WordPress 6.6 نى ئىشلىتىپ، توربېتىڭىزدە چىرايلىق ۋە ماسلىشىشچان لايىھە ئېلېمېنتلىرىنى قۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرالايسىز. ئاپتوماتىك يېڭىلىنىدىغان قىستۇرمىلارغا كەينىگە قايتۇرۇش ئىقتىدارى قوشۇلۇپ، سىزگە تېخىمۇ كۆپ باشقۇرۇش، ئۆزگەرتىش ئىمكانىيىتى ۋە كۆڭۈل تىنچلىقى ئېلىپ كېلىدۇ.
رەڭ تاختىسى & خەت نۇسخا توپلىمى
بەتنى تېز ئالدىن كۆزىتىش
مەخسۇس بەت لايىھەلەشكە قوللىنىلىدىغان يېڭى جايلاشتۇرۇشنى قوللىنىپ ئىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرىدۇ. تور بېكەت تەھرىرلىگۈچتىكى يېڭى يانمۇ-يان جايلاشتۇرۇش ئارقىلىق، تەھرىرلەشتىن ئىلگىرى بارلىق بەت ۋە تاللانغان بەتنى ئالدىن كۆزەتكىلى بولىدۇ.
ھەر قانداق بۆلەك ئۆرنەككە تېخىمۇ كۆپ لايىھە تاللانمىسى قوشقىلى بولىدۇ. بۆلەك ئۆرنەك يازغۇچىلىرى ئوخشاش تېما ئىچىدە تېخىمۇ ئەركىن لايىھە تاللانمىلىرىنى تەمىنلەش ئۈچۈن، چەكسىز يەككە رەڭ ياكى خەت نۇسخىسى توپلىمى قۇرالايدۇ. بۇ توپلاملار تېخىمۇ مۇكەممەل لايىھە ئىمكانىيەتلىرىنى تەمىنلەپ، رەڭ ۋە بەتچىلىك تەڭشەكلىرىدىن ھالقىپ، تور بېكەتنىڭ ئومۇمىي ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ خاسلاشتۇرۇشقا يول قويىدۇ.
ئۆزلۈكىدىن يېڭىلىنىدىغان قىستۇرمىنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولىدۇ
قىستۇرمىلار خاتىرجەم ھالدا ئۆزلۈكىدىن يېڭىلىنىدۇ. ئۆزلۈكىدىن يېڭىلىنىدىغان قىستۇرما ئېلىپ كەلگەن قۇلايلىق شۇنداقلا ھەر قانداق مەسىلە كۆرۈلسە كەينىگە ياندۇرغىلى بولىدىغان بىخەتەرلىكتىن ھوزۇرلىنىڭ، بېكەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە يوشۇرۇن تور ئىشلىمەسلىك ۋاقتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىدۇ.
قاپلاش
قەدەمداشلانغان ئەندىزەدىكى مەزمۇننى خاسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى قوشىدۇ. قەدەمداشلانغان ئەندىزىنىڭ ھەر بىر ئەمەلىي مىسالىدا مۇئەييەن مەزمۇننى بەلگىلەش بىلەن بىللە بارلىق ئەمەلىي مىسالدا بىردەك ئەندىزىنى ساقلاپ قېلىشقا يول قويۇپ، كەلگۈسىدىكى يېڭىلىنىشنى ئاددىيلاشتۇرىدۇ. نۆۋەتتە، ماۋزۇ، ئابزاس، توپچە ۋە سۈرەت بۆلەكلىرىنىڭ تەڭشىكىنى قاپلىيالايسىز.
ئىقتىدار يېڭىلانمىلىرى
WordPress 6.6 دا مۇھىم يېڭىلىنىش بار، ئۇلار ئارتۇقچە WP_Theme_JSON
چاقىرىشنى چىقىرىۋېتىش، كۆپ تاللانمىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن يۈكلىنىشىنى چەكلەش، زۆرۈر بولمىغان polyfill تايىنىشچانلىقىنى يوقىتىش، يازما سىڭدۈرمىنى ئاستا يۈكلەش، data-wp-on-async
بۇيرۇقىنى ئەكىرىش شۇنداقلا تەھرىرلىگۈچتىكى %33 قېلىپ يۈكلەش ۋاقتىنى كېمەيتىش.
زىيارەتچانلىقى ياخشىلاندى
+55 زىيارەتچان ئوڭشاش ۋە كۈچەيتىلگەن ئىقتىدارى WordPress كەچمىشىنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بەرگەن، بولۇپمۇ سانلىق مەلۇمات كۆرۈنۈش پارچىسى يېڭى بېكەت تەھرىرلەش كەچمىشىگە كۈچ ئاتا قىلىدۇ شۇنداقلا قىستۇرغۇچقا ئوخشاش ئەندىزە ۋە بۆلەك تەمىنلەيدىغان يادرولۇق تەسىرلىشىشچان رايوننى قوزغىتىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق
WordPress 6.6 نىڭ بارلىق يېڭى ئىقتىدارلىرى ۋە ياخشىلانغان تۈرلىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئىقتىدارنى نامايان قىلىش تور بېكىتىنى زىيارەت قىلىڭ.
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتقا قىزىقسىڭىز WordPress 6.6 تارقىتىش بېتىنى زىيارەت قىلىڭ.
ئۇيغۇرچە WordPress 6.6 نىڭ ئەڭ يېڭى نەشرىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى
چۈشۈر
جاۋاب يېزىش
ئىنكاس يېزىش ئۈچۈن چوقۇم تىزىمغا كىرىشىڭىز كېرەك.