ۋوردپرەس 2.8.1 ئۇيغۇرچە نەشرى

بۈگۈن ۋوردپرەسنىڭ 2.8.1 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى.بۇ قېتىم ۋوردپرەس كۆڭۈلدىكى ئۇسلۇبىدىن باشقا يەنە baughxie نامىدىكى بىر ئۇسلۇب ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇپ قوشۇپ تارقىتىلدى.

بۇ قېتىممۇ ۋوردپرەس ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېڭىلاندى. ئۇيغۇرچە نەشرىنى تەييارلاشتىمۇ ۋاقىت قىس بولۇپ قالدى. گەرچە تىل بولىقى 99 پىرسەنت تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر قېتىم يەنە بىر قىسىم ئەسلى ھۆججەت كودىنى ئۆزگەرتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاچقا، تەرجىمىدە خاتالىق– سەۋەنلىكلەرنىڭ ساقلىنىشى تەبىئىي. شۇڭا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەنقىدىي تەكلىپ– پىكىرلەرنى بېرىشىنى قارشى ئالىمىز.

تەكلىپ- پىكىرلىرىڭىز بولسا مۇشۇ يازما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىسىڭىز بولىدۇ. ياكى «ئالاقە» بېتىدىن پايدىلىنىپ بىۋاسىتە ئېلخەت يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. خاتالىق- سەۋەنلىكلەرنى تولۇق تۈگىتىشىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىرلەرنى ئايىمىغايسىز!

باشقا چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

ۋوردپرەس 2.8.1 ئۇيغۇرچە نەشرىنى ۋوردپرەس رەسمىي تور بېتىدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى ئادرېسلاردىنمۇ چۈشۈرۈشكە بولىدۇ.

ئادرېس 1: izfree.com

ئادرېس 2: بلوگباس

ئادرېس 3

ۋوردپرەس 2.8 ئۇيغۇرچە نەشرى

بۈگۈن ۋوردپرەسنىڭ 2.8 نەشرى تارقىتىلدى. بۇ نەشرىدىمۇ ئالدىنقى نەشرىگە ئوخشاشلا يۇلغۇن تور بېكىتى تەمىنلىگەن تور يۈزىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش دېتالى قوشۇلۇپ، ئۇيغۇرچىنى بىۋاسىتە يېزىپ كىرگۈزۈش مەسىلىسى ھەل قىلىندى. قاچىلاش جەريانىمۇ ئۇيغۇرچە بولدى.

ۋوردپرەس ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېڭىلىنىپ تۇرغاچقا، ئۇيغۇرچە نەشرىنى تەييارلاشتىمۇ ۋاقىت قىس بولۇپ قالدى. شۇڭلاشقا تەرجىمىنى مۇكەممەل دەپ ئېيتالمايمىز. ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە موھتاجمىز.

تەكلىپ- پىكىرلىرىڭىز بولسا مۇشۇ يازما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىسىڭىز بولىدۇ. ياكى «ئالاقە» بېتىدىن پايدىلىنىپ بىۋاسىتە ئېلخەت يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. خاتالىق- سەۋەنلىكلەرنى تولۇق تۈگىتىشىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىرلەرنى ئايىمىغايسىز!

باشقا چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

ۋوردپرەس 2.8 ئۇيغۇرچە نەشرىنى ۋوردپرەس رەسمىي تور بېتىدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى ئادرېسلاردىنمۇ چۈشۈرۈشكە بولىدۇ.

ئادرېس 1: izfree.com

ئادرېس 2: بلوگباس

ئادرېس 3

ۋوردپرەس 2.7.1 ئۇيغۇرچە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

ناۋادا ۋوردپرەس 2.7.1 ئۇيغۇرچە نەشرىنى بۇ بەتتىن (ۋوردپرەس رەسمىي تور بېتىدىن) دىن چۈشۈرگىلى بولمىسا، ئۇنداقتا
تۆۋەندىكى ئادرېسلاردىن چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭ.

ئادرېس 1: izfree.com

ئادرېس 2: بلوگباس

ئادرېس 3

ۋوردپرەس 2.7.1 ئۇيغۇرچە نەشرى

بۈگۈن ۋوردپرەسنىڭ 2.7.1 نەشرى تارقىتىلدى. بۇ نەشرىگە يۇلغۇن تور بېكىتى تەمىنلىگەن كىرگۈزگۈچ قوشۇلۇپ، ئۇيغۇرچىنى بىۋاسىتە يېزىپ كىرگۈزۈش مەسىلىسى ھەل قىلىندى. قاچىلاش جەريانىمۇ ئاساسەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقىلدى.

ئۇيغۇرچە نەشرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە مۇھتاجمىز. خاتالىق- سەۋەنلىكلەرنى تولۇق تۈگىتىشىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىرلەرنى ئايىمىغايسىز!

ۋوردپرەس 2.7 ئۇيغۇرچە نەشرى

بىر ئايغا يېقىن جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق دۇنياغا داڭلىق بلوگ سۇپىسى- ۋوردپرەسنىڭ 2.7 نەشرى تامامەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقىلدى. نۆۋەتتە ئۇيغۇرچىنى بىۋاسىتە يېزىپ كىرگۈزۈش ئىمكانىيىتى بولمىسىمۇ، لېكىن پات ئارىدا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئىشەنچىمىز كامىل.

كۆپچىلىكنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن خاتالىق- سەۋەنلىكلەرنى بالدۇرراق تۈگىتىپ، مۇكەممەل بولغان ئۇيغۇرچە نەشرىنى ئاشكارا تارقىتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشىمىز!