WordPress.org

خەۋەر

WordPress نىڭ 6.9 نەشرى ئېلان قىلىندى

WordPress نىڭ 6.9 نەشرى ئېلان قىلىندى


دۇنيادىكى نۇرغۇن تور بېكەتلەر قوللىنىۋاتقان مەزمۇن باشقۇرۇش سىستېمىسىدىن بىرى بولغان WordPress نىڭ 6.9 نەشرى ئېلان قىلىندى.

WordPress 6.9 تېخىمۇ ئوبرازلىق ئۇسۇلدا بىرلىكتە مەزمۇن قۇرۇش يولىنى سۇنىدۇ. تەھرىرلىگۈچتە بىۋاستە ھەمكارلىقتىكى بەت ئاستى ئىزاھاتى ئىقتىدارىدىن تارتىپ، تور بېكەتنىڭ ھەر قايسى بۆلەكلىرىنى ئاسانلا زىيارەت قىلىشقا ياردەملىشىدىغان كۈچلۈك بۇيرۇق كۆزنەكچىسىگىچە، ھەر بىر ئىنچىكە ھالقا ئىجادىيەت باسقۇچىڭىز بىلەن ماسلىشىدۇ.

ئىزاھاتنى بىۋاسىتە بۆلەككە قوشۇش ئارقىلىق، قوشۇنىڭىز ماس قەدەمدە، ئۆزگەرتىشنى ئىزلاپ ۋە قايتۇرما ئىنكاسنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرالايدۇ، شۇنداقلا مەشغۇلاتنى بىرلا جايدا تاماملىيالايدۇ. مەيلى سىز ماقالە يېزىۋاتقان ياكى لايىھەنى ياخشىلاۋاتقان بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر كەرگەنىڭ ئۆزىدە يوچۇقسىز ھەمكارلىشىپ مەشغۇلات ئېلىپ بارالايسىز.

كۆرۈنۈشچان سۆرەپ تاشلاش

لايىھە تەبىئىي ئاقىدۇ.
ھازىر روشەن سۆرەش تۇتقۇچى ۋە شۇئان ئالدىن كۆزىتىش ئارقىلىق، تېخىمۇ ئوبرازلىق، تېخىمۇ جانلىق ھالدا جايلاشتۇرۇش قۇرغىلى بولىدۇ، شۇئان ئالدىن كۆزىتىش يۆتكەۋاتقان مەزمۇننى تېخىمۇ دەل كۆرسىتىپ، تور بەت قۇرۇشنى تېزلىتىدۇ.

مەيلى سىز يېڭى ماقالە يېزىۋاتقان ياكى تور بېكەت تەھرىرلىگۈچتە چوڭقۇر لايىھە ئۈستىدە بولۇڭ ياكى قىستۇرمىنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان بولۇڭ، تور بېكەتنىڭ خالىغان يېرىدىن بۇيرۇق كۆزنەكچىنى زىيارەت قىلالايسىز. ھەرپتاختىنى بىر قانچە قېتىم بېسىپلا ئېھتىياجلىقنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشەلەيسىز.

تېكست ئاساسىدىكى بۆلەككە يېڭى بىر بەتچىلىك تاللانمىسى قوشۇلدى، ئابزاس ۋە ماۋزۇ بۆلىكىگە قوللىنىلىدۇ. بۇ تاللانما خەت نۇسخىسىنىڭ چوڭلۇقىن ئۆزلۈكىدىن تەڭشەپ يۈكداننى كەم كۈتىسىز تولدۇرىدۇ، لەۋھە، چاقىرىق ۋە لايىھەدىكى گەۋدىلەندۈرىدىغان دەقىقىلەرگە ماس كېلىدۇ. قولدا تەڭشىمەيمۇ ئاددىي لايىھەلەش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

توردىن ئۇيغۇرچە نەشرىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى:

چۈشۈر

جاۋاب يېزىش

سەھىپەلەر

خەتلەت