WordPress 4.6.2 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

WordPress 4.6.2 ئۇيغۇرچە نەشرى چۈشۈرۈشكە تەييارلاندى، ياكى سىز WordPress باشقۇرۇش تاختىسىدىن يېڭىلىۋالسىڭىز بولىدۇ. مۇزىكانت چارلىز.پاركېر (Charlie  Parker) نى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ نەشرىنىڭ نامىنى «Parker» دەپ ئاتىدۇق. ھازىرغا قەدەر ئەڭ ئېسىل بىر قېتىملىق يېڭىلىنىش ئىكەن دېيىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

2013-يىلى WordPress ئۈچۈن زور ھوسۇللۇق يىل بولدى دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى بۇ بىر يىل ئىچىدە 3.6، 3.7 ۋە 3.8 نەشرى تارقىتىلدى. بۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە  نەشرىمۇ ئىنگلىزچە نەشرى بىلەن تەڭ دېگۈدەك تەييار بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھەرخىل سەۋەبلەردىن 3.6 ۋە 3.7 نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلمىدى. كەڭ  ئىشلەتكۈچىلەردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمىز.

ئەمدى گېپىمىزگە كەلسەك بۇلارنىڭ ئىچىدە 3.8 نەشرىدە ئۆزگىرىش زور بولۇپ، WordPress 3.8 ئىنگلىزچە نەشرى 2013-يىلى 12-دېكابىردا تارقىتىلدى. ئۇيغۇرچە  نەشرىمۇ بىر كۈن كېيىن (يەنى بۈگۈن) تارقىتىلدى. كەڭ تورداشلارنىڭ سىناپ ئىشلىتىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

WordPress 3.8 نەشرىدىكى بارلىق ئۆزگەرتىشلەرنى بۇ يەردىن كۆرەلەيسىز. https://codex.wordpress.org/Version_3.8

WordPress 3.8 نەشرىدىكى يارقىن نۇقتىلار: 1. يېڭى، زامانىۋى باشقۇرۇش لايىھەسى 2. يېڭى سۈكۈتتىكى باشتېما 3. ئىجادىيەتچىلەر ئۈچۈن   (1) سىرتقى ئامبارلار يېڭىلاندى   (2) RTL (ئوڭدىن-سولغا يېزىش)نى تېخىمۇ ياخشى قوللايدۇ

يېڭىلىقلار باشقۇرۇش تاختىسى كۆرۈنۈش باشتېما كىچىك قوراللار زىيارەت قىلىنىشچانلىقى كۆپ خىل تور بېكەت

تەپسىلاتىنى ئىنگلىزچە تور بېكىتىدىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر: ھەممىمىزگە مەلۇم WordPress نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ياپونىيەدىكى دوكتور ھىدايەت ئىزچىللىقنى ساقلىغان ئاساستا ناھايىتى سۈپەتلىك تاماملاپ كېلىۋاتقان ئىدى.  ئۆتكەن يىلى Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرسوفت يەرلىكلەشتۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى  خادىملار تېخىمۇ كۆپ ئېسىل يۇمشاق دېتاللارنى ئورگان تەرەپ ئارقىلىق تەرجىمە قىلىش ئارزۇيىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى. شۇ سەۋەبتىن ئالىم ئەھەت بىلوگىدىكى ( پەخىرلىك WordPress بىلەن تەييارلانغان) ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنماي قالغان مەزمۇنلىرىنى تەرجىمە قىلدۇق. ئۇزۇنغا قالماي WordPress نىڭ ئۇيغۇرچە  تەرجىمىسىنىڭ ئاپتورى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆز ئارزۇيۇمنى دېدىم، دوكتور ھىدايەت ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن بۇ ۋەزىپىلەرنى بىزگە تاپشۇردى. بۇنىڭدىن كېيىنكى  تەرجىمە خىزمىتىگىمۇ بىزنىڭ مەسئۇل بولسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئورگان تورىدىن مەخسۇس ھوقۇقلارنى ئېلىپ بەردى. بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندۇق، شۇنداقلا ئىلگىرىكى تەرجىمىگە Microsoft نىڭ  تەرجىمە ئۇسلۇبى ۋە ئاتالغۇلىرىنى ئىشلىتىپ، قايتا قاراپ چىقتۇق. شۇنداقتىمۇ خاتالىقلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ تېخىمۇ  مۇكەممەل بولۇشى ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنداقلا WordPress ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كېلىشى  ئۈچۈن ھارماي-تالماي خالىس تۆھپە قوشقان دوكتور ھىدايەتكە چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمىزنى ۋە تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز.

بۇ نەشرىدىمۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئېسىش، EOT تونۇتۇش ۋە خەت نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەش ئىشلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۇ ئارقىلىق تور بېكەتنىڭ  ئېچىلىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈش ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىنى ۋاقتىدا تارقىتىشقا بەلگىلىك دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىندى. ئىشلەتكۈچىلەر خالىسا بۇرۇنقى نەشرىدىكى  ug_CN.php ھۆججىتى ۋە تەڭشەلگەن CSS ھۆججەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرى تەڭشىۋالسا ياكى تەڭشەپ بەرگۈچىلەرگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن  ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايسىزلىق كەلتۈرگەنلىكىمىزدىن كەچۈرۈم سورايمىز. شۇنداقلا تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى، كەمچىلىكلىرىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

بۇندىن باشقا تىلغا ئېلىنمىغان يېڭىلىقلار، ئۆزگەرتىشلەر ۋە بايقالمىغان خاتالىقلار توغرىسىدا تورداشلىرىمىز بۇرۇنقىدەكلا ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ. مۇۋاپىق  ۋە ئورۇنلۇق تەكلىپ-پىكىرلەر دەرھال قوبۇل قىلىنىدۇ.

ھەممەيلەننىڭ WordPress ھاياتىنىڭ خۇشاللىق ئىچىدە داۋاملىشىشىغا تىلەكداشمىز.

2013-يىل 14-دېكابىر