ۋوردپرەس 3.3.1 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

ۋوردپرەس 3.3 نەشرىدىكى بىر قىسىم خاتالىقلار تۈزىتىلىپ تەييارلانغان 3.3.1 نەشرى بۈگۈن تارقىتىلغان ئىدى. ئۇيغۇرچە نەشرىنىمۇ 10 سائەت ئىچىدىلا تارقىتىشقا مۇۋەپپەق بولدۇق. باشقۇرۇش بېتىڭىزدە 3.3.1 نەشرىگە ئاپتوماتىك يېڭىلىۋېلىڭ.
بۇ نەشرىدە ئاساسلىقى ئالدىنقى نەشرىدىكى 15 تۈرلۈك مەسىلە تۈزىتىلگەن. ئەسلى نەشرى ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە باشقا ئۆزگىرىش يوق.
تەپسىلاتىنى بىلەي دېسىڭىز ئىنگىلىزچە بەتنى كۆرۈپ باققايسىز.

«ۋوردپرەس 3.3.1 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى» غا «22» پىكىر بار

  1. رەھمەت. سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار بولمىغان بولسا ۋوردپرەسنىڭ تەرجىمىسىنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشۇم ناتايىن ئىدى. سىلەرگە ئاز- تولا پايدىسى تەگكەنلا بولسا ھاردۇقۇم چىقىدۇ.

  2. سىلەرنىڭ تەرجىمە قىلىپ تارقاتقىنىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت.
    سىلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى ھالدا بىزنى يېتەكلىشىڭلارغا مۇھتاجمىز.

  3. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بىز ئادەتتە 3.3.1 نەشرىگە يېڭىلاش ئۈچۈن ئارقا ھويلىغا كىرىپ 3.3.1 نەشرىگە يېڭىلاڭ دېگەن يەردىن يېڭىلىساق بولامدۇ؟ ناۋادا بۇ تور بەتتىن چۈشۈرۈۋالساق ئۇنى قانداق يېڭىلايمىز؟ سىزنى ئاۋارە قىلدىم.

  4. ئادەتتە تور سۈرئىتى ياخشى بولسا باشقۇرۇش بېتىدىن بىۋاسىتە يېڭىلىسىڭىز بولىدۇ. ھەممە مەشغۇلاتنى ۋوردپرەس ئۆزى ئورۇنلايدۇ.
    ۋوردپرەس بولىقىنى ئورگان تورىدىن چۈشۈرۈپ يېڭىلىماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا بولاقنى يەشكەندىن كېيىن بىرەر FTP قورالىدا بارلىق ھۆججەتنى مۇلازىمېتىرغا يۈكلەپ بېرىڭ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، ناۋادا ۋوردپرەسنىڭ كۆڭۈلدىكى ئۇسلۇبىنى تەھرىرلەپ ئىشلەتكەن بولسىڭىز، يېڭىلاشتىن بۇرۇن ئۇنى زاپاسلىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ.
    پەقەت ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە ئۆزگەرتىلگەن ھۆججەتلەرنىلا يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قايسى ھۆججەتلەر ئىكەنلىكىنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن (ناۋادا ئېچىلسا) بىلەلەيسىز:
    http://svn.automattic.com/wordpress-i18n/ug_CN/tags/3.3.1/

  5. رەھمەت سىزگە، مەن بىرىنچى خىل ئۇسۇل بويىچە يېڭىلىۋالدى. يېڭىلاشتىن بۇرۇن ئەسكەرتمىگە ئاساسەن بىلوگىمنىڭ ساندانىنى( پەقەت ئىنكاس ۋە يازمىلارنىلا) زاپاسلىۋالدىم. زاپاسلاشتا Portable phpMyAdmin قىستۇرمىسىدن پايدىلاندىم. بۇ قىستۇرمىنىڭ ئىشلىتىش ئادرېسى: https://codex.wordpress.org/Backing_Up_Your_Database#Backup_Process_with_phpMyAdmin

    رەھمەت.

  6. ئوڭۇشلۇق يېڭىلىۋالغانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمىز. قىستۇرما ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىڭىزگە ۋە ۋوردپرەسنى ياقتۇرۇپ ئىشلەتكەنلىكىڭىزگە رەھمەت.

  7. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! قانداق ئەھۋالىڭىز مەن يەنە سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم. سىز دىگەن ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ style.css urlدىكى (http://www.tilek.net/AlpdUniSys.TTf نى ئۆزگەرتىپ ئەلپىدا فونتنى غول مۇندەرىجىگە قاچىلىسام بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىلوگنى 3.3.1 نەشرىگە كۆتۈرپ قارىسام تىل دىگەن سومكىدا ukjtomtuz نىڭ eot, svg ………….دىگەن ھۈججەتلىرى بار ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ خەت شەكلىنى مۇشۇنىڭغا ئايلاندۇراي دەپ بايامقى css ھۆجقىتىنى
    @font-face {
    font-family:’UKIJ Tor‹;
    src:url(/ukijtut.eot);
    src:local(›UKIJ Tor‹),url(/ukijtut.ttf) format(›truetype‹),
    url(/ukijtut.eot?#iefix) format(’embedded-opentype‹),
    url(/ukijtut.woff) format(›woff‹),
    url(/ukijtut.svg#UKIJTorRegular) format(›svg‹);
    font-weight: normal;
    font-style: normal;}
    دەپ يېزىپ چىقتىم(بادامنىڭ كودىغا ئاساسەن يازغان.) ئاۋۇ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى باش مۇندەرىجىگە كۆچۈرۈپ ئەچىقتىم. /ukijtut.woff لارنىڭ ئالدىغا www دىن باشلانغان بىلوگ ئادرىسىمنىمۇ قويۇپ باقتىم (http://www.tilek.net) دىگەندەك، ئەمما ئەمدى خەت Chrome غەلىتە چىقىۋلدا، نىمە گەپ بۇ؟ IE دا نورمال بولمىسا.
    style نىڭ css نى ئۆزگەرتكىنىم توغرىمۇ؟ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قوياي دىسەممۇ ئەسلىگە يانمىدى. بىر مەسلىھەت بەرسىڭىز؟

  8. مەن قارىسام ئۇسلۇبىڭىزنىڭ ئىچىدە كۆرسىتىلگەن خەت نۇسخىسى Alpida Unicode System ئىكەن. ئۇيغۇرچە نەشرىدە ئۆزگەرتىلگەن CSS ھۆججەتلىرىدىمۇ بۇ خەت نۇسخىسى بار، لېكىن UKIJ Tor ھېچيەردە كۆرسىتىلمىگەن. شۇڭا ئۇسلۇب ھۆججىتىڭىزنىڭ font-face قىسمىدا UKIJ Tor دەپ كۆرسىتىپ بەرسىڭىزمۇ ھېچقانداق يەرگە تەسىر قىلمايدۇ. ئۇسلۇبنىڭ ۋە باشقۇرۇش بېتىنىڭ خەت نۇسخىسىنى قايسىسىغا تەڭشىمەكچى ئىدىڭىزكىن. ئاۋال مۇشۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاندىن ئۇسلۇبىڭىزنىڭ CSS ھۆججىتى ۋە ئۇيغۇرچە نەشرىدە ئاپتوماتىك ھاسىل قىلىنىدىغان wp-content/languages/fontfaces.css ھۆججىتىنىڭ ئىچىدىكى ئادرېسلارنى قايتا تەكشۈرۈپ، خاتالىق بولسا تۈزىتىپ چىقىڭ.

  9. تەپسىلى جاۋابىڭىزدىن مەمنۇن بولدۇم. قارىسام نۇرغۇن تور بەتلىرى UKIJ Tor خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىپتۇ، شۇڭا مەنمۇ بىراقلا شۇنىڭغا ئۆزگەرتەي دېگەن ئىدىم.
    ئۇنداقتا مەن سىزدېگەندەك قىلىپ باقاي، ئەپلەشمەي قالسا يەنە سىزدىن ياردەم سورايمەن.

  10. ئۇنداقتا ئاۋال UKIJ Tor نىڭ EOT قاتارلىق تۆت خىل شەكلىنى تەييار قىلىپ، wp-content/languages نىڭ ئاستىدىكى ukijtut ھۆججەتلىرى بىلەن ئالماشتۇرۇۋېتىڭ. font-face تىكىسى UKIJ Tuz Tom پېتى تۇرىۋەرسە بولىدۇ.

  11. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇرشىدى ئەپەندى!
    سىزنى يەنە مالال قىلىدىغان بولدۇم، ئانا تىلىمىزدىكى ۋوردپرەسنىڭ ھەرقايسى نەشرلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ھالدا يازما مەزمۇنىدا قۇرلار ئوڭغا توغرىلانغان بولۇپ، سول تەرەپ تەكشى چىقمايدىكەن، بۇ ئۇيغۇرچە ۋوردپرەسنىڭ كۆرۈنۈشىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزگەن. ئەگەر يازما مەزمۇنىدا قۇرلارغا نىسبەتەن تولدۇرۇپ يېزىش شەكلى ئىشلىتىلگەن بولسا بەك ياخشى بولاتتى. FrontPage دىكى يۈزەكى تەسىراتلىرىمغا ئاساسلانغاندا «align=»justify كودى ئارقىلىقلا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما بۇ كودنى نەگە قويۇشنى بىلەلمىدىم. ھۆرمەتلىك مۇرشىدى ئەپەندى كۆرسەتمە بەرگەن بولسىڭىز…

  12. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئۇ كودنى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ style.css ھۆججىتىدىكى html ياكى body دېگەندەك تۈرلەرنىڭ ئارىسىغا قوشسىڭىز بولىدۇ. پەقەت بىلەلمىسىڭىز ئۇنى يۇقارقى ھۆججەتتىكى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى كۆرسىتىپ بېرىلگەن ھەر بىر ئورۇننىڭ ئاستىغا قوشۇپ چىقىڭ، يەنى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى بىلەن قوشۇپ ئىشلىتىڭ.

  13. ھۆرمەتلىك مورشىدى مۇرشىدى ئەپەندى، ياخشىمۇسىز! قۇرغا تولدۇرۇپ يېزىش مەسىلىسىنى سىزنىڭ ياردىمىڭىزدە ھەل قىلىۋالدىم، كۆپ رەھمەت! كەچۈرۈسىز كەچۈرىسىز… يەنە ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم، ناۋادا يازما ماۋزۇسى سەل ئۇزۇن بولۇپ قالسا ئاپتوماتىك قۇر تاشلىماي، ماۋزۇ ئاخىرى يان ئىستونغا ئۆتۈپ كېتىپ كۆرۈنۈشكە تەسىر يەتكۈزىدىكەن. مەسىلەن: http://www.dilnuri.com/wp/?p=273 دىكىدەك. مۇشۇ جەھەتتىن كۆرسەتمە بەرسىڭىز.

  14. مەن ئوتتۈلكىنىڭ 9.0.1 نەشرى، گۇگۇل كرومنىڭ 17.0.963.46 نەشرى ۋە IE9 دا ئېچىپ قاراپ باقتىم. قارىسام ھەممىسىدە نورمال ئىكەن، ئوڭشاپ بولدىڭىزمۇ بىلمىدىم. ناۋادا تېخى ئوڭشىمىغان بولسىڭىز، تور كۆرگۈچىڭىزنى ئالماشتۇرۇۋېلىڭ. IE6 نى ئەمدى تاشلىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
    http://www.nurqut.com/ud/thread-8938-1-1.html

  15. مەن IE6 نى ئىشلەتمىگىلى خېلى بولدى، ھازىر ئىشلىتىۋاتقىنىم IE8 ئىدى، سىزنىڭ كۆرسەتمىڭىزنى كۆرگەندىن كېيىن FireFox10.0.1 نى كومپيۇتېرىمغا قاچىلاپ سىناپ كۆردۈم، مەن يۇقۇرىدا دېگەن مەسىلە پەقەتلا مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن.دېمەك، تور كۆرگۈچنىڭ ئىشى ئىكەن.

  16. ئەسسالامۇئەلەيكۇم مورشىد مۇرشىدى ئەپەندىم، مەن مۇنداق بىر ئەھۋالغا تولا يولۇقتۇم ، ئاخىرى بولماي سىلىدىن سوراش قارارىغا كەلدىم، بەزەن قىستۇرمىلارنى بىر بىلوگىمدا نورمال قاچىلانسا يەنە بىر بىلوگىمغا قاچىلىسام بۇ قىستۇرمىنىڭ ئىناۋەتلىك بېشى يوقكەن دەپ قوزغالغىلى ئۇنىمايۋاتىدۇ، بۈگۈنمۇ بىر قىستۇرمىنى يەرلىكتە قاچىلاپ سىناق قىلىپ يەنە بىر بىلوگىمغا قاچىلىسام بۇ قىستۇرمىنىڭ ئىناۋەتلىك بېشى يوقكەن دەپ قوزغالمىدى، بۇ نېمە ئىشتۇ؟

  17. ياخشىمۇ سىلەر قېرىنداشلار، مەن ۋوردپرەس 3.3.1 ئۇيغۇرچە نەشرىنى sae.sina.com بوشلۇقىغا قاچىلاپ wp-config-sample.php ھۆججىتىنى تەھرىرلەپ wp-config.php غا ئۆزگەرتىپ ساقلاش جەريانىنى قىلالمىدىم. يېڭى ئۆگەنچى بولغانلىقىم ئۈچۈن قېرىنداشلاردىن ياردەم سورايمەن.

  18. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇ سۇپىدىكى ۋوردپرەسنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن نۇرقۇت دۇنياسى، ئۇيغۇر بلوگگىرلار مۇنبىرى قاتارلىق مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك يازمىلاردىن پايدىلىنىڭ.
    http://www.nurqut.com/ud/thread-10150-1-1.html
    http://www.nurqut.com/ud/thread-10428-1-1.html
    http://bbs.uyghurbeg.net/

  19. ئەسلى قىستۇرمىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ رەسمىي بىلوگىڭىزدا قوزغىتىپ كۆرۈپ بېقىڭ. نورمال قوزغالسا، ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدا مەسىلە چىققانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

جاۋاب يېزىش