ۋوردپرەس 3.4 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

بۈگۈن ۋوردپرەس 3.4 ئىنگلىزچە نەشرى تارقىتىلىپ 10 سائەتتىن ئاشقاندا ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىمۇ تەييار بولۇپ، ئورگان تورىدا رەسمىي تارقىتىلدى.
ئورگان تورىدىكى چۈشۈرۈش ئادرېسى:
https://ug.wordpress.org/wordpress-3.4-ug_CN.zip

بۇ نەشرىدە ئاساسلىقى ئۇسلۇب خاسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن. ئىچكى قىسىمدىكى كودلار ئەلالاشتۇرۇلۇپ، تەرجىمە ئۇچۇرلىرى تەرتىپكە سېلىنغان. بۇ ئارقىلىق ئېچىلىش سۈرىتى كۆرۈنەرلىك تېزلىتىلگەن.

ئۇيغۇرچە تەرجىمىدىمۇ ئۆزگىرىشلەر بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، يېڭىدىن قوشۇلغان سوز- جۈملىلەر داۋاملىق تەرجىمە قىلىنغاندىن باشقا، بىر قىسىم ئاتالغۇلار قېلىپلاشقان ھالەتتە ئېلىنغان، ئىملا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلگەن.

يېڭى نەشرىدىكى تەپسىلىي ئۆزگەرتىشلەرنىڭ تەپسىلاتىنى كېيىنكى يازمىمىزدىن كۆرگەيسىلەر.

«ۋوردپرەس 3.4 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى» غا «6» پىكىر بار

  1. مەن يېڭىلىسام مۇنداق خاتالىق كۆرۈلدىغۇ:
    ساندان يېڭىلىنىشى كېرەك
    ۋوردپرەس يېڭىلىنىپ بولدى! كېيىنكى قەدەمگە يۆتكىلىشتىن ئاۋال، بىز سىزنىڭ ساندىنىڭىزنى ئەڭ يېڭى نەشرگە يېڭىلىشىمىز كېرەك.
    يېڭىلاشقا ئازراق ۋاقىت كېتىدۇ، سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاپ تۇرۇڭ.

    سانداننى يېڭىلاش دېگەننى باسسام بىر بەت ئېچىلدى، لېكىن ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق، ئارقا بەتكە كىرەلمىدىم.

  2. بۇ خاتالىقنىڭ چىقىشىدا 1) ۋوردپرەس ساندىنىنىڭ نەشرى توغرا ئەمەس، 2) ساندان قالدۇقى تازىلانمىغان، 3) نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇب ياكى قىستۇرمىلاردىن يېڭى نەشرى بىلەن سىغىشمايدىغانلىرى مەۋجۇت قاتارلىق ئېھتىماللىقلار بولۇشى مۇمكىن.
    ئاۋال FTP قورالىدا ھازىرقى ئۇسلۇبنى زاپاسلىۋېلىپ، سۈكۈتتىكى ئۇسلۇب twentyten ياكى twentyeleven نىڭ ئىسمىنى ئەسلىدە ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبنىڭ ئىسمىغا ئالماشتۇرۇپ سىناپ كۆرۈڭ. خاتالىق ئوڭشالمىسا قىستۇرما ھۆججەت قىسقۇچلىرىنىڭ نامىنىمۇ بىر- بىرلەپ ئۆزگەرتىپ سىناپ بېقىڭ.
    ئىنگىلىزچە ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنالىسىڭىز تۆۋەندىكى بەتلەرمۇ ئەسقېتىشى مۇمكىن:
    https://wordpress.org/support/topic/34-database-update-white-screen
    http://www.clickonf5.org/2247/solution-database-upgrade-required/
    https://wordpress.org/support/topic/database-upgrade-required-not-working-wp-29
    https://core.trac.wordpress.org/ticket/16630
    خەنچە مۇنبەرلەردىمۇ پايدىلىق ئۇچۇرلار بولۇشى مۇمكىن، ئىزدەپ كۆرۈڭ.

  3. بۇ خاتالىق يەنە ۋوردپرەس ھۆججەتلىرىنىڭ تولۇق بولماسلىقىدىنمۇ كېلىپ چىقىدىكەن. شۇڭا ۋوردپرەس بولىقىنى چۈشۈرۈپ، wp-content ھۆججەت قىسقۇچىدىن باشقا ھەممە نەرسىنى ئۈستىگە قاپلاپ بوشلۇققا يوللاپ سىناپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.

  4. تەكلىپ:
    مورشىد مۇرشىدى ئەپەندىم ئۇسلۇبنى يىڭى قاچىلىغاندا ئۆزى قوشۇلۇپ چىقىدىغان 7 دانە بىلوگ ئۇلىنىشىنى ئۇيغۇرچە بىلوگلارغا ئۇلىنىدىغان قىلىپ تارقاتسىڭىز قانداق بولار؟ مەسىلەن، مۇنبەرگە http://www.blogdax.com نى، ئۇسلۇبقا http://www.uslublar.com نى ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلانمىلارنىمۇ ماس بىلوگلارغا ئۇلىنىدىغان قىلىپ قويساق بولارمۇ؟ ئۇ يەردىكى engilish ئۇلانمىلارغا 90% ئۇيغۇر بىلوگچىلار كىرمەيدۇ، شۇڭا مۇشۇ مەسىلىنى ئويلىشىپ بېقىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  5. تەكلىپىڭىز ئورۇنلۇق. بۇ مەسىلىنى ۋوردپرەس قۇرغۇچىلىرىمۇ ئويلىشىپ، مۇشۇ 3.4 نەشرىدىن باشلاپ بۇ ئۇلانمىلارنىمۇ تىل بولىقى ئارقىلىقلا خالىغانچە ئالماشتۇرۇۋالغىلى بولىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتكەن. مېنىڭمۇ ھەممە ئۇلانمىنى ئۇيغۇرچىغا ئالماشتۇرۇۋەتكۈم بار، لېكىن بىزدە تېخى مۇقىم ۋە ئىشەنچلىك ۋوردپرەس بىلوگلىرى تېخى تولۇق بارلىققا كەلمىدى. «مىساللار» بېتىدىكى ئۇلانمىلارنىمۇ قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇشقا توغرا كېلىۋاتقان ھازىرقىدەك شارائىتتا، سىناق تەرىقىسىدە مۇنبەر ۋە سىزنىڭ «ئۇسلۇبلار» بىلوگىڭىزنى باش بەتتە كۆرسىتىپ تۇرغاننىڭ ئۆزىلا خېلى مەسئۇلىيەتلىك ئىش دەپ قارايمەن. ئۇ ئۇلانمىلارغا ماس كېلىدىغان تور بەتلەر بىزدە ھەم يوق. شۇڭا ۋاقتىنچە ئەسلى ھالىتىدە قالدۇرۇلدى. ئۇنى ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزى خالىغانچە تەھرىرلىۋالسا تامامەن بولىدۇ. بۇمۇ مۇھىم بىر سەۋەب.

جاۋاب يېزىش