خەت نۇسخا قىستۇرمىسى(Fonts Plugin) | Google خەت نۇسخا مەتبەچىلىكى

چۈشەندۈرۈش

Google Fonts خەت نۇسخا ئامبىرىدا جەمئىي 1455 خىل خەت نۇسخىسى بار. تور بېكەت باشقۇرغۇچىسى مەزكۇر قىستۇرما ئارقىلىق خەت نۇسخىلىرىنى ئۆزىنىڭ WordPress تور بېكىتىگە ئىشلىتەلەيدۇ.

پۈتكۈل تور بېكىتىڭىزگە بىر خىللا خەت نۇسخىسى ئىشلەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ماۋزۇغا بىر خىل خەت نۇسخىسى، مەزمۇنغا يەنە بىر خىل خەت نۇسخىسىنى تاللاپ ئىشلىتەلەيسىز.

قايسى خەت نۇسخىسىنىڭ تور بېكىتىڭىزدە چىرايلىق كۆرۈنىدىغانلىقىنى بىلىش تەس. بۇ دەل بىزنىڭ شۇئان ئالدىن كۆزىتىش ئىقتىدارىنى تەمىنلىشىمىزنىڭ سەۋەبى، بۇنداق بولغاندا ھەر بىر خەت نۇسخىسىنى سىناپ، شۇ خەت نۇسخىدا تور بېكەت مەزمۇنىنىڭ قانداق كۆرۈنىدىغانلىقىنى شۇئان كۆزىتەلەيسىز.

سىز ياقتۇرىدىغان بىرلەشمە خەت نۇسخىسىنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن، تەڭشەكنى ساقلىسىڭىز، ئۆزگىرىشنى بېكەت بەتلىرىدە كۆرگىلى بولىدۇ.

تولۇق Google خەت نۇسخا ئامبىرىنى Google خەت نۇسخا دىن تاپقىلى بولىدۇ.

قىستۇرما ئىقتىدارى

  • خاسلاشتۇرغۇچتا شۇئان ئالدىن كۆزىتىش: WordPress خاسلاشتۇرغۇچتا خەت نۇسخىسىنى تاللاپ ۋە ئالدىن كۆزەتكىلى بولىدۇ.
  • 1000+ دىن ئارتۇق Google خەت نۇسخىسىدىن تاللىغىلى بولىدۇ.
  • Adobe Fonts (Typekit) بىرلەشتۈرۈش.
  • خالىغان WordPress ئۆرنەكتە ئىشلەيدۇ. كود يېزىش ھاجەتسىز.
  • ئاددى بىر چېكىلسە يېڭىلاش.
  • WooCommerce قوللاش.
  • تەرجىمىگە تەييار.
  • SSL ۋە HTTPS قوللاش.
  • بىر ئىلتىماس بىلەن خەت نۇسخىسى يۈكلەش تېخىمۇ ئۈنۈملۈك.
  • ئىزدەش موتورىنى ئەلالاشتۇرۇشقا دوستانە
  • Tested with PHP7 and PHP8..
  • خەت نۇسخىسىنى تاللاپ يۈكلەش.
  • مەنبە ئەسكەرتىشىنى ئالدىن بىلىش.
  • Google Fonts خەت نۇسخىلىرىنى يەرلىك مۇلازىمېتىردا ۋاكالىتەن باشقۇرالايدۇ.
  • ئىختىيارى خەت نۇسخا يۈكلەش.
  • خەت چوڭلۇقى، توم ئىنچىكىلىكى، رەڭگى ۋە قۇر ئېگىزلىكى قاتارلىق مەتبەچىلىك تەڭشەكلىرى.

ئەسكەرتىش: بەزى ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ھەق تاپشۇرۇش كېرەك. يەنى ئىشلەتكۈچى ھەقلىق نۇسخىسىغا يۈكسەلتكەندىن كېيىن ئاندىن بۇ ئىقتىدارلارنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ. Fonts Plugin Pro نى زىيارەت قىلىپ يۈكسەلتىڭ.

ھەقسىز نەشرى بىلەن pro نەشرىنىڭ ئىقتىدار سېلىشتۇرمىسى.

قىستۇرما ماسلىشىشچانلىقى

Fonts Plugin تۆۋەندىكى بارلىق WordPress ئۆرنەكلىرى بىلەن سىغىشىپ ياخشى ئىشلەيدۇ:

  • بارلىق StudioPress ۋە Genesis ئۆرنەكلىرى
  • Twenty Seventeen
  • Twenty Nineteen
  • Twenty Twenty
  • ThemeGrill
  • LyraThemes
  • ThemeIsle

داۋامىنى ئوقۇش

Fonts Plugin نىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز، تۆۋەندىكى مەزمۇندىن پايدىلىنىڭ:

كەمتۈك

ئەگەر Fonts Plugin دا مەسىلە بايقىسىڭىز، بۇ جايدا بىزگە بىلدۈرۈڭ.

Fonts Plugin نىڭ Gutenberg بۆلىكى

يېڭى Gutenberg بۆلىكى ئارقىلىق مەزمۇنلىرىڭىزنى تېخىمۇ موللاشتۇرالايسىز.

  • تەھرىرلىگۈچتە ئىشلەتكىلى بولىدىغان 1000+ Google خەت نۇسخىسى بار.
  • خەت چوڭلۇقى، شەكلى ۋە قۇر ئېگىزلىكى تەڭشەكلىرى.
  • تېكىست توغرىلاش: سول، ئوڭ ياكى ئوتتۇرا
  • Adobe Fonts (Typekit) قوللايدۇ.

تۆھپە

خەت نۇسخا قىستۇرما (Fonts Plugin) ھەر قانداق تۆھپىكارنى قارشى ئالىدۇ.

تۆھپە قوشۇشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرى بار:

  1. تېخنىكىلىق قوللاش مۇنبىرىدە مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇڭ.
  2. خەت نۇسخا قىستۇرمىسى (Fonts Plugin) نى تىلىڭىزغا تەرجىمە قىلىڭ.
  3. كۈچەيتىلگەن ئىقتىدارىغا قايتۇرما ئىنكاس ۋە تەكلىپ بېرىڭ

ئېكران كەسمىسى

  • WordPress ئۈچۈن Google خەت نۇسخىسى - شۇئان ئالدىن كۆزىتىش
  • WordPress ئۈچۈن Google خەت نۇسخىسى - خاسلاشتۇرغۇچ تەڭشىكىدە ئىزدەش
  • مەتبەچىلىك تەڭشىكىدە خەت نۇسخىسىنىڭ توك ئىنچىكىلىكى ۋە ئۇسلۇبىنى خاسلاشتۇرالايدۇ

بۆلەك

بۇ قىستۇرما 1 بۆلەك تەمىنلەيدۇ.

  • Google Fonts

ئورنىتىش

خەت نۇسخا قىستۇرمىسى (Fonts Plugin) نى يۈكلەپ، ئاكتىپلانسىلا ئىش تامام!

باشقۇرۇش تاختىسىدىكى -› كۆرۈنۈش -› خاسلاشتۇرۇشقا يۆتكىلىپ «Fonts Plugin» بەتكۈچنى كۆرەلەيسىز.

FAQ

تور بېكىتىمنىڭ ئۆرنىكى خەت نۇسخا قىستۇرمىسى (Fonts Plugin) نى ئىشلىتەلەمدۇ؟

بىز ‭99.99%‬ مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقىنى جەزملەيمىز، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا قوللاش بېلىتىدىن بىرنى قۇرۇڭ.

باھالاشلار

2024-يىلى 14-مارت
Excellent plug-in that does what it says it will do.
2024-يىلى 14-مارت
My first Wordpress Site has certainly been a challenge. I have done sites using WIX, unfortunately the price is prohibitive. So starting from scratch, don't even know the language. This plug-in opens up my style, and is pretty easy to use (gets easier all the time). Even better- the help. I got stuck and sent a message, to a real email, not a bot. Got a reply, right away, he went in, took a screen shot, told me what I needed to change- why and how, without a bunch of tech talk. Love - Love - Love it!

Top

2024-يىلى 10-مارت
Very good plugin.
1,063 باھالاشنىڭ ھەممىنى ئوقۇش

تۆھپىكار ۋە ئىجادكار

«خەت نۇسخا قىستۇرمىسى(Fonts Plugin) | Google خەت نۇسخا مەتبەچىلىكى» كودى ئوچۇق يۇمشاق دېتال. تۆۋەندىكى كىشىلەر بۇ قىستۇرمىغا تۆھپە قوشقان.

تۆھپىكار

«خەت نۇسخا قىستۇرمىسى(Fonts Plugin) | Google خەت نۇسخا مەتبەچىلىكى» 22 تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. تەرجىمانلارنىڭ تۆھپىسى ئۈچۈن رەھمەت.

«خەت نۇسخا قىستۇرمىسى(Fonts Plugin) | Google خەت نۇسخا مەتبەچىلىكى» نى تىلىڭىزغا تەرجىمە قىلىڭ

ئىجادىيەتكە قىزىقامسىز؟

كودقا كۆز يۈگۈرتۈپ، SVN خەزىنە تەكشۈرۈپ ياكى RSSئارقىلىق ئىجادىيەت خاتىرىسىگە مۇشتەرى بولغىلى بولىدۇ.

ئۆزگىرىش خاتىرىسى

ئەگەر تولۇق ئۆزگىرىش خاتىرىسىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز، خەت نۇسخا قىستۇرمىسى (Fonts Plugin) نىڭ changelog.txt دىن كۆرۈڭ.