چۈشەندۈرۈش
Google Fonts خەت نۇسخا ئامبىرىدا جەمئىي 1455 خىل خەت نۇسخىسى بار. تور بېكەت باشقۇرغۇچىسى مەزكۇر قىستۇرما ئارقىلىق خەت نۇسخىلىرىنى ئۆزىنىڭ WordPress تور بېكىتىگە ئىشلىتەلەيدۇ.
پۈتكۈل تور بېكىتىڭىزگە بىر خىللا خەت نۇسخىسى ئىشلەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ماۋزۇغا بىر خىل خەت نۇسخىسى، مەزمۇنغا يەنە بىر خىل خەت نۇسخىسىنى تاللاپ ئىشلىتەلەيسىز.
قايسى خەت نۇسخىسىنىڭ تور بېكىتىڭىزدە چىرايلىق كۆرۈنىدىغانلىقىنى بىلىش تەس. بۇ دەل بىزنىڭ شۇئان ئالدىن كۆزىتىش ئىقتىدارىنى تەمىنلىشىمىزنىڭ سەۋەبى، بۇنداق بولغاندا ھەر بىر خەت نۇسخىسىنى سىناپ، شۇ خەت نۇسخىدا تور بېكەت مەزمۇنىنىڭ قانداق كۆرۈنىدىغانلىقىنى شۇئان كۆزىتەلەيسىز.
سىز ياقتۇرىدىغان بىرلەشمە خەت نۇسخىسىنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن، تەڭشەكنى ساقلىسىڭىز، ئۆزگىرىشنى بېكەت بەتلىرىدە كۆرگىلى بولىدۇ.
تولۇق Google خەت نۇسخا ئامبىرىنى Google خەت نۇسخا دىن تاپقىلى بولىدۇ.
قىستۇرما ئىقتىدارى
- خاسلاشتۇرغۇچتا شۇئان ئالدىن كۆزىتىش: WordPress خاسلاشتۇرغۇچتا خەت نۇسخىسىنى تاللاپ ۋە ئالدىن كۆزەتكىلى بولىدۇ.
- 1000+ دىن ئارتۇق Google خەت نۇسخىسىدىن تاللىغىلى بولىدۇ.
- Adobe Fonts (Typekit) integration.
- Upload Your Own Fonts.
- خالىغان WordPress ئۆرنەكتە ئىشلەيدۇ. كود يېزىش ھاجەتسىز.
- ئاددى بىر چېكىلسە يېڭىلاش.
- WooCommerce قوللاش.
- تەرجىمىگە تەييار.
- SSL ۋە HTTPS قوللاش.
- بىر ئىلتىماس بىلەن خەت نۇسخىسى يۈكلەش تېخىمۇ ئۈنۈملۈك.
- ئىزدەش موتورىنى ئەلالاشتۇرۇشقا دوستانە
- PHP7 ۋەPHP8 دە سىنالغان.
- خەت نۇسخىسىنى تاللاپ يۈكلەش.
- مەنبە ئەسكەرتىشىنى ئالدىن بىلىش.
- Google Fonts خەت نۇسخىلىرىنى يەرلىك مۇلازىمېتىردا ۋاكالىتەن باشقۇرالايدۇ.
- خەت چوڭلۇقى، توم ئىنچىكىلىكى، رەڭگى ۋە قۇر ئېگىزلىكى قاتارلىق مەتبەچىلىك تەڭشەكلىرى.
ئەسكەرتىش: بەزى ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ھەق تاپشۇرۇش كېرەك. يەنى ئىشلەتكۈچى ھەقلىق نۇسخىسىغا يۈكسەلتكەندىن كېيىن ئاندىن بۇ ئىقتىدارلارنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ. Fonts Plugin Pro نى زىيارەت قىلىپ يۈكسەلتىڭ.
ھەقسىز نەشرى بىلەن pro نەشرىنىڭ ئىقتىدار سېلىشتۇرمىسى.
قىستۇرما ماسلىشىشچانلىقى
Fonts Plugin تۆۋەندىكى بارلىق WordPress ئۆرنەكلىرى بىلەن سىغىشىپ ياخشى ئىشلەيدۇ:
Plugins
Themes
- بارلىق StudioPress ۋە Genesis ئۆرنەكلىرى
- Twenty Seventeen
- Twenty Nineteen
- Twenty Twenty
- ThemeGrill
- LyraThemes
- ThemeIsle
داۋامىنى ئوقۇش
Fonts Plugin نىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز، تۆۋەندىكى مەزمۇندىن پايدىلىنىڭ:
- قوللانما
- خەت نۇسخا بىرلەشتۈرۈش
- Google خەت نۇسخا تەكشۈرگۈچ
- WordPress تە Google Fonts نى قانداق ئىشلىتىدۇ
كەمتۈك
ئەگەر Fonts Plugin دا مەسىلە بايقىسىڭىز، بۇ جايدا بىزگە بىلدۈرۈڭ.
Fonts Plugin نىڭ Gutenberg بۆلىكى
يېڭى Gutenberg بۆلىكى ئارقىلىق مەزمۇنلىرىڭىزنى تېخىمۇ موللاشتۇرالايسىز.
- تەھرىرلىگۈچتە ئىشلەتكىلى بولىدىغان 1000+ Google خەت نۇسخىسى بار.
- خەت چوڭلۇقى، شەكلى ۋە قۇر ئېگىزلىكى تەڭشەكلىرى.
- تېكىست توغرىلاش: سول، ئوڭ ياكى ئوتتۇرا
- Adobe Fonts (Typekit) قوللايدۇ.
تۆھپە
خەت نۇسخا قىستۇرما (Fonts Plugin) ھەر قانداق تۆھپىكارنى قارشى ئالىدۇ.
تۆھپە قوشۇشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرى بار:
- تېخنىكىلىق قوللاش مۇنبىرىدە مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇڭ.
- خەت نۇسخا قىستۇرمىسى (Fonts Plugin) نى تىلىڭىزغا تەرجىمە قىلىڭ.
- كۈچەيتىلگەن ئىقتىدارىغا قايتۇرما ئىنكاس ۋە تەكلىپ بېرىڭ
ئېكران كەسمىسى
بۆلەك
بۇ قىستۇرما 1 بۆلەك تەمىنلەيدۇ.
- Fonts Plugin
ئورنىتىش
خەت نۇسخا قىستۇرمىسى (Fonts Plugin) نى يۈكلەپ، ئاكتىپلانسىلا ئىش تامام!
باشقۇرۇش تاختىسىدىكى -› كۆرۈنۈش -› خاسلاشتۇرۇشقا يۆتكىلىپ «Fonts Plugin» بەتكۈچنى كۆرەلەيسىز.
FAQ
-
تور بېكىتىمنىڭ ئۆرنىكى خەت نۇسخا قىستۇرمىسى (Fonts Plugin) نى ئىشلىتەلەمدۇ؟
-
بىز 99.99% مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقىنى جەزملەيمىز، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا قوللاش بېلىتىدىن بىرنى قۇرۇڭ.
باھالاشلار
تۆھپىكار ۋە ئىجادكار
«Fonts Plugin خەت نۇسخا قىستۇرمىسى | Google خەت نۇسخىسى، Adobe خەت نۇسخىسى ۋە يۈكلەنگەن خەت نۇسخىسىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ» كودى ئوچۇق يۇمشاق دېتال. تۆۋەندىكى كىشىلەر بۇ قىستۇرمىغا تۆھپە قوشقان.
تۆھپىكار«Fonts Plugin خەت نۇسخا قىستۇرمىسى | Google خەت نۇسخىسى، Adobe خەت نۇسخىسى ۋە يۈكلەنگەن خەت نۇسخىسىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ» 24 تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. تەرجىمانلارنىڭ تۆھپىسى ئۈچۈن رەھمەت.
ئىجادىيەتكە قىزىقامسىز؟
كودقا كۆز يۈگۈرتۈپ، SVN خەزىنە تەكشۈرۈپ ياكى RSSئارقىلىق ئىجادىيەت خاتىرىسىگە مۇشتەرى بولغىلى بولىدۇ.
ئۆزگىرىش خاتىرىسى
ئەگەر تولۇق ئۆزگىرىش خاتىرىسىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز، خەت نۇسخا قىستۇرمىسى (Fonts Plugin) نىڭ changelog.txt دىن كۆرۈڭ.