-
WordPress 3.5 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى
WordPress 3.5 ئىنگلىزچە نەشرى 2012- يىلى 11- دېكابىردا تارقىتىلغان ئىدى. ئۇنىڭدا بايقالغان 37 تۈرلۈك خاتالىق تۈزىتىلگەندىن كېيىن بۇ يىل 24- يانۋاردا 3.5.1 نەشرىگىمۇ يېڭىلىنىپ بولدى. گەرچە 3.5 نەشرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئىنگلىزچە نەشرى بىلەن تەڭ دېگۈدەكلا تەييار بولغان بولسىمۇ، لېكىن تۈرلۈك ئالدىراشلىقلار سەۋەبىدىن ئۇيغۇرچە نەشرىنىڭ تارقىتىلىشى بۈگۈنگىچە سۈرۈلۈپ كەتتى. شۇ سەۋەپلىك كەڭ ئىشلەتكۈچىلەردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمىز.…
-
ۋوردپرەس 3.4 ئۇيغۇرچە نەشرى ھەققىدە
ۋوردپرەس 3.4 نەشرى 14- ئىيۇندا تارقىتىلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان بەش كۈن ئىچىدە، ھەر خىل تىللاردىكى ئومۇمىي چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانى بىر مىليون 360 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. ئۇيغۇرچە نەشرىمۇ 1400 قېتىم چۈشۈرۈلدى. ئارىلىقتا بۇ نەشرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن تورداشلارغا مەلۇمات بېرىشنى ئويلاشقان بولساقمۇ، ۋاقىت قىس بولغاچقا كەينىگە سۆرىلىپ كەتتى. بۈگۈن مانا ئاخىرى، يۈزەكى بولسىمۇ قىسقىچە مەلۇمات تەييارلاشقا مۇۋەپپەق بولدۇق.…
-
ۋوردپرەس 3.4 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى
بۈگۈن ۋوردپرەس 3.4 ئىنگلىزچە نەشرى تارقىتىلىپ 10 سائەتتىن ئاشقاندا ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىمۇ تەييار بولۇپ، ئورگان تورىدا رەسمىي تارقىتىلدى. ئورگان تورىدىكى چۈشۈرۈش ئادرېسى: https://ug.wordpress.org/wordpress-3.4-ug_CN.zip بۇ نەشرىدە ئاساسلىقى ئۇسلۇب خاسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن. ئىچكى قىسىمدىكى كودلار ئەلالاشتۇرۇلۇپ، تەرجىمە ئۇچۇرلىرى تەرتىپكە سېلىنغان. بۇ ئارقىلىق ئېچىلىش سۈرىتى كۆرۈنەرلىك تېزلىتىلگەن. ئۇيغۇرچە تەرجىمىدىمۇ ئۆزگىرىشلەر بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، يېڭىدىن قوشۇلغان سوز- جۈملىلەر…
-
ۋوردپرەس 3.3.1 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى
ۋوردپرەس 3.3 نەشرىدىكى بىر قىسىم خاتالىقلار تۈزىتىلىپ تەييارلانغان 3.3.1 نەشرى بۈگۈن تارقىتىلغان ئىدى. ئۇيغۇرچە نەشرىنىمۇ 10 سائەت ئىچىدىلا تارقىتىشقا مۇۋەپپەق بولدۇق. باشقۇرۇش بېتىڭىزدە 3.3.1 نەشرىگە ئاپتوماتىك يېڭىلىۋېلىڭ. بۇ نەشرىدە ئاساسلىقى ئالدىنقى نەشرىدىكى 15 تۈرلۈك مەسىلە تۈزىتىلگەن. ئەسلى نەشرى ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە باشقا ئۆزگىرىش يوق. تەپسىلاتىنى بىلەي دېسىڭىز ئىنگىلىزچە بەتنى كۆرۈپ باققايسىز.
-
ۋوردپرەس 3.3 ئۇيغۇرچە نەشرى ھەققىدە
ۋوردپرەسنىڭ 3.0 دىن كېيىنكى نەشرلىرى ھازىرغىچە 65 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق چۈشۈرۈلگەن. ئۇنىڭ 3- چوڭ ئۆزگەرتىلىشى بولغان 3.3 نەشرىنىڭ چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانىمۇ ئىككى كۈن ئىچىدىلا 600 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى. ھازىرمۇ سېكۇنتىغا 4 قېتىملىق سۈرئەت بىلەن چۈشۈرۈلمەكتە. https://wordpress.org/download/counter/ 3.3 نەشرىدە ئاساسلىقى يول باشلاش، يۈكلەش، ئىمپورتلاش قاتارلىق تەرەپلەردە ئىشلەتكۈچىلەرنى يېڭى تەجرىبىلەرگە ئېرىشتۈرۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. ۋوردپرەسكە كۆنۈپ كەتكەن…
-
ۋوردپرەس 3.2.1 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى
بۈگۈن ۋوردپرەسنىڭ 3.2.1 ئۇيغۇرچە نەشرى ئورگان تورىدا تارقىتىلدى. ۋوردپرەسنىڭ 3.2 نەشرىدە بەتنىڭ ئېچىلىش- ئىجرا بولۇش سۈرئىتى زور دەرىجىدە تېزلەشتۈرۈلگەن، «ئىككى مىڭ ئون بىر» نامىدىكى يېڭى كۆڭۈلدىكى ئۇسلۇب قوللىنىلغان، تولۇق ئېكراندا تەھرىرلەش قاتارلىق يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلغان، باشقۇرۇش بېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە رەڭگى يېڭىلانغان، IE6 نى قوللاش توختىتىلغان، PHP ۋە MySQL غا بولغان تەلىپى ئاشۇرۇلغان بولۇپ، بۇ نەشرىدىكى…
-
ۋوردپرەس 3.2 كاندىدات نەشرى تارقىتىلدى
سۈرئىتى تېزلەشتۈرۈلگەن ۋە بىر قىسىم يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلغان ۋوردپرەس 3.2 نەشرىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان تورداشلار ئاز بولمىسا كېرەك. گەرچە 3.2 نەشرىنىڭ 1- سىناق نەشرى 12- مايدا، 2- سىناق نەشرى 25- مايدا، 1- كاندىدات تارقىتىلما نەشرى 14- ئىيۇندا ئىنگلىزچە تارقىتىلغان بولسىمۇ، ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق سىناق نەشرى ئۇيغۇرچىنى تولۇق قوللىمىغاچقا تەرجىمىسى تارقىتىلمىغان ئىدى. بۇ قېتىم كەڭ تورداشلارنىڭ جىددىي…
-
ۋوردپرەس 3.1 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى
ۋوردپرەس 3.1 ئۇيغۇرچە نەشرى بۈگۈن رەسمىي تارقىتىلدى. باشقۇرۇش بېتىڭىزدە ئاپتوماتىك يېڭىلىۋېلىڭ. ناۋادا ئىنگىلىزچە نەشرىگە يېڭىلاپ سالغان بولسىڭىز، باشقۇرۇش بېتىڭىزگە كىرگەندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئادرېسنى زىيارەت قىلىڭ: http://tor-betingiz-yaki-wordpress-ning-adresi/wp-admin//update-core.php ئۇيغۇرچە نەشرىدىكى ئۆزگىرىشلەر تۆۋەندىكىچە: 1. خەت شەكلى UKIJ Tuz Tom،AlKatip Tor ،Alpida Unicode System ،Uyghur Ekran قاتارلىق تۆت فونتقا توغرىلاندى. 2. بۇرۇنقى نەشرىدە قوشۇپ تارقىتىلغان fonts ھۆججەت قىسقۇچى ئۆچۈرۈۋېتىلدى.…
-
ۋوردپرەس 3.0.5 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى
ۋوردپرەسنىڭ ئەڭ يېقىنقى بىخەتەرلىك يامىقى قوشۇلغان 3.0.5 ئۇيغۇرچە نەشرى بۈگۈن ئورگان تور بېتىدە چۈشۈرۈشكە تەمىنلەندى. تەپسىلىي ئۆزگەرتىشلەرنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ. ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 3.0.4 نەشرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ھېچقانداق ئۆزگەرتىش قوشۇلمىدى. تور بېتىڭىزنى يېڭىلاش ئۈچۈن باشقۇرۇش بېتىڭىزدە ئاپتوماتىك يېڭىلاش ئېلپ بېرىڭ، ياكى ئورگان تور بېتىدىكى چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىدىن چۈشۈرۈپ مۇلازىمېتىرىڭىزغا يۈكلەڭ. يېڭىلاشتىن بۇرۇن سانداننى زاپاسلىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ.
-
ۋوردپرەس 3.0.4 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى
ۋوردپرەسنىڭ ئەڭ يېقىنقى بىخەتەرلىك يامىقى قوشۇلغان 3.0.4 ئۇيغۇرچە نەشرى بۈگۈن ئورگان تور بېتىدە چۈشۈرۈشكە تەمىنلەندى. بۇ نەشرىدە ئاساسلىقى HTML كودلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىككى ھۆججەتتىكى بىخەتەرلىك يوچۇقلىرى ئېتىلگەن. باشقا ئالاھىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەر يوق. ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە بولسا، 3.0.3 نەشرىدە چالا قالغان ئىككى ئورۇندىكى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى توغرىلانغان. باشقا ئۆزگەرتىشلەر قوشۇلمىغان. 28- دېكابىردىن باشلاپ ۋوردپرەس 3.1 ئۇيغۇرچە…