WordPress 3.5 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

WordPress 3.5 ئىنگلىزچە نەشرى 2012- يىلى 11- دېكابىردا تارقىتىلغان ئىدى. ئۇنىڭدا بايقالغان 37 تۈرلۈك خاتالىق تۈزىتىلگەندىن كېيىن بۇ يىل 24- يانۋاردا 3.5.1 نەشرىگىمۇ يېڭىلىنىپ بولدى. گەرچە 3.5 نەشرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئىنگلىزچە نەشرى بىلەن تەڭ دېگۈدەكلا تەييار بولغان بولسىمۇ، لېكىن تۈرلۈك ئالدىراشلىقلار سەۋەبىدىن ئۇيغۇرچە نەشرىنىڭ تارقىتىلىشى بۈگۈنگىچە سۈرۈلۈپ كەتتى. شۇ سەۋەپلىك كەڭ ئىشلەتكۈچىلەردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمىز.

WordPress 3.5 نەشرىدىكى بارلىق ئۆزگەرتىشلەرنى بۇ يەردىن كۆرەلەيسىز. https://codex.wordpress.org/Version_3.5

WordPress 3.5 نەشرىدىكى ئاساسلىق ئۆزگىرىشلەر:

  • مېدىيا باشقۇرغۇچىسى يېڭىلانغان. باشقۇرۇش ئاددىيلىشىپ، ئالبوم قۇرۇش تېزلىشىپ، بىر نەچچە سۈرەتنى بىراقلا قىستۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
  • يېڭىدىن سۈكۈتتىكى باشتېما «Twenty Twelve» قوشۇلغان. ئۇنىڭدا تېلېفوندا زىيارەت قىلىش ۋە ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلارنى قوللاش تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
  • باشقۇرۇش بېتى Retina ئېكرانلىرىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ، كۆرۈنۈشى تەڭشەلگەن. يېڭى رەڭ تاللىغۇچ سەپلەنگەن.
  • يازما تەھرىرلىگۈچتىكى «HTML» بەتكۈشى «تېكىست» كە ئۆزگەرتىلگەن.
  • «مەزمۇنغا ئاتلاش» ۋە «قورالبالداققا ئاتلاش» ئۇلانمىلىرى تەمىنلەنگەن.
  • «ئۇلانما باشقۇرغۇچ» سۈكۈتتىكى ھالەتتە كۆرۈنمەيدىغان قىلىنغان.

باشقا ئىقتىدار ۋە ئۆزگەرتىشلەرنى ئىنگلىزچە چۈشەندۈرۈشتىن كۆرۈڭ. http://www.searchenginejournal.com/wordpress-version-3-5/53342/

باشتېما ۋە قىستۇرما يېزىش- ئۆزگەرتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تورداشلارنىڭ يۇقارقى ئۇلانمىدىكى ئىجادىيەتچىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان مەزمۇنلارنى تولۇق بىر كۆرۈپ چىقىشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمىز.

ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر:
بۇ نەشرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە تەرجىمىنى ئۇيغۇرسوفت شىركىتىدىن ئالىم ئەھەت ئەپەندى تەييارلاش ئىشىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، باشقۇرۇش بېتى ئۇچۇرلىرىنىڭ تەرجىمە قىلىنمىغان قىسمىنى تولۇق تەرجىمە قىلىپ چىقتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە كۆپ ئىشلەتكۈچىلىك تور باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىدىن باشقا بارلىق ئۇچۇرلار، يەنى سۈكۈتتىكى 3 باشتېما، ئاساسىي ئۇچۇرلار، باشقۇرۇش بېتى ئۇچۇرلىرى ۋە ۋاقىت رايونى ئۇچۇرلىرى ئۇيغۇرچىغا تولۇق تەرجىمە قىلىپ قىلىندى.

ئالىم ئەھەت ئەپەندى يەنە ئاتالغۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەرجىمىنى تولۇق تەكشۈرۈپ، تەرجىمىدىكى ۋە ئىملادىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىپ چىقتى. تەرجىمە ھەققىدە قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى بەردى، شۇنداقلا بۇندىن كېيىنكى تەرجىمە خىزمىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇڭا بۇ يەردە بارلىق WordPress ئىشلەتكۈچىلىرى نامىدىن ئالىم ئەھەت ئەپەندىگە ۋە تەرجىمە خىزمىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇرسوفت خادىملىرىغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمىزنى ۋە تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز. تەرجىمىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشى ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

Windows 7 ۋە Windows 8 قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ تېزلىكتە ئومۇملىشىپ، Windows XP دەۋرىنىڭ ئاساسەن ئاياقلاشقانلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، بۇ قېتىمقى نەشرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئېسىش، EOT تونۇتۇش ۋە خەت نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەش ئىشلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۇ ئارقىلىق تور بېكەتنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈش ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىنى ۋاقتىدا تارقىتىشقا بەلگىلىك دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىندى. ئىشلەتكۈچىلەر خالىسا بۇرۇنقى نەشرىدىكى ug_CN.php ھۆججىتى ۋە تەڭشەلگەن CSS ھۆججەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرى تەڭشىۋالسا ياكى تەڭشەپ بەرگۈچىلەرگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. مۇشۇ سەۋەپتىن ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايسىزلىق كەلتۈرگەنلىكىمىزدىن كەچۈرۈم سورايمىز. شۇنداقلا تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

يەنە بىر ئۆزگىرىش شۇكى، ئىلگىرىكى تەرجىمىلەردە ۋاقىت رايونى ئۇچۇرلىرى بولىقىدىكى 487 شەھەر ۋە رايوننىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە ھەر بىر شەھەر ۋە رايوننىڭ دۆلەت تەۋەلىكىمۇ قوشۇۋېتىلگەن ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە باشقۇرۇش بېتىدىكى تور بەت ئۈچۈن ۋاقىت رايونىنى تاللاش رامكىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان «ئادەتتىكى تەڭشەكلەر» بېتىنىڭ بىر قىسىم رايونلاردا نورمال ئېچىلمايدىغانلىقى ھەققىدە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىنكاسىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق. بۇ بەتنىڭ نورمال ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بۇ قېتىم بارلىق شەھەر ۋە رايونلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىلدى.

بۇ قېتىم ئالدىنقى نەشرىدە قوشۇپ تارقىتىلغان «ئويغان» قىستۇرمىسى چىقىرىۋېتىلدى. بۇ قىستۇرمىنى داۋاملىق ئىشلىتىشنى خالايدىغان تورداشلار 3.4.1 نەشرىدىن كۆچۈرۈپ ئىشلەتسە بولىدۇ. يەنە WordPress ئۆزىنىڭ سۈكۈتتىكى قىستۇرمىسى Akismet ۋە Hello, Dolly نىڭ بىر قىسىم ئۇچۇرلىرى تەرجىمە قىلىنمىدى. بۇنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرگە ئانچە تەسىرى يوق دەپ ئويلايمىز.

بۇندىن باشقا تىلغا ئېلىنمىغان يېڭىلىقلار، ئۆزگەرتىشلەر ۋە بايقالمىغان خاتالىقلار توغرىسىدا تورداشلىرىمىز بۇرۇنقىدەكلا ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ. مۇۋاپىق ۋە ئورۇنلۇق تەكلىپ- پىكىرلەر دەرھال قوبۇل قىلىنىدۇ.

ھەممەيلەننىڭ WordPress ھاياتىنىڭ خۇشاللىق ئىچىدە داۋاملىشىشىغا تىلەكداشمىز.

«WordPress 3.5 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى» غا «15» پىكىر بار

  1. ئەجرىڭلار ئۈچۈن كۆپ رەھمەت، كۆپ جاپا چەكتىڭلار! داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  2. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ھۆرمەتلىك، قەدىرلىك مېھنەتكەشلەرنىڭ زەپەر قۇچىشىنى ئۈمىد ۋە ئارزۇ قىلىپ دۇئايى ئەسلىمىلەردە ياد ئېتىپ كېلىۋاتقان دوستۇڭلار ئۈمىد ئۆمەردىن ئوتلۇق سالام!
    كەمىنىمۇ قىزغىن ھەۋەسلىرىم بىلەن WordPress ئارقىلىق كىچىككىنە بېتىمنى قۇرۇۋالدىم! رەھمەت سىلەرگە..
    نۆۋەتتە خەت نۇسقىسىدىكى مەسىلە تۈپەيلى مەسلىھەت ۋە يول – يورۇق ئالماقچىمەن.
    1. خەت نۇسقىسىنى قايسى خەت نۇسقىسىغا توغۇرلىسام بىۋاستە EOT تونۇتماي يېزىقنى نورمال تونۇتىمەن؟
    2. تەلەپ: تېخىمۇ گۈزەل ئەلكاتىپ خەت نۇسقىلىرى بېۋاستە تەمىنلەنگەن بولسا دېگەن ئۈمىدىم بار!

  3. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، گۈلبۇلاق گرافىكى دېگەن بلوگنىڭ قۇرغان ئىدىم نەشىرى 3.21 ئىدى قانداق قىلسام 3.51 گە كۆتۈرەلەيمەن. باشقىلارنىڭ دېيىشچە بىراقلا كۆتەرگىلى بولماسمىش ، يەنە كۆتۈرگەندىن كېيىن ھۆجەتەلر يوقاپ كېتىدۇ دەيدۇ؟ ئەگەر مۇشۇندا نەشىرنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئائىت مەزمۇنلار بولسا يوللاپ بەرسىڭىز بوپتىكەن. gulbulaq@gmail.com رەھمەت.

جاۋاب يېزىش