2025 ئۆرنىكىنى تونۇشتۇرۇش
WordPress 6.7 زامانىۋى 2025 ئۆرنىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەر قانداق كۆلەمدىكى بىلوگنى ئەڭ جانلىق لايىھە بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەڭ يېڭى خەت نۇسخا باشقۇرۇش ئىقتىدارى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان رەۋىشتە تور بېكەت بەتچىلىكىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ. يېڭى يېقىنلىتىش ئىقتىدارى ماكرولۇق نۇقتىدىن تور بېكەتنى لايىھەلەشكە قولايلىق يارىتىپ، تەپسىلاتلاردىن خالاس قىلىپ، ئومۇمىيلىقنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
مۇرەككەپلىكتىن خالىي چەكسىز مۇمكىنچىلىك
2025 ئۆرنىكى جانلىق، لايىھەگە مەركەزلەشكەن ئۆرنەك، ئۇنىڭدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تور بېكەت قۇرغىلى بولىدۇ. تىككۈچىدەك ھەر خىل ئۇسلۇب تاللانمىسى، بۆلەك ئەندىزە ۋە رەڭ ئەندىزىلەرنى ئىشلىتىپ گۈزەللىك تۇيغۇسىنى خاسلاشتۇرغىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسلۇب ئىخچام بولسىمۇ ئىقتىدارى تولۇق بولۇپ، سىز بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلىدىغان ئۆرنەك.
يېقىنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ئومۇمىي كۆرۈنۈشنى كۆرسىتىدۇ
مەزمۇنلىرىڭىزنى يېڭى نۇقتىدىن تەتقىق قىلىڭ
ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۇسۇلدا مەزمۇننىڭ پۈتكۈل بۆلىكىنى تەھرىرلەپ ۋە جايلاشتۇرىدۇ. تور بېكەتنى تېخىمۇ كەڭ نۇقتىدىن كۆرگىلى بولىدۇ، ھەر كىم ياقتۇرغىنى بويىچە ئەندىزىنى قوشۇپ، تەھرىرلەپ، سۆرەپ ياكى چىقىرىۋېتەلەيدۇ. تەسەۋۋۇرىڭىزنى بىناكارلاردەك قاناتلاندۇرىدۇ.
بۆلەك ۋە ئىختىيارى بۆلەكنى ھېچقانداق ئاۋارىچىلىك (ياكى كود) يوق ئەھۋالدا باغلايدۇ
ھەرىكەتچان مەزمۇن قۇرۇش ئاسانلاشتى
بۇ ئىقتىدار يېڭى بىر ئارايۈز ئۇقۇمىنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، بۆلەكنى ئىختىيارى بۆلەككە باغلاشقا ئىشلىتىدۇ، ھەرىكەتچان مەزمۇن تىزگىنلەشنى بىۋاسىتە تەھرىرلىگۈچكە قويىدۇ. بىر قانچىنى چېكىپلا بۆلەك بىلەن مەزمۇن بۆلىكىنى باغلاپ، قۇرۇش جەريانىدىكى جانلىقلىق بىلەن ئۈنۈمنى ئاشۇرىدۇ. ئەگەر خېرىدارلىرىڭىز ئىلگىرى سىزنى ياقتۇرمىغان بولسا ئەمدى سىزنى سۆيىدۇ.
ئىچكى خەت نۇسخا ئىقتىدارىدىن ھوزۇرلىنىڭ
يېڭى ئۇسلۇب بۆلىكى، يېڭى مۇمكىنچىلىك
ئۇسلۇب ئارايۈزى يېڭى ئىقتىدارى ئارقىلىق خەت نۇسخا چوڭلۇقى ئالدىن تەڭشىكىنى قۇرۇپ، تەھرىرلەپ، چىقىرىۋېتىپ ۋە قوللانغىلى بولىدۇ. ئۆرنەكنىڭ كۆڭۈلدىكى تەڭشىكىنى قاپلىۋەتكىلى ياكى ئىختىيارى خەت نۇسخا چوڭلۇقىنى قۇرغىلى بولىدۇ، لەيلىمە بەتچىلىك ئارقىلىق تەسىرلىشىشچان خەت نۇسخا چوڭلۇقىنى تاماملىغىلى بولىدۇ. تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ!
ئىقتىدار يېڭىلانمىلىرى
WordPress 6.7 تېخىمۇ تېز يۈكلىنىدىغان ئەندىزە، سانلىق مەلۇمات كۆرۈنۈشىدىكى ئالدىن كۆزىتىشنى ئەلالاشتۇرۇشقا ئوخشاش مۇھىم ئىقتىدار يېڭىلىنىشىنى تەمىنلىدى، +PHP 8 قوللاشنى ياخشىلىدى ھەمدە ۋاقتى ئۆتكەن كود چىقىرىۋېتىلدى، كېچىكتۈرۈپ يۈكلەنگەن سۈرەت چوڭلۇقىنى تەڭشەش شۇنداقلا HTML API دا بەلگە بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى.
زىيارەتچانلىقى ياخشىلاندى
+65 توسالغۇسىز زىيارەت ئىقتىدارى تۈزىتىلدى، WordPress تەسىرات ئاساسى نۇقتىلىق كۈچەيتىلدى، تەھرىرلىگۈچتىكى ئارايۈز بۆلىكى ۋە ھەرپتاختا يولباشچىسىدىن تارتىپ WordPress نىڭ تىزىمغا كىرىش ئېكرانىدىكى زىيارەت ماۋزۇسى ۋە تېخىمۇ ئېنىق بەلگىلىرىگىچە ياخشىلاندى.
ۋە تېخىمۇ كۆپ
WordPress 6.8 نىڭ بارلىق يېڭى ئىقتىدارلىرى ۋە ياخشىلانغان تۈرلىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئىقتىدارنى نامايان قىلىش تور بېكىتىنى زىيارەت قىلىڭ.
WordPress 6.7 ھەققىدە تەپسىلاتلار
WordPress ئۆگىنىش يېڭى ۋە تەجرىبىلىك WordPress ئىشلەتكۈچلىرى ئۈچۈن ھەقسىز پايدىلىنىش مەنبەسى. ئۆگىنىش، WordPress نىڭ ھەر خىل ئىقتىدارلىرى تونۇشتۇرۇلغان قانداق ئىشلىتىش سىنلىرى، چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشكە پايدىلىق تەسىرلىشىشچان خىزمەتخاىىلار ۋە WordPress نىڭ مەلۇم ساھەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلغان دەرس پىلانلىرى بىلەن تولغان.
WordPress 6.7 تارقىتىش ئۇقتۇرۇشى
WordPress 6.7 تارقىتىش ئۇقتۇرۇشىنى ئوقۇپ، ئورنىتىش، كۈچەيتىلگەن ئىقتىدار، ئوڭشالغان مەسىلە، تارقىتىش تۆھپىكارلىرى، ئۆگىنىش مەنبەلىرى ۋە ھۆججەت ئۆزگىرىش تىزىمى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن تونۇشۇڭ.
WordPress 6.7 بۆلەك يېتەكچىسى
WordPress 6.7 تەپسىلىي يېتەكچىسىدىن ئىزدىنىڭ. WordPress ئىشلىتىپ تور بېكەت قۇرۇشقا قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن ئەستايىدىل ئىجادكارلار بۇ نەشرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئىزاھلىدى.
ئۇيغۇرچە WordPress 6.7 نىڭ ئەڭ يېڭى نەشرى تولۇق تەرجىمە قىلىنغان 40 خىل تىلنىڭ قاتارىدا ئېلان قىلىندى. چۈشۈرۈش ئادرېسى:
چۈشۈر
جاۋاب يېزىش
ئىنكاس يېزىش ئۈچۈن چوقۇم تىزىمغا كىرىشىڭىز كېرەك.