئەپەندى.
    سىز دېگەندەك ئۇسلۇبنىڭ header.php ھۆججىتىنىڭ ئارىسىدىكى كودىنى ئېلىۋەتسەم مەن ئويلىغان ھالەتكە كەلدى. ئۇسلۇبدىكى بىر نەچچە رەسىمنىڭ ئورنىنى google chrome دا نورمال كۆرسىتىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلمىسام بولمىدى، كۆپ رەھمەت.

  16. مۇرشىد ئەپەندىم ، بىز ئۇيغۇرلارمۇ تەرجىمە قىلغان قىستۇرما ياكى ئۇسلۇبلارنى wordpress قا يوللاشقا بولامدۇ؟ خۇددى بىز ئۇسلۇب ياكى قىستۇرمىنى ئارقا بەتتىنلا ئىزدەپ قاچىلىغانغا ئوخشاش ئۇيغۇرچە قىستۇرما ئۇسلۇبلارنى ئارقا بەتتىن ئىزدەپ تىپىپ قاچىلىغىلى بولامدۇ؟

  17. مۇرشىدى ئەپەندىم! سىز دىگەن بويىچە كۆرسىتىلگەن ئادىرىستىن ماس ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ wp-admin\css\theme-editor.css قا باستۇرغان بولساممۇ يەنىلا سولدىن ئوڭغا تەڭشەلمىدى…. قانداق ئىشتۇ بۇ؟!

  18. ئادەتتە شۇ ئۇسلۇب ياكى قىستۇرمىنىڭ تىل بولىقىنى ئاچقۇچى (ياكى تۈزگۈچى) تەرەپكە يوللاپ بەرسىڭىز، ئۇلار شۇ ئۇسلۇب ياكى قىستۇرمىغا قوشۇپ قويسا، سىز باشقۇرۇش بېتىدە تۇرۇپلا ئۇلارنى تېپىپ ئىشلىتەلەيسىز. مەسىلەن، مەن «مىكروسكوپتىكى ياپونىيە» بىلوگىمدا ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبنى مۇشۇنداق قىلغان.
    ياكى شۇنداق بىر ئۇسلۇب ياكى قىستۇرمىنى ئۆزىڭىز مۇستەقىل تۈزۈپ چىققان بولسىڭىز ئۇنىمۇ ۋوردپرەس ئۇسلۇب ياكى قىستۇرما مۇندەرىجىسىگە يوللىسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى ۋوردپرەس ئۆزى كودى ئوچۇق بولغان سىستېما. ئۇنى تۈزۈشكە ياكى كېڭەيتىشكە ھەر كىم قاتنىشالايدۇ. لېكىن مېنىڭچە ئوخشاش ئۇسلۇب ياكى قىستۇرمىنىڭ ئۇيەر- بۇ يېرىنى ئۆزگەرتىپلا يوللايمەن دېسىڭىز، بۇ قانداق بولىدۇ، مەنمۇ ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن. بەلكىم ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا تاقىشىشى، ياكى ئاچقۇچى تەرەپنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن.

  19. مۇرشىدى ئەپەندىم! مەن بىلوگىمغا TK ئىسىم ئۇلىغان ئىدىم. ئارقا بەتتىنمۇ، بىلوگ ئادرېسى يازىدىغان يەرگىمۇ ئاشۇ ئادرېسنى يىزىپتىكەنمەن، بىلوگ بۇزۇلۇپ كەتتى، wordpress نى قايتا قاچىلىماي ئوڭشىغىلى بولىدىغان بىرەر ئامال بارمۇ، سانداننى قايتا قاچىلىساممۇ مەيلىتى…

  20. كەچۈرۈڭ، سىز يولۇققان بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلسا ياخشى بولىدىغاننى مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن.
    يېقىندىن بېرى ئالدىراشچىلىقتا سوئالىڭىزغا جاۋاب ئىزدىگۈدەكمۇ پۇرسەت بولمىدى. ئەڭ ياخشىسى قانداق مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى تەپسىلىيرەك بايان قىلىپ، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى ياكى نۇرقۇت دۇنياسىدىن مەسلىھەت سوراپ باقسىڭىز قانداق؟

  21. مۇرشىدى ئەپەندىم: بىز يېقىندا پىرىستان، ئۇيغۇربەگ، ئەلشات قاتارلىق 3 بلوگگىر بىرلىشىپ يېڭى تور نامىدا ئۇسلۇبلار بلوگى ( http://uslublar.com) دەپ بلوگ قۇرغان ئىدۇق، بىز بۇنى ئۇيغۇر بلوگ ئۇسلۇبچىلىقىدىكى مۇھىم ۋە ئەڭ كۆپ ئۇسلۇب تارقىتىدىغان بىر بلوگ قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى، شۇڭا بىزنى قوللاپ ئورگان تورى ئۇيغۇرچە بلوگىدىكى «ئۇسلۇبلار» دېگەن ئورۇنغا بۇ ئادرېسىمىزنى كىرگۈزۈپ قويغان بولسىڭىز، سىزدىن ناھايىتى مىننەتدار بولغان بولاتتۇق، شۇنداقلا بىزنىڭ ئۇيغۇر ئۇسلۇبچىلىقىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تۆھپە قوشقان بولاتتىڭىز.
    ئېھتىرام بىلەن: ئۇسلۇبلار بلوگىدىن
    http://uslublar.com

  22. ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكەتۇھۇ، بىزلەر ئۈچۈن ئۈنسىز جاپا تارتىپ قۇلايلىق يارىتىپ ئىشلەۋاتقان قېرىنداشلىرىم. ئۇلۇغ اللە ئىلمىڭلارنى تېخىمۇ زىيادە قىلغاي…

    مەن سىلەرنىڭ سېپىڭلارغا قوشۇلغان يېڭى ئەزامەن. بىلىمىم يوق دېيەرلىكلا…
    ئەقىللىق يىگىتلىرىمىزنىڭ بىزلەر ئۈچۈن يوللىغان دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى
    كۆرۈپ ئۆگىنىپ دېگەندەك بىر ئىشلارنى قىلدىم… اللە ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن …امين
    مەقسەتكە كەلسەك:
    ۋوردپرەسنىڭ تېما ئىچىگە قوشۇلىدىغان gif ھەرىكەتلىك رەسىملىرىنى
    ئۆز ھالىتى بىلەن چىقىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويۇشقا بولارمۇ؟
    بولمىسا يوللانغان رەسىم بەكلا كۆرۈمسىز چىقىپ قالىدىكەن…
    خەت نۇسخىسىغا ئەرەبچە خەتلەرنىمۇ قوللايدىغان خەت شەكلىنى
    قوشۇپ قويغان بولساڭلار… كېرەك بولسا مەندە خەت شەكىللىرى بار.

    مۇشۇ پىكرىمنى بىر ئويلاشقان بولساڭلار ئەزىز قېرىنداشلىرىم.
    ئۇلۇغ اللە ئىلمىڭلارنى ھەم ئەجرىڭلارنى زىيادە قىلغاي… امين

  23. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ۋوردپرەسنى ياقتۇرۇپ ئىشلەتكەنلىكىڭىزگە كۆپتىن كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن!
    سىز ئېيتقان gif ھەرىكەتلىك رەسىملىرىنىڭ ئىشىنى مېنىڭچە ۋوردپرەسنى تۈزگۈچىلەر ئاللىقاچان ئويلىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇشى كېرەك. نېمىشقا ھەرىكەتلەنمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى بىزمۇ ئىزدەپ تېپىپ ھەل قىلىشقا تىرىشىمىز. لېكىن بىز ئاساسلىقى ۋوردپرەسنىڭ تەرجىمىسىنىلا ئىشلەۋاتىمىز. يادرولۇق ياكى ئىچكى قىسىملىرىغا قارىتا كود يېزىپ تارقىتىپ باقمىدۇق.
    ئەرەبچە خەت نۇسخىسى توغرىسىدىكى پىكرىڭىزنىمۇ ئويلىشىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. شۇغىنىسى بىزدە بىرلا ۋاقىتتا ھەم ئۇيغۇرچىنى، ھەم ئەرەبچىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ بېرىدىغان خەت نۇسخىسى بولمىغاچقا، بۇ ئىككى خىل تېكىستنىڭ خەت نۇسخىسىنى ئايرىم- ئايرىم كۆرسىتىشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ. ھازىرچە تۆۋەندىكى تېمىدا تونۇشتۇرۇلغان ئۇسۇلدا، يەنى HTML كودىدا كۆرسىتىپ بېرىش ئارقىلىق ئىشلىتىپ تۇرغايسىز.
    http://www.nurqut.com/ud/thread-6533-1-1.html

  24. مۇرشىدى ئەپەندىم، بىلوگدىكى مۇشۇ ئاۋغۇست، سېنتەبىر دېگەندەك ئاي ناملىرىنى 1-ئاي، 2-ئاي دەپ ئۆزگەرتەي دېگەن ئىدىم، قەيەردىن ئۆزگەرتسەك بولىدۇ؟

  25. مۇرشىد ئەپەندىم: قارىسام ھازىر بلوگىمىزدىكى Gravatar باش سۈرتىمۇ بلوگنىڭ ئىچىلىش سۈرتىگە مەلۇم دائىردە ئىچىلىش سۈرتىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن، ئالدىنقى قىتىم پىرىستان ئەپەندىنىڭ Gravatar باش سۈرتىنى ئۆزىڭىزنىڭ بوشلۇقىغا چىقىرۋىلىڭ دىگەندەك گىپىنى ئاڭلىغان ئىدىم بولسا مۇشۇ نى قانداق چىقىرىش قانداق يۆتكەش دىگەندەك ئىشلارنى نۇرقۇتتا بىر يازما قىلىپ يوللىغان بولسىلا بەك خۇرسەن بولغان بولاتتۇق

  26. ئامال بار ۋوردپرەس ھۆججەتلىرىنى چەتئەل بوشلۇقلىرىدىن ئۈزۈپ ھەممىنى ئۆز بوشلۇقىمىزغا چىقىرۋالساق، چەتئەل ئۇلانمىسىدا ئۇلانما قالمىسا ئىچىلىش سۈرئىتى خېلى تىزلىشىپ قالاتتى.

  27. مېنىڭ بىلىشىمچە ئاكىزمېت، گراۋاتار ۋە بۇرۇنقى خەت نۇسخىسى ئادرېسلىرىدىن باشقا چەتئەل بوشلۇقىغا توغرىلانغان ئورۇنلار يوق. تېزلەشتۈرىمەن دېسىڭىز ئاكىزمېت قىستۇرمىسىنى قوزغاتماي، گراۋاتار باش سۈرىتىنى ئىشلەتمەي، ئەڭ يېڭى نەشىردىكى ۋوردپرەسنى ئىشلەتسىڭىزلا بولىدۇ. ياكى سەپلىمىلىرى ياخشىراق بوشلۇق ئىشلەتسىڭىزمۇ، ۋە ياكى ئىشلىتىۋاتقان تورىڭىزنى سۈرئىتى تېزراق مۇلازىمەتكە ئالماشتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. تورنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بىلوگنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى مەسىلىسىمۇ تەبىئىيلا ھەل بولىدۇ. خۇددى بىز بىر مەھەل كۈچەپ كەتكەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچكە ھازىر قىلچە كۈچ سەرپ قىلمىغاندەكلا.

  28. مورشىد مۇرشىدى ئەپەندى، مەن يېڭى بىر خىل تۈردىكى بلوگ ئاچاي دېگەن، لېكىن بەزەن تېخنىكىلىق ئىشلاردا سەل ئاجىز كەلدىم. شۇڭا سىلى بىلەن بىر كۆرۈشەي دېگەن، بولسا QQ نومۇرلىرىنى بىلسەم بىر ئالاقىلاشسام، بۇ يەردە ئاشكارىلاشنى خالىمىسىلا مېنى قاچىلىۋالسىلا ياكى ئېلخەتكە ئەۋەتىپ قويسىلا. ئېلخەت ئادرېسىم: ehlas18@126.com QQ: 4642434056

  29. كەچۈرۈڭ، مەن QQ ئىشلەتمەيمەن. ناۋادا سىز يولۇققان قىيىنچىلىقلار ۋوردپرەسنىڭ تەرجىمىسىگە ياكى قاچىلاش- ئىشلىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا مۇشۇ يەرگە ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ. CSS نى تەڭشەش ياكى مۇلازىمېتىرنى سەپلەش دېگەندەك ئىشلار بولسا ياردەم قىلالمايمەن. توغرا چۈشەنگەيسىز.

  30. مۇبارەك بولسۇن! ۋوردپرەسنى ياقتۇرۇپ ئىشلەتكەنلىكىڭىزگە رەھمەت. بىلوگىڭىزنى ئورگان تورىدىكى مىساللار بېتىگە قوشۇپ قويدۇم. بىلوگىڭىزنىڭ كۈنسېرى ئاۋاتلىشىشىغا تىلەكداشمەن.

  31. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇرشىدى ئەپەندىم، مەن مۇنداق بىر مەسىلىگە يولۇقتۇم. مەن بوشلۇق كۆچكەن ئىدىم، كونا بىلوگدىن سانداننى بىلوگ ئارقىلىق زاپاسلىدىم. ئاندىن يېڭى بىلوگقا يېڭى بوشلۇققا يەنە بىلوگ ئارقىلىق سانداننى ئەكىردىم. كونا بوشلۇقتىكى بارلىق رەسىم ھۆججەتلىرىنى يېڭى بوشلۇقتىن رەسىم ئورنى بار ئورۇنغا ھۆججەت نامى بىلەن يۆتكىدىم. ئەمدىكى مەسىلە يازما ئىچىدىكى رەسىملەر نورمال كۆرۈندى، لېكىن باش بەتكە يازمىغا نادىر سۈرەت قىلىپ بەلگىلىگەن رەسىملەر كۆرۈنمىدى، يەنە كېلىپ رەسىملەر بىلوگدىن مېدىيا ئامبىرىدىمۇ كۆرۈنمىدى. بۇ قانداق مەسىلە؟ ئوڭشاش ئۇسۇلى قانداقتۇر؟

  32. بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ باقايلى. كېچىكىپ ئىنكاس قايتۇرغىنىمدىن خىجىلمەن.
    يېڭى: تۆۋەندىكى بەتتە بىر قىسىم سەۋەبلەر كۆرسىتىلىپتۇ. بۇلاردىن پايدىلىنىپ بىر سىناپ بېقىڭ. ۋاقتىم چىقسا تەرجىمە قىلىپ قوياي.
    http://www.elegantthemes.com/troubleshooting-timthumb.html

    ياكى تۆۋەندىكى قىستۇرما ئارقىلىق بارلىق رەسىمنىڭ كىچىك كۆرۈنۈشىنى يېڭىلاپ چىقىڭ:
    http://www.viper007bond.com/wordpress-plugins/regenerate-thumbnails/

  33. قارىغاندا ئۇ قىستۇرما ئۈچۈن چوقۇم مىدىيا ئامبىرىدا رەسىم بولۇشى كىرەكتەك قىلىدۇ. لىكىن مىنىڭ رەسىم ئامبىرىدا رەسىم يوق دەپ تۇردۇ

  34. يەنە بىر گەپ، مۇرشىدى ئەپەندى:
    ئۇيغۇرچە 3.2.1 نەشىردىكى يازمىنىڭ ئاستىدا كۆرۈنىدىغان كاتېگورىيەلەر ئارىسىدىكى ھەم خەتكۈچلەر ئارىسىدىكى پەش ئۇيغۇرچە «،» كە ئەمەس بەلكى ئىنگلىزچە «,» پەشكە تەڭشىلىپ قاپتۇ. يەنە بىرسىگە، خەتكۈچ دېگەن خەت «خەتكۈش» دەپ ئېلىنىپ قاپتۇ. 3.3 نەشىرىنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلەۋاتىمەن دېگەندەك قىلىۋىدىڭىز، پايدىلىنىپ قويارسىز.
    رەسىمنى تەييارلىغان بولساممۇ قىستۇرۇشقا ئىمكان بولمىدى.

  35. كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت. «خەتكۈش» نىڭ ھەممىنى تەھرىرلىۋەتتىم دېسەم يەنە بار ئىكەندە. 3.3 نەشرىدە بۇلارنى تۈزىتىپ قوياي.

جاۋاب يېزىش