WordPress 3.4.1 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

WordPress 3.4 نەشرى تارقىتىلىپ ئىككى ھەپتە ئىچىدىكى چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانى ئۈچ مىليوندىن ئاشتى. بۇ ئىككى ھەپتە ئىچىدە بايقالغان بىر قىسىم خاتالىقلار تۈزىتىلىپ تەييارلانغان 3.4.1 نەشرى بۈگۈن تارقىتىلغان ئىدى. ئۇيغۇرچە نەشرىنىمۇ تېزلا پۈتتۈرۈپ تارقاتتۇق. باشقۇرۇش بېتىڭىزدە 3.4.1 نەشرىگە ئاپتوماتىك يېڭىلىۋېلىڭ.
بۇ نەشرىدە ئاساسلىقى ئالدىنقى نەشرىدىكى 18 تۈرلۈك مەسىلە تۈزىتىلگەن. ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە باشقا ئۆزگىرىش يوق.
تەپسىلاتىنى ئىنگلىزچە بەتتىن كۆرۈڭ.

ۋوردپرەس 3.4 ئۇيغۇرچە نەشرى ھەققىدە

ۋوردپرەس 3.4 نەشرى 14- ئىيۇندا تارقىتىلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان بەش كۈن ئىچىدە، ھەر خىل تىللاردىكى ئومۇمىي چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانى بىر مىليون 360 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. ئۇيغۇرچە نەشرىمۇ 1400 قېتىم چۈشۈرۈلدى. ئارىلىقتا بۇ نەشرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن تورداشلارغا مەلۇمات بېرىشنى ئويلاشقان بولساقمۇ، ۋاقىت قىس بولغاچقا كەينىگە سۆرىلىپ كەتتى. بۈگۈن مانا ئاخىرى، يۈزەكى بولسىمۇ قىسقىچە مەلۇمات تەييارلاشقا مۇۋەپپەق بولدۇق.

ۋوردپرەس 3.4 ئىنگلىزچە نەشرىدە، ئاساسلىقى ئۇسلۇب خاسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن. ئاساسلىق ئۆزگەرتىشلەر تۆۋەندىكىچە:

  • بىلوگ( ياكى تور بەت) نىڭ خاس بەت بېشى (Custom Header) نىڭ چوڭ- كىچىكلىك جەھەتتىن قوللىشى كۈچەيتىلگەن.
  • خاس بەت بېشى رەسىمى ۋە تەگلىك رەسىملىرىنى مېدىيا ئامبىرىدىن تاللاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
  • رەسىم تېمىسىغا HTML تەگلىرىنى ئىشلىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
  • ئۇسلۇبلارنى خاسلاشتۇرۇش- كۆرۈپ بېقىش ئىقتىدارلىرى ئارقىلىق ئۇسلۇب ئىزدىگۈچىلەرگە قۇلايلىق يارىتىلغان.
  • تىل بولىقى قايتىدىن ئايرىلغان( تەپسىلاتى تۆۋەندە بار).
  • ئەسلىدە ھۆججەتنى بىۋاسىتە ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدىغان تېكىست يۆنىلىشى قاتارلىق نۇرغۇن ئۇچۇرلار تىل بولىقىغا قوشۇۋېتىلگەن.
  • RSS تەرمىسىنىڭ تىلى ئاپتوماتىك ھالدا تاللىنىدىغان قىلىنغان.
  • باشقۇرۇش بېتىدىكى ۋىجېتلارنىمۇ تەرجىمە قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
  • سۈكۈتتىكى «قوللاش مۇنبىرى»، «ۋوردپرەس پلانېتىسى» قاتارلىق ئۇلانمىلارنىمۇ تىل بولىقى ئارقىلىق تەرجىمە قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
  • باشقۇرۇش بېتىدىكى قىستۇرما ۋىجېت «يېقىنقى يېڭىلاشلار» ئۆچۈرۈۋېتىلگەن.
  • يازما تەھرىرلەش ئېكرانىدا بىۋاسىتە جاۋاب قايتۇرۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان.
  • سۈكۈتتىكى ئىككى ئۇسلۇبنىڭ بەت بېشى ۋە تەگلىككە مۇناسىۋەتلىك ئۇسلۇب ئىقتىدارلىرى يېڭىلانغان.
  • ئۇسلۇب ئىزدەش سۈرئىتى ئاشۇرۇلغان.
  • ئۇسلۇبنى كۆرۈپ بېقىش ئېكرانىنى خالىغانچە دومىلىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
  • «ئۇلانمىلار» ۋىجېتىدىكى ئۇلانمىلارنىڭ رەت تەرتىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە كۆرسىتىلىدىغان ئۇلانما سانىنى تاللاش ئىقتىدارلىرى قوشۇلغان.
  • ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ ئىسمى ئۆچۈرۈۋېتىلگەن.

بۇنىڭدىن باشقا كۆپ ئىشلەتكۈچىلىك تور بەتلەر، قىستۇرما ۋە ئۇسلۇبلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم كود ۋە فۇنكسىيىلەرنىمۇ مۇناسىپ ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، يېڭىدىن قوشۇلغان فۇنكسىيىلەردىن باشقا، ئىشلىتىشتىن قالغان فۇنكسيىلەرمۇ ئاز ئەمەس( تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ). شۇڭا بىر قىسىم ئۇسلۇب ۋە قىستۇرمىلارنىڭ ۋوردپرەسنىڭ يېڭى نەشرى بىلەن سىغىشماسلىق مەسىلىسى كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بار. شۇڭا تورداشلارنىڭ يېڭىلاش جەريانىدىكى خاتالىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن يېڭىلاشتىن بۇرۇن قىستۇرمىلارنى توختىتىۋېتىشىنى، ئۇسلۇب ۋە قىستۇرمىلارنىڭ ئەڭ يېڭى نەشرىنى ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تەرجىمىسى ھەققىدە:
يۇقىرىدا يازغاندەك، ۋوردپرەس 3.4 نەشرىدە تەرجىمە قىلىنىدىغان ئۇچۇرلارغا زور دەرىجىدە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن، بۇلار ئاساسلىقى تىل بولىقىنىڭ قايتىدىن ئايرىلىشى، قاچىلاش باسقۇچىدىكى ئۇچۇرلار، تېكىست يۆنىلىشى، سۈكۈتتىكى ۋاقىت رايونى، كالېنداردىكى بىر ھەپتە بېشى، باشقۇرۇش بېتىدىكى ئۇلانمىلار قاتارلىقلارنىڭ تىل بولىقىغا قوشۇۋېتىلىشى دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ نەشرىدە تىل بولىقى سۈكۈتتىكى ئىككى ئۇسلۇب، ئاساسىي ئۇچۇرلار، باشقۇرۇش بېتى ئۇچۇرلىرى، تور باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرى ۋە ۋاقىت رايونى ئۇچۇرلىرى بولۇپ جەمئىي ئالتە بۆلەككە ئايرىۋېتىلگەن. بۇ ئارقىلىق تەرجىمە ئۇچۇرلىرىنى ئوقۇپ ئېلىش ۋە كۆرسىتىش ۋاقتى قىسقارتىلىپ، تور بەتنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى تېزلەشتۈرۈلگەن.

بۇ نەشرىدىكى تەرجىمە ئوبيېكتى بولغان ئاساسلىق ئۇچۇرلار جەمئىي 4250، بۇنىڭغا تەرجىمىسى تاماملانغان 14 تۈرلۈك ئىمپورتلاش- ئېكسپورتلاش قىستۇرمىسىنىڭ تىل بولىقىدىكى ئۇچۇرلارنى قوشقاندا جەمئىي 4731 سۆز- جۈملە بولۇپ، بۇلاردىن 4469 سۆز- جۈملە تولۇق تەرجىمە قىلىنغان، بۇ ئومۇمىي ساننىڭ 94.47 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ( يەنى ۋوردپرەس 94 پىرسەنت تەرجىمە قىلىندى دېگەنلىك بولىدۇ). ئېشىپ قالغان 481 سۆز جۈملە ئاساسلىقى كۆپ ئىشلەتكۈچىلىك تور بەت باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بولۇپ، ۋاقتىنچە تەرجىمە قىلىنمىدى. باشقۇرۇش بېتىدىكى بىر قىسىم ياردەم ئۇچۇرلىرىمۇ داۋاملىق تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ.

ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، تور بەت ئۈچۈن ۋاقىت رايونىنى تاللاش رامكىسىدىكى ئۇچۇرلار ئايرىم بىر تىل بولىقىدا بولۇپ، جەمئىي 487 شەھەر ۋە رايوننىڭ ئىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە ھەر بىر شەھەر ۋە رايوننىڭ دۆلەت تەۋەلىكىمۇ قوشۇۋېتىلگەن. بۇ تەرجىمە Drupal قاتارلىق باشقا سىستېمىلارنىڭ تەرجىمىسىدىمۇ ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ. جۇغراپىيىگە قىزىقىدىغان تورداشلارنىڭ ئېچىپ كۆرۈپ بېقىشىنى، خاتالىق بايقالسا مەلۇم قىلىپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

قاچىلاش جەريانىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ تىل بولىقىغا قوشۇۋېتىلىشى نەتىجىسىدە بۇرۇنقىدەك PHP ھۆججىتىدىكى ئۇچۇرلارنى بىر- بىردىن تەھرىرلەپ تەرجىمە قىلىش ئاۋارىچىلىكىگە خاتىمە بېرىلگەن. ئۇيغۇرچە تەرجىمىدىكى ئۆزگەرتىشلەر ئاساسىدا، ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلاردىكى تور بەتلەردە تور ۋە ئېلخەت ئادرېسلىرىنى كىرگۈزگەندىكى تېكىست يۆنىلىشى سولدىن ئوڭغا توغرىلىنىدىغان قىلىنغان. بۇ ئارقىلىق تەرجىمە خىزمىتىگىمۇ زور قۇلايلىق يارىتىلغان. تۆۋەندە ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە ئۆزگەرتىلگەن ئىككى خىل نەشرنىڭ ھۆججەت سانى سېلىشتۇرۇپ چىقىلدى.

ۋوردپرەس 3.3.1 ئۇيغۇرچە نەشرىدە ئۆزگەرتىلگەن ھۆججەتلەر:
CSS ھۆججىتى: 35
PHP ھۆججىتى: 18 ( ئۇيغۇرچە تىل بولىقىدىكى بىر ھۆججەتمۇ مۇشۇنىڭ ئىچىدە)
تىل بولىقى ھۆججەتلىرى: 5
باشقا ھۆججەتلەر: 6( ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ، خەت نۇسخىسى ھۆججەتلىرى)

ۋوردپرەس 3.4 ئۇيغۇرچە نەشرىدە ئۆزگەرتىلگەن ھۆججەتلەر:
CSS ھۆججىتى: 40، يېڭىدىن 4 ھۆججەت قوشۇلغان.
PHP ھۆججىتى: 8، قاچىلاش ۋە سولدىن ئوڭغا توغرىلاشتىكى ھۆججەتلەرنى ئۆزگەرتىش زۆرۈرىيىتى يوقالغان.
تىل بولىقى ھۆججەتلىرى: 6
باشقا ھۆججەتلەر: 6( ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ، خەت نۇسخىسى ھۆججەتلىرى، ئۆزگىرىش يوق)

ئۇيغۇرچە تەرجىمىدىكى دائىملىق ئۆزگەرتىشلەر:

  • سۈكۈتتىكى ئىككى ئۇسلۇبنىڭ ۋە 14 قىستۇرمىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋوردپرەسنىڭ تىل بولىقى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى.
  • سۈكۈتتىكى تور بەت تىلى ئۇيغۇرچە (ug_CN) غا توغرىلاندى( wp-config-sample.php ئىچىدە).
  • «ئوقۇڭ» بېتى (readme.html) ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى.
  • تور بەت يۈزىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش قورالى قوشۇپ تارقىتىلدى، قاچىلاش جەريانىدىمۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدۇ، لېكىن نۆۋەتتە كۆرۈنۈشلۈك تەھرىرلىگۈچتە يەنىلا نورمال ئىشلىمەيدۇ.
  • بارلىق CSS لاردىكى خەت نۇسخىسى Microsoft Uighur، Alp Ekran، Alkatip Tor، Alpida Unicode System، UKIJ Tuz Tom فونتلىرىغا تەڭشەلدى.
  • UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىنىڭ EOT قاتارلىق تۆت خىل شەكلى تەمىنلەندى.
  • ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ھۆججىتىنى ئاپتوماتىك ھاسىل قىلىدىغان كود ug_CN.php ھۆججىتىگە قوشۇۋېتىلدى.
  • بىر قىسىم جايلاردىكى تېكىست يۆنىلىشى سولدىن ئوڭغا تەڭشەپ چىقىلدى.
  • ۋاقىت رايونىنى تاللاش رامكىسىغا ئۇيغۇرچە خەت تونۇتۇلدى.

3.4 نەشرىنىڭ تەرجىمىسىدىكى يېڭىلىقلار:
سۈكۈتتىكى قىستۇرما Akismet ۋە Hello, Dolly نىڭ نامى ۋە چۈشەندۈرۈلۈشى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى.
پرېستان ئەپەندى Hello, Dolly قىستۇرمىسى ئاساسىدا تەييارلىغان «ئويغان» قىستۇرمىسى قوشۇپ تارقىتىلدى.
بۇ نەشرىدە تەرجىمىدىكى بىر قىسىم ئاتالغۇلار رەتلەندى. بولۇپمۇ ھېچقانداق لۇغەتكە كىرگۈزۈلمىگەن «قوللانچى» ئاتالغۇسىنىڭ ئورنىغا «ئىشلەتكۈچى» ئىشلىتىلدى. site ئاتالغۇسىنىڭ ھەممىسى «تور بەت» قىلىپ ئېلىندى. «كلاسسىفىكاتسىيە» ئاتالغۇسى «تۈر ئايرىمىسى» غا ئۆزگەرتىلدى. «بلوگ» خېتى بىردەك «بىلوگ» قا، «خەتكۈچ» ئاتالغۇسى لۇغەتتىكى «خەتكۈش» كە، «بەتكۈچ» ئاتالغۇسى «بەتكۈش» كە، «كۆڭۈلدىكى» ئاتالغۇسى «سۈكۈتتىكى» گە ئالماشتۇرۇلدى. شۇنداقتىمۇ «سپەم» بىر قىسىم ئاتالغۇلار ئۆزگەرتىلمىدى. گەرچە يان تېلېفون ئاتالغۇلىرى قاتارىدا بىلكان تەرىپىدىن «ۋىجېت» نى «ئەپچە» دەپ ئېلىش تەشەببۇس قىلىندى دېگەندەك ئۇچۇرلار بار بولسىمۇ، «ئەپچە» نى تۈرلەشتىكى ئۇقۇم خاتالىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يەنىلا «ۋىجېت» دەپ ئېلىندى. ۋوردپرەس تەرجىمىسىدىكى ئاتالغۇ توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلەر داۋاملىشىدۇ، شۇڭا بۇ يەردە تەپسىلىي توختالمايمىز.

بۇ قېتىم يەنە پۈتكۈل تەرجىمە ئۇچۇرلىرى يۇلغۇن ۋە ئۇيغۇردېۋ تورىدىكى ئىملا تەكشۈرگۈچ ۋە ئۇيغۇرئېدىتنىڭ ياردىمىدە قايتا تەكشۈرۈلۈپ، بىر قىسىم ئورۇنلاردىكى ئىملا خاتالىقى تۈزىتىلدى.( بۇ جەرياندا ئۇيغۇردېۋ ئىملا تەكشۈرگۈچىسىدىكى سۆزلۈكلەر ئارىسىدا خاتا سۆزلەرنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىكى مەلۇم بولدى. شۇڭا ئۇنىڭغا يېڭى سۆز قوشقاندا تەستىقلاش تۈزۈمى قوللىنىلسا دېگەن پىكىردىمىز.) بۇنىڭ نەتىجىسىدە ۋوردپرەسنى تەرجىمە قىلىشتا ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان PoEdit قورالىنىڭ تەرجىمە ئامبىرىمۇ ماس ھالدا يېڭىلىنىپ، كېيىنكى تەرجىمە ئۈچۈن ئاساس سېلىندى.

بۇندىن باشقا تىلغا ئېلىنمىغان يېڭىلىقلار، ئۆزگەرتىشلەر ۋە بايقالمىغان خاتالىقلار توغرىسىدا تورداشلىرىمىز ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ. مۇۋاپىق ۋە ئورۇنلۇق تەكلىپ- پىكىرلەر دەرھال قوبۇل قىلىنىدۇ.
ھەممەيلەننىڭ ۋوردپرەس ھاياتىنىڭ خۇشاللىق ئىچىدە داۋاملىشىشىغا تىلەكداشمىز.

ۋوردپرەس ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسى
مۇرشىدى

ۋوردپرەس 3.4 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

بۈگۈن ۋوردپرەس 3.4 ئىنگلىزچە نەشرى تارقىتىلىپ 10 سائەتتىن ئاشقاندا ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىمۇ تەييار بولۇپ، ئورگان تورىدا رەسمىي تارقىتىلدى.
ئورگان تورىدىكى چۈشۈرۈش ئادرېسى:
https://ug.wordpress.org/wordpress-3.4-ug_CN.zip

بۇ نەشرىدە ئاساسلىقى ئۇسلۇب خاسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن. ئىچكى قىسىمدىكى كودلار ئەلالاشتۇرۇلۇپ، تەرجىمە ئۇچۇرلىرى تەرتىپكە سېلىنغان. بۇ ئارقىلىق ئېچىلىش سۈرىتى كۆرۈنەرلىك تېزلىتىلگەن.

ئۇيغۇرچە تەرجىمىدىمۇ ئۆزگىرىشلەر بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، يېڭىدىن قوشۇلغان سوز- جۈملىلەر داۋاملىق تەرجىمە قىلىنغاندىن باشقا، بىر قىسىم ئاتالغۇلار قېلىپلاشقان ھالەتتە ئېلىنغان، ئىملا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلگەن.

يېڭى نەشرىدىكى تەپسىلىي ئۆزگەرتىشلەرنىڭ تەپسىلاتىنى كېيىنكى يازمىمىزدىن كۆرگەيسىلەر.