ۋوردپرەس 3.3 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

ۋوردپرەس 3.3 ئىنگىلىزچە نەشرى تارقىتىلىپ ئىككى سوتكا ئۆتكەندە ئۇيغۇرچە نەشرى ئورگان تورىدا رەسمىي تارقىتىلدى.

3.3 ئىنگىلىزچە نەشرىدىكى تەپسىلىي ئۆزگەرتىشلەرنى ۋاقتىنچە ئورگان تورىنىڭ ئىنگلىزچە بىلوگىدىن كۆرۈپ تۇرغايسىلەر.
https://wordpress.org/news/2011/12/sonny/

3.3 نەشرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە تۈزىتىلگەن ئورۇنلار خېلى كۆپ. ئاساسلىقلىرىدىن:

  • خەت نۇسخىسى Microsoft Uighur نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش خىل فونتقا توغرىلاندى.
  • خەت نۇسخىسى ھۆججىتى ئاپتوماتىك يېڭىلىنىدىغان قىلىندى.
  • UKIJ Tuz Tom فونتىنىڭ EOT، TTF، SVG ۋە WOFF ھۆججەتلىرى تەمىنلەندى.
  • يېڭىدىن قوشۇلغان 270 تىن ئارتۇق سۆز- جۈملە تولۇق تەرجىمە قىلىندى.
  • تەرجىمىدىكى بىر قىسىم خاتالىقلار تۈزىتىلدى.
  • باشقۇرۇش بېتىدىكى بىر قىسىم رامكىلار سولدىن ئوڭغا توغرىلاندى.

نۆۋەتتە ئۇيغۇرچە ئاساسلىق تەرجىمە %94 تاماملانغان ھالەتتە بولۇپ، تەرجىمىنىڭ تولۇق پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. ياردەم بېرىشنى خالىغۇچىلار
https://translate.wordpress.org/projects/wp/devبېتىگە بېرىپ تەرجىمە خىزمىتىگە قاتناشسا بولىدۇ. تەرجىمە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تەرجىمىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ بۇندىن ئىلگىرىكى تەرجىمىنى بىرەر قۇر كۆرۈپ چىقىشىنى سورايمىز.

گەرچە تارقىتىشتىن بۇرۇن قايتا- قايتا سىناپ چىققان بولساقمۇ، بىز بايقىيالمىغان مەسىلىلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي. شۇڭا بۇ نەشرىدىكى ھەرقانداق مەسىلىگە قارىتا پىكىر- تەكلىپلەرنى بېرىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. پىكىر- تەكلىپلەرنى مۇشۇ تېما ئاستىغا ياكى ئۇيغۇر بلوگگېرلىرى مۇنبىرىدە قالدۇرساڭلار بولىدۇ.

ۋوردپرەستە قۇرغان تور بېتىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئاۋاتلىشىشىغا، ئىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمىز.

جاۋاب يېزىش