ۋوردپرەس 3.1 سىناق نۇسخىسى ئېلان قىلىندى

ۋوردپرەس 3.1 سىناق نۇسخىسى تورداشلارنىڭ سىناپ بېقىشى ئۈچۈن رەسمىي توردا ئېلان قىلىندى. تۆۋەندىكى ئادرېسنى ئېچىپ، ئەڭ ئاستىدىكى ئۇلانمىدىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.
سىناق نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى:
https://ug.wordpress.org/releases/#beta

بۇ بىر سىناق نۇسخا بولغاچقا، سىناپ باقماقچى بولغان تورداشلارنىڭ ئۇنى ھەرگىزمۇ نورمال بلوگىنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەسلىكىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز.

ئۇيغۇرچە 3.1 سىناق نۇسخىسىدىكى ئۆزگەرتىشلەر:
1. خەت شەكلى UKIJ Tor ،AlKatip Tor ،Alpida Unicode System ،Uyghur Ekran قاتارلىق تۆت فونتقا توغرىلاندى.
2. ئەلكاتىپ فونتىدىن باشقا ئۈچ فونتنىڭ ئې ئو تى ھۆججەتلىرى تەمىنلەندى.
3. باشقۇرۇش بېتىنىڭ خەتلىرى ئەسلىدىكىدىن ئىككى پىكسېل چوڭ قىلىپ تەڭشەلدى. ئەڭ كىچىكى 13px بولدى.
4. تور بەت يۈزىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش قورالى تەمىنلەندى.
5. ئۇسلۇب ھۆججىتىدىمۇ ماس ھالدا ئۆزگەرتىلدى.
6. گەرچە تىل بولىقىغا قارىتا چوڭ ئۆزگەرتىشلەر ئېلىپ بېرىلمىغان بولسىمۇ، يېڭى نەشرىنى تۈزۈش جەريانىدا بەزىبىر سۆز- جۈملىلەرنىڭ تەرجىمە قىلىنمىغان ھالەتتە كۆرسىتىلىپ قېلىش ھادىسىسى مەۋجۇد. قىزىققۇچىلار PHP كودىنى ئېچىپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ. ناۋادا GetText نى قوللىمايدىغان ھالەتتە( «ئۇسلۇبلار» بلوگىدىكى ۋاسىتىلىك تەرجىمە دېگەن يازمىغا قاراڭ) بولسا مۇشۇ يازما ئاستىغا ياكى بىۋاسىتە بىزگە مەلۇم قىلىپ قويۇشۇڭلارنى سورايمىز.

ئەمدى ئەڭ مۇھىم بولغان ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسى مەسىلىسىگە كەلسەك، تەرجىمە خىزمىتى جەريانىدا كۆپلىگەن ئاتالغۇلارنى مۇمكىنقەدەر قېلىپلاشقان سۆزلۈكلەر ئارقىلىق ئىپادىلەشكە تىرىشىپ كەلدۇق. «سپەم» گە ئوخشاش ئاتالغۇلارنى بولسا ئىنگىلىزچە ئەسلى پېتى ئېلىش بىر قەدەر ئاقىلانىلىك دەپ قارىدۇق. بەزىبىر يېڭى ئاتالغۇلارغا دەماللىققا كۆنەلمەسلىك نورمال ئەھۋال. بۇلارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش ھەققىدە قايتا مۇھاكىمە قىلساقمۇ بولىدۇ.
نۆۋەتتىكى تەرجىمە ئەھۋالىنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن تەكشۈرۈش مۇمكىن. تەرجىمىگە قاتنىشىشنى خالايدىغانلار wordpress.org غا تىزىملىتىپ ئەزا بولغاندىن كېيىن بۇ ئادرېسنى ئاچقايسىلەر.
https://translate.wordpress.org/projects/wp/dev/ug/default

ۋوردپرەس ئۇيغۇرچە 3.0 نەشرى تارقىتىلدى

يېڭى بىر ئەۋلاد شەخسىي ئۇچۇر نەشرىيات سۇپىسى بولغان ۋوردپرەس 3.0 نەشرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 2- ئىيۇلدىن باشلاپ رەسمىي تور بېكىتىدە تارقىتىلىشقا باشلىدى.
بۇ قېتىمقى زور كۆلەملىك ئۆزگەرتىشتە يېڭىدىن نۇرغۇن ئۇچۇرلار قوشۇلۇپ، بىر قىسىم ئۇچۇرلار ئۆزگەرتىلىپ، ئەسلىدىكى 100 پىرسەنت تاماملانغان تەرجىمە بىراقلا 73 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغان ئىدى. يېڭى ئۇچۇرلارنىڭ تور بەتتىكى ئورنىنى جەزملەش ۋە مەنىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرجىمىسىنى بېكىتىش جەريانىدا ئاز بولمىغان قىيىنچىلىقلار كۆرۈلدى. شۇنداقتىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تەرجىمىنى 92 پىرسەنتكە يەتكۈزدۇق. بىر قىسىم ئۇچۇرلارنىڭ تەرجىمىسى تېخى تولۇق پۈتمىگەن بولسىمۇ، تورداشلارنىڭ ئىشلىتىپ سىناپ بېقىشى ئۈچۈن بالدۇرراق تارقىتىشنى قارار قىلدۇق. تەرجىمىنىڭ پۈتمىگەن قىسمى 3.1 نەشرىدە تولۇقلانماقچى. ۋاقىپ بولغايسىزلەر.

ۋوردپرەس 3.0 تارقىتىلدى

ۋوردپرەس مەستانىلىرى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتقان ۋوردپرەسنىڭ يېڭى نەشرى بۈگۈن رەسمىي تور بېكىتىدە ئىنگىلىزچە نەشرىدىن باشلاپ تارقىتىلىشقا باشلىدى.

ئۇيغۇرچە نەشرىدە بىر قىسىم ئۇچۇرلارنىڭ تەرجىمىسى تېخى تولۇق پۈتمىگەن بولسىمۇ، تورداشلارنىڭ ئىشلىتىپ سىناپ بېقىشى ئۈچۈن بالدۇرراق تارقىتىشنى ئويلاشتۇق. ئۇيغۇرچە نەشرى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە رەسمىي تور بېكىتىدە تارقىتىلىدۇ. شۇنىڭغىچە يەنە بىر ئاز ساقلاپ تۇرغايسىزلەر.

ۋوردپرەس 2.9.2 ئۇيغۇرچە نەشرى

بۈگۈن ۋوردپرەسنىڭ 2.9.2 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى.
كۆپچىلىكنىڭ چۈشۈرۈپ سىناپ كۆرۈپ، پىكىر- تەكلىپلىرىنى بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
بىرەر مەسىلە بايقىسىڭىز ئۈستى تەرەپتىكى «ئالاقە» بېتى ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزۈپ قويۇشىڭىزنى، ياكى ۋوردپرەس مۇنبىرىگە يوللاپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

يازما ئۆچۈرۈش

يازما ياكى ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۈشنىڭ 2 خىل ئۇسۇلى بار.

بىرىنچىسى، تېز تەھرىرلەش تىزىملىكىنى ئىشلىتىش.
1. ئارقا باشقۇرۇش بېتىدە ئوڭ تەرەپتىكى تىزىملىكتىن «يازمىلار» نى تاللايمىز.
«يازمىلار» تىزىملىكى
2. مائۇسنى ئۆچۈرمەكچى بولغان يازما ياكى ئىنكاس تۇرغان قۇرغا (رەسىمدىكى كۆك رامكىنىڭ ئىچى) ئەكەلسەك، يازما نامى ياكى ئىنكاسنىڭ ئاستىدا بىر تىزىملىك پەيدا بولىدۇ.
تېزلەتمە تىزىملىك
3. «ئەخلەت» تىزىملىكىنى چەكسەك، بۇ يازما ياكى ئىنكاس ئەخلەت ساندۇقىغا يۆتكىۋېتىلىدۇ.
4. خاتا ئۆچۈرۈلگەن يازما ياكى ئىنكاسنى ئەخلەت ساندۇقىدىن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن يازمىلار ياكى ئىنكاسلار كۆرسىتىلىۋاتقان بەتتە، ئۈستى تەرەپتىكى «ئەخلەت» نى چېكىپ ئەخلەت ساندۇقىغا كىرىپ، يۇقىرىدا ئېيتىلغان تېز تەھرىرلەش تىزىملىكى ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بارىمىز.
5. ئۆچۈرۈلگەن يازما ياكى ئىنكاسلارنى ئەخلەت ساندۇقىدىن مەڭگۈلۈك ئۆچۈرگىلىمۇ بولىدۇ.

ئىككىنچىسى، بەت ئۈستىدىكى تىزىملىكنى ئىشلىتىش.
1. باشقۇرۇش بېتىدە ئوڭ تەرەپتىكى تىزىملىكتىن «يازمىلار» نى چېكىپ يازما باشقۇرۇش بېتىگە كىرىمىز.
2. ئۆچۈرمەكچى بولغان يازمىلارنىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسى ئۇرىمىز (رەسىمدىكى 1- ئورۇن).
«مەشغۇلاتلار» تىزىملىكى
3. ئۈستىدىكى «مەشغۇلاتلار» دېگەن خەت چىقىپ تۇرغان تاللاش رامكىسىدىن (رەسىمدىكى 2- ئورۇن) «ئەخلەت ساندۇقىغا يۆتكەش» نى تاللايمىز (رەسىمدىكى 3- ئورۇن).
4. كەينىدىكى «قوللىنىش» كۇنۇپكىسىنى چەكسەك (رەسىمدىكى كۆك رامكىغا ئېلىنغان كۇنۇپكا)، تاللانغان يازمىلار ئەخلەت ساندۇقىغا يۆتكىۋېتىلىدۇ.
5. ئىنكاسلارنىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا ئۆچۈرگىلى بولىدۇ.

«ئۇسلۇبلار» بلوگى قۇرۇلدى

ۋوردپرەس ئۇسلۇبلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش نۆۋەتتە ۋوردپرەس بلوگ سىستېمىسىنى ئەركىن ئىشلىتىشتىكى بىر توسالغۇ بولۇپ تۇرماقتا. ئۇيغۇرچە ۋوردپرەس ئىشلەتكۈچى تورداشلارنىڭ جىددي ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، ۋوردپرەس.كوم تور بېكىتىدە «ئۇسلۇبلار» نامىدا بىر بلوگ قۇرۇپ چىقتۇق.

بۇ بلوگدا مەخسۇس ۋوردپرەس ئۇسلۇبلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش بىلىملىرى ۋە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ۋوردپرەس ئۇسلۇبلىرىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىش توغرىسىدىكى بىلىملەر نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇلماقچى. نۆۋەتتە ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشقا يېتىشىپ بولالمىغانلىقىمىز سەۋەبىدىن، ئالدى بىلەن ئىشنى ئۇسلۇب ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنىڭ قەدەم- باسقۇچلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشتىن باشلىدۇق. كېيىنچە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ئۇسلۇبلارنى تەدرىجىي تۈردە قوشۇپ ماڭماقچىمىز.

ئۇسلۇب ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا قىزىقىدىغان تورداشلارنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى، تەكلىپ- پىكىر بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

بلوگ ئادرېسى: /http://uslublar.wordpress.com

ۋوردپرەس 2.9.1 ئۇيغۇرچە نەشرى

بۈگۈن ۋوردپرەسنىڭ 2.9.1 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى.
كۆپچىلىكنىڭ چۈشۈرۈپ سىناپ كۆرۈپ، پىكىر- تەكلىپلىرىنى بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
بىرەر مەسىلە بايقىسىڭىز ئۈستى تەرەپتىكى «ئالاقە» بېتى ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزۈپ قويۇشىڭىزنى، ياكى ۋوردپرەس مۇنبىرىگە يوللاپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تەرجىمە ھەققىدە

ۋوردپرەسنى ياقتۇرۇپ ئىشلەتكىنىڭىزلارغا كۆپ تەشەككۈر!

دوستلىرىمىزغا ئايان بولغىنىدەك، ۋوردپرەس بلوگ سىستېمىسى 2.7 نەشرىدىن تارتىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇپ، ۋوردپرەس رەسمىي تور بېكىتىدە تارقىتىلىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى باشقا سىستېمىلارغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا تېز بولۇپ، بەزىدە بىر نەشرىنىڭ تەرجىمىسىنى تۈگىتىپ تەڭشەپ- سىناپ ئېلان قىلىپ بولغىچە يەنە بىر نەشرى ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەھۋاللارمۇ بار.

بۇ قېتىممۇ ئىنگىلىزچە 2.9 نەشرى ئۆتكەن يىلى 18- دېكابىردا تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 22- دېكابىر تارقىتىلغان ئىدى. نۆۋەتتە ئىنگىلىزچە 2.9.1 نەشرىمۇ تارقىتىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. ھەر قېتىم ئۇنىڭ تەرجىمىسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن قايتا- قايتا سىناپ تارقىتىپ كەلگەن ئىدۇق. لېكىن بۇ قېتىم تولۇق سىناپ چىقىشقا مۇمكىن بولماي قالدى. ئاساسلىقى مۇقىم ئىشلەپ بېرىدىغان بىر PHP+MySQL بوشلۇقىنىڭ بولمىغانلىقى بىر مەسىلە بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە سىناپ، كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ تۇرۇۋاتىمىز.

ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشقا كەلسەك، ئادەتتە ۋوردپرەس ئۇسلۇبلىرىنى 2 تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. بىرى، تۈزگۈچىلەر باشتىلا تەرجىمىسىنى ئويلىشىپ، تەرجىمە قىلىش زۆرۈرىيىتى بولغان ئۇچۇرلارنى ئايرىم تىل بولىقى شەكلىدە تەمىنلىگەن ئۇسلۇبلار. بۇنداق ئۇسلۇبنىڭ فونتىنى ئۇيغۇرچە فونتقا تەڭشەپ قويۇپ، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قوشۇپ قويسىڭىزلا ئۇيغۇرچىلىشىدۇ.

يەنە بىرى، تەرجىمە ھۆججىتى تەمىنلەنمىگەن ئۇسلۇبلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ فونتىنى تەڭشىگەندىن باشقا يەنە ھەر بىر ھۆججەتتىكى ئۇچۇرلارنىمۇ بىر- بىرلەپ تەرجىمە قىلىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشتا، ۋوردپرەس رەسمىي تور بېتىدە تارقىتىلغان ئۇيغۇرچە نەشرىنىڭ كۆڭۈلدىكى ئۇسلۇبى ئىچىدىكى ug_CN.po ھۆججىتىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ. ئۇنىڭدا ئاساسەن بارلىق ئۇسلۇبلارغا ئورتاق بولغان ئۇچۇرلار ساقلانغان بولغاچقا، ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشتا كۆپ ئەسقېتىشى مۇمكىن.

پات ئارىدا بىر قىسىم ئۇسلۇبلارنى تەرجىمە قىلىپ چىقىش پىلانىمىز بار. ئىنشائاللاھ، بۇ ئىشىمىزنىمۇ بىر كۈنى روياپقا چىقارغايمىز.

ۋوردپرەس ئۇيغۇرچە تەرجىمە گۇرۇپپىسى

ۋوردپرەس 2.9 ئۇيغۇرچە نەشرى

بۈگۈن ۋوردپرەسنىڭ 2.9 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى.
ھەر قېتىمقىغا ئوخشاشلا، بۇ نەشرىمۇ ئىنگىلىزچە نەشرىدىن كېيىنرەك تارقىتىلدى.
كۆپچىلىكنىڭ چۈشۈرۈپ سىناپ كۆرۈپ، پىكىر- تەكلىپلىرىنى بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
بىرەر مەسىلە بايقىسىڭىز ئۈستى تەرەپتىكى «ئالاقە» بېتى ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزۈپ قويۇشىڭىزنى، ياكى ۋوردپرەس مۇنبىرىگە يوللاپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.