WordPress 3.5 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

WordPress 3.5 ئىنگلىزچە نەشرى 2012- يىلى 11- دېكابىردا تارقىتىلغان ئىدى. ئۇنىڭدا بايقالغان 37 تۈرلۈك خاتالىق تۈزىتىلگەندىن كېيىن بۇ يىل 24- يانۋاردا 3.5.1 نەشرىگىمۇ يېڭىلىنىپ بولدى. گەرچە 3.5 نەشرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئىنگلىزچە نەشرى بىلەن تەڭ دېگۈدەكلا تەييار بولغان بولسىمۇ، لېكىن تۈرلۈك ئالدىراشلىقلار سەۋەبىدىن ئۇيغۇرچە نەشرىنىڭ تارقىتىلىشى بۈگۈنگىچە سۈرۈلۈپ كەتتى. شۇ سەۋەپلىك كەڭ ئىشلەتكۈچىلەردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمىز.

WordPress 3.5 نەشرىدىكى بارلىق ئۆزگەرتىشلەرنى بۇ يەردىن كۆرەلەيسىز. https://codex.wordpress.org/Version_3.5

WordPress 3.5 نەشرىدىكى ئاساسلىق ئۆزگىرىشلەر:

  • مېدىيا باشقۇرغۇچىسى يېڭىلانغان. باشقۇرۇش ئاددىيلىشىپ، ئالبوم قۇرۇش تېزلىشىپ، بىر نەچچە سۈرەتنى بىراقلا قىستۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
  • يېڭىدىن سۈكۈتتىكى باشتېما «Twenty Twelve» قوشۇلغان. ئۇنىڭدا تېلېفوندا زىيارەت قىلىش ۋە ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلارنى قوللاش تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
  • باشقۇرۇش بېتى Retina ئېكرانلىرىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ، كۆرۈنۈشى تەڭشەلگەن. يېڭى رەڭ تاللىغۇچ سەپلەنگەن.
  • يازما تەھرىرلىگۈچتىكى «HTML» بەتكۈشى «تېكىست» كە ئۆزگەرتىلگەن.
  • «مەزمۇنغا ئاتلاش» ۋە «قورالبالداققا ئاتلاش» ئۇلانمىلىرى تەمىنلەنگەن.
  • «ئۇلانما باشقۇرغۇچ» سۈكۈتتىكى ھالەتتە كۆرۈنمەيدىغان قىلىنغان.

باشقا ئىقتىدار ۋە ئۆزگەرتىشلەرنى ئىنگلىزچە چۈشەندۈرۈشتىن كۆرۈڭ. http://www.searchenginejournal.com/wordpress-version-3-5/53342/

باشتېما ۋە قىستۇرما يېزىش- ئۆزگەرتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تورداشلارنىڭ يۇقارقى ئۇلانمىدىكى ئىجادىيەتچىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان مەزمۇنلارنى تولۇق بىر كۆرۈپ چىقىشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمىز.

ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر:
بۇ نەشرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە تەرجىمىنى ئۇيغۇرسوفت شىركىتىدىن ئالىم ئەھەت ئەپەندى تەييارلاش ئىشىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، باشقۇرۇش بېتى ئۇچۇرلىرىنىڭ تەرجىمە قىلىنمىغان قىسمىنى تولۇق تەرجىمە قىلىپ چىقتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە كۆپ ئىشلەتكۈچىلىك تور باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىدىن باشقا بارلىق ئۇچۇرلار، يەنى سۈكۈتتىكى 3 باشتېما، ئاساسىي ئۇچۇرلار، باشقۇرۇش بېتى ئۇچۇرلىرى ۋە ۋاقىت رايونى ئۇچۇرلىرى ئۇيغۇرچىغا تولۇق تەرجىمە قىلىپ قىلىندى.

ئالىم ئەھەت ئەپەندى يەنە ئاتالغۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەرجىمىنى تولۇق تەكشۈرۈپ، تەرجىمىدىكى ۋە ئىملادىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىپ چىقتى. تەرجىمە ھەققىدە قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى بەردى، شۇنداقلا بۇندىن كېيىنكى تەرجىمە خىزمىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇڭا بۇ يەردە بارلىق WordPress ئىشلەتكۈچىلىرى نامىدىن ئالىم ئەھەت ئەپەندىگە ۋە تەرجىمە خىزمىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇرسوفت خادىملىرىغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمىزنى ۋە تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز. تەرجىمىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشى ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

Windows 7 ۋە Windows 8 قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ تېزلىكتە ئومۇملىشىپ، Windows XP دەۋرىنىڭ ئاساسەن ئاياقلاشقانلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، بۇ قېتىمقى نەشرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئېسىش، EOT تونۇتۇش ۋە خەت نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەش ئىشلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۇ ئارقىلىق تور بېكەتنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈش ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىنى ۋاقتىدا تارقىتىشقا بەلگىلىك دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىندى. ئىشلەتكۈچىلەر خالىسا بۇرۇنقى نەشرىدىكى ug_CN.php ھۆججىتى ۋە تەڭشەلگەن CSS ھۆججەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرى تەڭشىۋالسا ياكى تەڭشەپ بەرگۈچىلەرگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. مۇشۇ سەۋەپتىن ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايسىزلىق كەلتۈرگەنلىكىمىزدىن كەچۈرۈم سورايمىز. شۇنداقلا تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

يەنە بىر ئۆزگىرىش شۇكى، ئىلگىرىكى تەرجىمىلەردە ۋاقىت رايونى ئۇچۇرلىرى بولىقىدىكى 487 شەھەر ۋە رايوننىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە ھەر بىر شەھەر ۋە رايوننىڭ دۆلەت تەۋەلىكىمۇ قوشۇۋېتىلگەن ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە باشقۇرۇش بېتىدىكى تور بەت ئۈچۈن ۋاقىت رايونىنى تاللاش رامكىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان «ئادەتتىكى تەڭشەكلەر» بېتىنىڭ بىر قىسىم رايونلاردا نورمال ئېچىلمايدىغانلىقى ھەققىدە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىنكاسىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق. بۇ بەتنىڭ نورمال ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بۇ قېتىم بارلىق شەھەر ۋە رايونلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىلدى.

بۇ قېتىم ئالدىنقى نەشرىدە قوشۇپ تارقىتىلغان «ئويغان» قىستۇرمىسى چىقىرىۋېتىلدى. بۇ قىستۇرمىنى داۋاملىق ئىشلىتىشنى خالايدىغان تورداشلار 3.4.1 نەشرىدىن كۆچۈرۈپ ئىشلەتسە بولىدۇ. يەنە WordPress ئۆزىنىڭ سۈكۈتتىكى قىستۇرمىسى Akismet ۋە Hello, Dolly نىڭ بىر قىسىم ئۇچۇرلىرى تەرجىمە قىلىنمىدى. بۇنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرگە ئانچە تەسىرى يوق دەپ ئويلايمىز.

بۇندىن باشقا تىلغا ئېلىنمىغان يېڭىلىقلار، ئۆزگەرتىشلەر ۋە بايقالمىغان خاتالىقلار توغرىسىدا تورداشلىرىمىز بۇرۇنقىدەكلا ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ. مۇۋاپىق ۋە ئورۇنلۇق تەكلىپ- پىكىرلەر دەرھال قوبۇل قىلىنىدۇ.

ھەممەيلەننىڭ WordPress ھاياتىنىڭ خۇشاللىق ئىچىدە داۋاملىشىشىغا تىلەكداشمىز.

ۋوردپرەس 3.4 ئۇيغۇرچە نەشرى ھەققىدە

ۋوردپرەس 3.4 نەشرى 14- ئىيۇندا تارقىتىلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان بەش كۈن ئىچىدە، ھەر خىل تىللاردىكى ئومۇمىي چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانى بىر مىليون 360 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. ئۇيغۇرچە نەشرىمۇ 1400 قېتىم چۈشۈرۈلدى. ئارىلىقتا بۇ نەشرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن تورداشلارغا مەلۇمات بېرىشنى ئويلاشقان بولساقمۇ، ۋاقىت قىس بولغاچقا كەينىگە سۆرىلىپ كەتتى. بۈگۈن مانا ئاخىرى، يۈزەكى بولسىمۇ قىسقىچە مەلۇمات تەييارلاشقا مۇۋەپپەق بولدۇق.

ۋوردپرەس 3.4 ئىنگلىزچە نەشرىدە، ئاساسلىقى ئۇسلۇب خاسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن. ئاساسلىق ئۆزگەرتىشلەر تۆۋەندىكىچە:

  • بىلوگ( ياكى تور بەت) نىڭ خاس بەت بېشى (Custom Header) نىڭ چوڭ- كىچىكلىك جەھەتتىن قوللىشى كۈچەيتىلگەن.
  • خاس بەت بېشى رەسىمى ۋە تەگلىك رەسىملىرىنى مېدىيا ئامبىرىدىن تاللاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
  • رەسىم تېمىسىغا HTML تەگلىرىنى ئىشلىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
  • ئۇسلۇبلارنى خاسلاشتۇرۇش- كۆرۈپ بېقىش ئىقتىدارلىرى ئارقىلىق ئۇسلۇب ئىزدىگۈچىلەرگە قۇلايلىق يارىتىلغان.
  • تىل بولىقى قايتىدىن ئايرىلغان( تەپسىلاتى تۆۋەندە بار).
  • ئەسلىدە ھۆججەتنى بىۋاسىتە ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدىغان تېكىست يۆنىلىشى قاتارلىق نۇرغۇن ئۇچۇرلار تىل بولىقىغا قوشۇۋېتىلگەن.
  • RSS تەرمىسىنىڭ تىلى ئاپتوماتىك ھالدا تاللىنىدىغان قىلىنغان.
  • باشقۇرۇش بېتىدىكى ۋىجېتلارنىمۇ تەرجىمە قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
  • سۈكۈتتىكى «قوللاش مۇنبىرى»، «ۋوردپرەس پلانېتىسى» قاتارلىق ئۇلانمىلارنىمۇ تىل بولىقى ئارقىلىق تەرجىمە قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
  • باشقۇرۇش بېتىدىكى قىستۇرما ۋىجېت «يېقىنقى يېڭىلاشلار» ئۆچۈرۈۋېتىلگەن.
  • يازما تەھرىرلەش ئېكرانىدا بىۋاسىتە جاۋاب قايتۇرۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان.
  • سۈكۈتتىكى ئىككى ئۇسلۇبنىڭ بەت بېشى ۋە تەگلىككە مۇناسىۋەتلىك ئۇسلۇب ئىقتىدارلىرى يېڭىلانغان.
  • ئۇسلۇب ئىزدەش سۈرئىتى ئاشۇرۇلغان.
  • ئۇسلۇبنى كۆرۈپ بېقىش ئېكرانىنى خالىغانچە دومىلىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
  • «ئۇلانمىلار» ۋىجېتىدىكى ئۇلانمىلارنىڭ رەت تەرتىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە كۆرسىتىلىدىغان ئۇلانما سانىنى تاللاش ئىقتىدارلىرى قوشۇلغان.
  • ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ ئىسمى ئۆچۈرۈۋېتىلگەن.

بۇنىڭدىن باشقا كۆپ ئىشلەتكۈچىلىك تور بەتلەر، قىستۇرما ۋە ئۇسلۇبلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم كود ۋە فۇنكسىيىلەرنىمۇ مۇناسىپ ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، يېڭىدىن قوشۇلغان فۇنكسىيىلەردىن باشقا، ئىشلىتىشتىن قالغان فۇنكسيىلەرمۇ ئاز ئەمەس( تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ). شۇڭا بىر قىسىم ئۇسلۇب ۋە قىستۇرمىلارنىڭ ۋوردپرەسنىڭ يېڭى نەشرى بىلەن سىغىشماسلىق مەسىلىسى كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بار. شۇڭا تورداشلارنىڭ يېڭىلاش جەريانىدىكى خاتالىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن يېڭىلاشتىن بۇرۇن قىستۇرمىلارنى توختىتىۋېتىشىنى، ئۇسلۇب ۋە قىستۇرمىلارنىڭ ئەڭ يېڭى نەشرىنى ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تەرجىمىسى ھەققىدە:
يۇقىرىدا يازغاندەك، ۋوردپرەس 3.4 نەشرىدە تەرجىمە قىلىنىدىغان ئۇچۇرلارغا زور دەرىجىدە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن، بۇلار ئاساسلىقى تىل بولىقىنىڭ قايتىدىن ئايرىلىشى، قاچىلاش باسقۇچىدىكى ئۇچۇرلار، تېكىست يۆنىلىشى، سۈكۈتتىكى ۋاقىت رايونى، كالېنداردىكى بىر ھەپتە بېشى، باشقۇرۇش بېتىدىكى ئۇلانمىلار قاتارلىقلارنىڭ تىل بولىقىغا قوشۇۋېتىلىشى دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ نەشرىدە تىل بولىقى سۈكۈتتىكى ئىككى ئۇسلۇب، ئاساسىي ئۇچۇرلار، باشقۇرۇش بېتى ئۇچۇرلىرى، تور باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرى ۋە ۋاقىت رايونى ئۇچۇرلىرى بولۇپ جەمئىي ئالتە بۆلەككە ئايرىۋېتىلگەن. بۇ ئارقىلىق تەرجىمە ئۇچۇرلىرىنى ئوقۇپ ئېلىش ۋە كۆرسىتىش ۋاقتى قىسقارتىلىپ، تور بەتنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى تېزلەشتۈرۈلگەن.

بۇ نەشرىدىكى تەرجىمە ئوبيېكتى بولغان ئاساسلىق ئۇچۇرلار جەمئىي 4250، بۇنىڭغا تەرجىمىسى تاماملانغان 14 تۈرلۈك ئىمپورتلاش- ئېكسپورتلاش قىستۇرمىسىنىڭ تىل بولىقىدىكى ئۇچۇرلارنى قوشقاندا جەمئىي 4731 سۆز- جۈملە بولۇپ، بۇلاردىن 4469 سۆز- جۈملە تولۇق تەرجىمە قىلىنغان، بۇ ئومۇمىي ساننىڭ 94.47 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ( يەنى ۋوردپرەس 94 پىرسەنت تەرجىمە قىلىندى دېگەنلىك بولىدۇ). ئېشىپ قالغان 481 سۆز جۈملە ئاساسلىقى كۆپ ئىشلەتكۈچىلىك تور بەت باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بولۇپ، ۋاقتىنچە تەرجىمە قىلىنمىدى. باشقۇرۇش بېتىدىكى بىر قىسىم ياردەم ئۇچۇرلىرىمۇ داۋاملىق تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ.

ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، تور بەت ئۈچۈن ۋاقىت رايونىنى تاللاش رامكىسىدىكى ئۇچۇرلار ئايرىم بىر تىل بولىقىدا بولۇپ، جەمئىي 487 شەھەر ۋە رايوننىڭ ئىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە ھەر بىر شەھەر ۋە رايوننىڭ دۆلەت تەۋەلىكىمۇ قوشۇۋېتىلگەن. بۇ تەرجىمە Drupal قاتارلىق باشقا سىستېمىلارنىڭ تەرجىمىسىدىمۇ ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ. جۇغراپىيىگە قىزىقىدىغان تورداشلارنىڭ ئېچىپ كۆرۈپ بېقىشىنى، خاتالىق بايقالسا مەلۇم قىلىپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

قاچىلاش جەريانىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ تىل بولىقىغا قوشۇۋېتىلىشى نەتىجىسىدە بۇرۇنقىدەك PHP ھۆججىتىدىكى ئۇچۇرلارنى بىر- بىردىن تەھرىرلەپ تەرجىمە قىلىش ئاۋارىچىلىكىگە خاتىمە بېرىلگەن. ئۇيغۇرچە تەرجىمىدىكى ئۆزگەرتىشلەر ئاساسىدا، ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلاردىكى تور بەتلەردە تور ۋە ئېلخەت ئادرېسلىرىنى كىرگۈزگەندىكى تېكىست يۆنىلىشى سولدىن ئوڭغا توغرىلىنىدىغان قىلىنغان. بۇ ئارقىلىق تەرجىمە خىزمىتىگىمۇ زور قۇلايلىق يارىتىلغان. تۆۋەندە ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە ئۆزگەرتىلگەن ئىككى خىل نەشرنىڭ ھۆججەت سانى سېلىشتۇرۇپ چىقىلدى.

ۋوردپرەس 3.3.1 ئۇيغۇرچە نەشرىدە ئۆزگەرتىلگەن ھۆججەتلەر:
CSS ھۆججىتى: 35
PHP ھۆججىتى: 18 ( ئۇيغۇرچە تىل بولىقىدىكى بىر ھۆججەتمۇ مۇشۇنىڭ ئىچىدە)
تىل بولىقى ھۆججەتلىرى: 5
باشقا ھۆججەتلەر: 6( ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ، خەت نۇسخىسى ھۆججەتلىرى)

ۋوردپرەس 3.4 ئۇيغۇرچە نەشرىدە ئۆزگەرتىلگەن ھۆججەتلەر:
CSS ھۆججىتى: 40، يېڭىدىن 4 ھۆججەت قوشۇلغان.
PHP ھۆججىتى: 8، قاچىلاش ۋە سولدىن ئوڭغا توغرىلاشتىكى ھۆججەتلەرنى ئۆزگەرتىش زۆرۈرىيىتى يوقالغان.
تىل بولىقى ھۆججەتلىرى: 6
باشقا ھۆججەتلەر: 6( ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ، خەت نۇسخىسى ھۆججەتلىرى، ئۆزگىرىش يوق)

ئۇيغۇرچە تەرجىمىدىكى دائىملىق ئۆزگەرتىشلەر:

  • سۈكۈتتىكى ئىككى ئۇسلۇبنىڭ ۋە 14 قىستۇرمىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋوردپرەسنىڭ تىل بولىقى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى.
  • سۈكۈتتىكى تور بەت تىلى ئۇيغۇرچە (ug_CN) غا توغرىلاندى( wp-config-sample.php ئىچىدە).
  • «ئوقۇڭ» بېتى (readme.html) ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى.
  • تور بەت يۈزىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش قورالى قوشۇپ تارقىتىلدى، قاچىلاش جەريانىدىمۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدۇ، لېكىن نۆۋەتتە كۆرۈنۈشلۈك تەھرىرلىگۈچتە يەنىلا نورمال ئىشلىمەيدۇ.
  • بارلىق CSS لاردىكى خەت نۇسخىسى Microsoft Uighur، Alp Ekran، Alkatip Tor، Alpida Unicode System، UKIJ Tuz Tom فونتلىرىغا تەڭشەلدى.
  • UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىنىڭ EOT قاتارلىق تۆت خىل شەكلى تەمىنلەندى.
  • ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ھۆججىتىنى ئاپتوماتىك ھاسىل قىلىدىغان كود ug_CN.php ھۆججىتىگە قوشۇۋېتىلدى.
  • بىر قىسىم جايلاردىكى تېكىست يۆنىلىشى سولدىن ئوڭغا تەڭشەپ چىقىلدى.
  • ۋاقىت رايونىنى تاللاش رامكىسىغا ئۇيغۇرچە خەت تونۇتۇلدى.

3.4 نەشرىنىڭ تەرجىمىسىدىكى يېڭىلىقلار:
سۈكۈتتىكى قىستۇرما Akismet ۋە Hello, Dolly نىڭ نامى ۋە چۈشەندۈرۈلۈشى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى.
پرېستان ئەپەندى Hello, Dolly قىستۇرمىسى ئاساسىدا تەييارلىغان «ئويغان» قىستۇرمىسى قوشۇپ تارقىتىلدى.
بۇ نەشرىدە تەرجىمىدىكى بىر قىسىم ئاتالغۇلار رەتلەندى. بولۇپمۇ ھېچقانداق لۇغەتكە كىرگۈزۈلمىگەن «قوللانچى» ئاتالغۇسىنىڭ ئورنىغا «ئىشلەتكۈچى» ئىشلىتىلدى. site ئاتالغۇسىنىڭ ھەممىسى «تور بەت» قىلىپ ئېلىندى. «كلاسسىفىكاتسىيە» ئاتالغۇسى «تۈر ئايرىمىسى» غا ئۆزگەرتىلدى. «بلوگ» خېتى بىردەك «بىلوگ» قا، «خەتكۈچ» ئاتالغۇسى لۇغەتتىكى «خەتكۈش» كە، «بەتكۈچ» ئاتالغۇسى «بەتكۈش» كە، «كۆڭۈلدىكى» ئاتالغۇسى «سۈكۈتتىكى» گە ئالماشتۇرۇلدى. شۇنداقتىمۇ «سپەم» بىر قىسىم ئاتالغۇلار ئۆزگەرتىلمىدى. گەرچە يان تېلېفون ئاتالغۇلىرى قاتارىدا بىلكان تەرىپىدىن «ۋىجېت» نى «ئەپچە» دەپ ئېلىش تەشەببۇس قىلىندى دېگەندەك ئۇچۇرلار بار بولسىمۇ، «ئەپچە» نى تۈرلەشتىكى ئۇقۇم خاتالىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يەنىلا «ۋىجېت» دەپ ئېلىندى. ۋوردپرەس تەرجىمىسىدىكى ئاتالغۇ توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلەر داۋاملىشىدۇ، شۇڭا بۇ يەردە تەپسىلىي توختالمايمىز.

بۇ قېتىم يەنە پۈتكۈل تەرجىمە ئۇچۇرلىرى يۇلغۇن ۋە ئۇيغۇردېۋ تورىدىكى ئىملا تەكشۈرگۈچ ۋە ئۇيغۇرئېدىتنىڭ ياردىمىدە قايتا تەكشۈرۈلۈپ، بىر قىسىم ئورۇنلاردىكى ئىملا خاتالىقى تۈزىتىلدى.( بۇ جەرياندا ئۇيغۇردېۋ ئىملا تەكشۈرگۈچىسىدىكى سۆزلۈكلەر ئارىسىدا خاتا سۆزلەرنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىكى مەلۇم بولدى. شۇڭا ئۇنىڭغا يېڭى سۆز قوشقاندا تەستىقلاش تۈزۈمى قوللىنىلسا دېگەن پىكىردىمىز.) بۇنىڭ نەتىجىسىدە ۋوردپرەسنى تەرجىمە قىلىشتا ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان PoEdit قورالىنىڭ تەرجىمە ئامبىرىمۇ ماس ھالدا يېڭىلىنىپ، كېيىنكى تەرجىمە ئۈچۈن ئاساس سېلىندى.

بۇندىن باشقا تىلغا ئېلىنمىغان يېڭىلىقلار، ئۆزگەرتىشلەر ۋە بايقالمىغان خاتالىقلار توغرىسىدا تورداشلىرىمىز ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ. مۇۋاپىق ۋە ئورۇنلۇق تەكلىپ- پىكىرلەر دەرھال قوبۇل قىلىنىدۇ.
ھەممەيلەننىڭ ۋوردپرەس ھاياتىنىڭ خۇشاللىق ئىچىدە داۋاملىشىشىغا تىلەكداشمىز.

ۋوردپرەس ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسى
مۇرشىدى

ۋوردپرەس 3.4 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

بۈگۈن ۋوردپرەس 3.4 ئىنگلىزچە نەشرى تارقىتىلىپ 10 سائەتتىن ئاشقاندا ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىمۇ تەييار بولۇپ، ئورگان تورىدا رەسمىي تارقىتىلدى.
ئورگان تورىدىكى چۈشۈرۈش ئادرېسى:
https://ug.wordpress.org/wordpress-3.4-ug_CN.zip

بۇ نەشرىدە ئاساسلىقى ئۇسلۇب خاسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن. ئىچكى قىسىمدىكى كودلار ئەلالاشتۇرۇلۇپ، تەرجىمە ئۇچۇرلىرى تەرتىپكە سېلىنغان. بۇ ئارقىلىق ئېچىلىش سۈرىتى كۆرۈنەرلىك تېزلىتىلگەن.

ئۇيغۇرچە تەرجىمىدىمۇ ئۆزگىرىشلەر بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، يېڭىدىن قوشۇلغان سوز- جۈملىلەر داۋاملىق تەرجىمە قىلىنغاندىن باشقا، بىر قىسىم ئاتالغۇلار قېلىپلاشقان ھالەتتە ئېلىنغان، ئىملا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلگەن.

يېڭى نەشرىدىكى تەپسىلىي ئۆزگەرتىشلەرنىڭ تەپسىلاتىنى كېيىنكى يازمىمىزدىن كۆرگەيسىلەر.

ۋوردپرەس 3.3.1 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

ۋوردپرەس 3.3 نەشرىدىكى بىر قىسىم خاتالىقلار تۈزىتىلىپ تەييارلانغان 3.3.1 نەشرى بۈگۈن تارقىتىلغان ئىدى. ئۇيغۇرچە نەشرىنىمۇ 10 سائەت ئىچىدىلا تارقىتىشقا مۇۋەپپەق بولدۇق. باشقۇرۇش بېتىڭىزدە 3.3.1 نەشرىگە ئاپتوماتىك يېڭىلىۋېلىڭ.
بۇ نەشرىدە ئاساسلىقى ئالدىنقى نەشرىدىكى 15 تۈرلۈك مەسىلە تۈزىتىلگەن. ئەسلى نەشرى ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە باشقا ئۆزگىرىش يوق.
تەپسىلاتىنى بىلەي دېسىڭىز ئىنگىلىزچە بەتنى كۆرۈپ باققايسىز.

ۋوردپرەس 3.3 ئۇيغۇرچە نەشرى ھەققىدە

ۋوردپرەسنىڭ 3.0 دىن كېيىنكى نەشرلىرى ھازىرغىچە 65 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق چۈشۈرۈلگەن. ئۇنىڭ 3- چوڭ ئۆزگەرتىلىشى بولغان 3.3 نەشرىنىڭ چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانىمۇ ئىككى كۈن ئىچىدىلا 600 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى. ھازىرمۇ سېكۇنتىغا 4 قېتىملىق سۈرئەت بىلەن چۈشۈرۈلمەكتە. https://wordpress.org/download/counter/

3.3 نەشرىدە ئاساسلىقى يول باشلاش، يۈكلەش، ئىمپورتلاش قاتارلىق تەرەپلەردە ئىشلەتكۈچىلەرنى يېڭى تەجرىبىلەرگە ئېرىشتۈرۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. ۋوردپرەسكە كۆنۈپ كەتكەن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بىر قانچە ھۆججەتنى بىر قېتىمدىلا تارتىپ ئەكېلىپ يۈكلەشكە بولىدىغان يېڭى يۈكلىگۈچ، يول باشلاپ بېرىدىغان لەيلىمە تىزىملىك، يېڭى قورال ئىستونى، ئورتاق تەھرىرلەش (ھەمتەھرىر) ئىقتىدارى ۋە Tumblr كىرگۈزگۈچى قاتارلىقلارنى ياقتۇرۇپ قېلىشى ئېنىق. بۇ سىستېمىنى پەقەتلا ئىشلىتىپ باقمىغانلارنىڭ ۋوردپرەسنى قانداق ئىشلىتىدىغانلىقى كۆپرەك ئويلىشىلىپ، يېڭىلانغاندىن كېيىنكى يېڭى ئىقتىدارلارغا قارىتا ئەسكەرتمە بېرىدىغان كۆرسەتكۈچ ۋە «مەرھابا» نامىدىكى قارشى ئېلىش ئۇچۇرلىرى كۆرسىتىلىدىغان قىلىنغان. باشقۇرۇش بېتى ياردەملىرى ياخشىلىنىپ تولۇقلانغان. باشقۇرۇش بېتى iPad كە ئوخشاش «تاختا كومپيۇتېر» لاردىمۇ چىرايلىق كۆرۈنىدىغان ۋە چەكمە ئارا يۈزنى ياخشى قوللايدىغان قىلىنغان.

يۇمشاق دېتال ئاچقۇچىلارغا قارىتا بولسا، يېڭى تەھرىرلەش- تەڭشەك- مېتا سانلىق مەلۇمات API لىرى تەمىنلىنىپ، jQuery مۇ يېڭى نەشرگە كۆتۈرۈلگەن. ياردەم ئېكرانىنى باشقۇرۇش قولايلىقلاشتۇرۇلۇپ، يازمىنىڭ باشقا نامىنىلا ئىشلەتكەن مۇقىم ئۇلانمىلارمۇ ياخشىلانغان.

3.3 نەشرىدە يېڭىدىن قوشۇلغان ياكى ئۆزگەرتىلگەن بىر قىسىم ئىقتىدارلار تۆۋەندىكىچە (تەپسىلىي ئۆزگەرتىشلەرنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ):

  • باشقۇرۇش بېتى HTML5 ئۆلچىمىگە توغرىلانغان.
  • باشقۇرۇش بېتى ئوخشىمىغان كەڭلىكتىمۇ چىرايلىق كۆرۈنىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
  • كۆڭۈلدىكى ھالەتتە باشقۇرۇش بېتىدە قورال ئىستونى كۆرۈنىدىغان قىلىنغان.
  • باشقۇرۇش تىزىملىكى سىيرىلما شەكىلدىن لەيلىمە (ئۇچما) شەكىلگە ئالماشتۇرۇلغان.
  • بىر قانچە ھۆججەتنى تارتىپ ئەكېلىپلا يۈكلىگىلى بولىدىغان Plupload يۈكلىگۈچنىڭ 1.5.1.1 نەشرى سەپلەنگەن (كونا نەشردىكى IE دا بولمايدۇ).
  • مېدىيا يۈكلەش كۇنۇپكىلىرى بىرگىلا يىغىنچاقلانغان.
  • يېڭىدىن rar. ۋە 7z. ھۆججەتلىرىنى يۈكلەش ئىقتىدارى قوشۇلغان.
  • ئۇسلۇب ئالماشتۇرغاندا ۋىجېتلار يوقاپ كېتىش مەسىلىسى ھەل قىلىنغان.
  • مۇقىم ئۇلانما تەڭشەكلىرىگە «يازما نامى» قوشۇلغان.
  • Press This تەھرىرلىگۈچى تۈزىتىلگەن.
  • WebMatrix نى قوللايدىغان بولغان.
  • Cron مەشغۇلاتى ياخشىلىنىپ، ئوخشاش ھادىسىگە قارىتا بىر قانچە Cron مەشغۇلاتىنىڭ دەۋرىيلىنىپ كېتىشى ھەل قىلىنغان.
  • تىزىملىكلەر ياخشىلانغان.
  • ياردەم بەتكۈچى ۋە WP_Screen ئىشلىتىلگەن.
  • يېقىنقى ئىنكاسلار ۋىجېتىدىكى قۇر ئالمىشىش توغرىلانغان.
  • كۆرۈنۈشلۈك تەھرىرلىگۈچكە سۈرەت تارتىپ ئەكىرىلگەندىكى سۈرەت رازمېرىنى تېپىش ئىقتىدارى ياخشىلانغان.
  • يۈكلەش ۋە سۈرەت قىستۇرۇش سەكرىمە كۆزنىكىنى ئېچىش ئۈچۈن TinyMCE غا يېڭى بۇيرۇق قوشۇلغان.
  • تېز تەھرىرلەش ۋە تۈركۈملەپ تەھرىرلەشكە يازما فورماتى قوشۇلغان.
  • ئىنكاسنى تەھرىرلەش ۋە جاۋاب يېزىش ئۈچۈن WP_Editor تەھرىرلىگۈچى ئىشلىتىلگەن.
  • ئىمپورتلاش قوراللىرىغا Tumblr كىرگۈزگۈچى قوشۇلغان.
  • jQuery نىڭ نەشرى 1.7.1 گە يېڭىلانغان.
  • jQuery UI نىڭ نەشرى 1.8.16 گە يېڭىلانغان.
  • HTML تەھرىرلىگۈچنىڭ quicktags.js ھۆججىتى يېڭىلانغان.
  • TinyMCE مۇ 3.4.5 نەشرىگە كۆتۈرۈلگەن.
  • RSS 0.92 ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
  • robots.txt ئارقىلىق wp-admin ۋە wp-includes نىڭ ئىندېكسلىنىشى چەكلەنگەن.

ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر:

  • تىل تەڭشىكى ug_CN شەكلىدە ئۇيغۇرچىغا توغرىلانغان.
  • يېڭىدىن قوشۇلغان سۆز- جۈملىلەر تەرجىمە قىلىنىپ، ئىلگىرىكى تەرجىمىدىكى بىر قىسىم خاتالىقلار تۈزىتىلگەن.
  • قاچىلاش جەريانىدىكى تىل بولىقىدىن ئوقۇلمايدىغان سۆز- جۈملىلەرنىڭ تەرجىمىسى كودقا بىۋاسىتە قوشۇۋېتىلگەن.
  • خەت نۇسخىسى Microsoft Uighur ،Alp Ekran ،Alkatip Tor ،Alpida Unicode System ،UKIJ Tuz Tom دىن ئىبارەت بەش خىل فونتقا توغرىلانغان.
  • UKIJ Tuz Tom فونتىنىڭ WOFF ،SVG ،TTF ،EOT ھۆججەتلىرى تەمىنلەنگەن (ھەممىسى Font Squirrel دا تەييارلانغان).
  • يېڭى fontfaces.css ھۆججىتىنى كونىلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ھۆججەت بېشىغا ئىزاھات قوشۇلغان.
  • كونا نەشردىكى fontfaces.css ھۆججىتى ئاپتوماتىك يېڭىلىنىدىغان قىلىنغان.
  • باشقۇرۇش بېتى ۋە ئۇسلۇبنىڭ خەتلىرىنىڭ ئەڭ كىچىكى ئاساسەن 12px قىلىپ تەڭشەلگەن.
  • يېڭىدىن قاچىلاش جەريانىدىكى تور بەت ئىسمىنى كىرگۈزۈش رامكىسىغا ئۇيغۇرچە يېزىش ساقلاپ قېلىنغان.
  • بىر قانچە ئورۇندا ئادرېس رامكىسىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش چەكلەنگەن.
  • يازمىنىڭ ئايلىق ئارخىپلىرىنى كۆرۈش قاتارلىق بىر قانچە ئورۇندىكى يىل ۋە ئاينىڭ تەرتىپ مەسىلىسى ھەل قىلىنغان.
  • يازمىنى كۈنتەرتىپكە قويۇش ئورنىدىكى ۋاقىتنىڭ كۆرسىتىلىش تەرتىپى ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇلغان.
  • كۈنتەرتىپكە قويۇشتىكى ئاينىڭ كۆرسىتىلىش شەكلى تۈزىتىلگەن.
  • ئادرېس كىرگۈزىدىغان رامكىلارنىڭ بىر قىسمى سولدىن ئوڭغا توغرىلانغان.
  • قىستۇرما تەھرىرلىگۈچتىكى فۇنكسىيە ناملىرى سولدىن ئوڭغا توغرىلانغان.
  • ۋاقىت رايونىنى تاللاش كۆزنىكىنىڭ خەت نۇسخىسى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەلگەن.
  • ئۈلگە بەتنىڭ تەرجىمىسى تىل بولىقىدا ساقلاپ قېلىنغاندىن باشقا يەنە كودقا بىۋاسىتە قوشۇۋېتىلگەن.
  • «ئىككى مىڭ ئون» ئۇسلۇب چۈشەندۈرۈشىنىڭ تەرجىمىسى تىل بولىقىدا ساقلاپ قېلىنغاندىن باشقا كودقا بىۋاسىتە قوشۇۋېتىلگەن.
  • «ئۇلانمىلار» بېتىدىكى ئۇلانما ناملىرىنىڭ تەرجىمىسى كودقا بىۋاسىتە قوشۇۋېتىلگەن.

ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە ئۆزگەرتىلگەن ھۆججەتلەرنى بۇ يەردىن كۆرەلەيسىز.

ھەل قىلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر:

  • سۆز- جۈملىلەرنىڭ تەرجىمىسىنى تاماملاش
  • كۆرۈنۈشلۈك تەھرىرلىگۈچكە بىۋاسىتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش
  • كۆپ قىسىم ئادرېس ۋە كود رامكىلىرىدا تېكىستنى سولدىن ئوڭغا توغرىلاش
  • ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنىڭ WOFF ۋە SVG شەكىللىرىنى تولۇق سىناپ، مەسىلە كۆرۈلسە ئۆزگەرتىش
  • تەكلىپ؛ ئىنگلىزچە مۇنبەر ۋە مەنبەلەرگە قارىتىلغان ئۇلانمىلارنى ئۇيغۇرچە مەنبەلەرگە ئۆزگەرتىش

قوشۇمچە:
يېڭى fontfaces.css ھۆججىتى پەقەت ۋوردپرەسنى يېڭىدىن قاچىلىغاندا، ياكى كونا نەشردىكى ۋوردپرەستىن ئاپتوماتىك يېڭىلىغان چاغدا ھۆججەت بېشىغا ئىزاھات قوشۇلمىغان بولسا ئاندىن ھاسىل قىلىنىدۇ. ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزىنىڭ خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن 3.3 نەشرىدىكى ئۇيغۇرچە ۋوردپرەسنىڭ كۆڭۈلدىكى fontfaces.css ھۆججىتىنى ئۆزگەرتكەن ئەھۋالدا، ھۆججەت بېشىدىكى ئىزاھات ئۆزگەرتىلمىگەن ئەھۋالدا ۋوردپرەسنىڭ يېڭى نەشرى بۇ fontfaces.css ھۆججىتىنى ئۆچۈرۈۋەتمەي ساقلاپ قالىدۇ. شۇڭا كېيىنكى نەشرلىرىگە يېڭىلاشتا، ئۆزگەرتكەنلىرىمنى ساقلاپ قالاي دېسىڭىز بۇ ئىككى قۇر ئىزاھاتنى ئۆچۈرۈۋەتمەڭ.

ۋوردپرەس 3.2.1 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

بۈگۈن ۋوردپرەسنىڭ 3.2.1 ئۇيغۇرچە نەشرى ئورگان تورىدا تارقىتىلدى.

ۋوردپرەسنىڭ 3.2 نەشرىدە بەتنىڭ ئېچىلىش- ئىجرا بولۇش سۈرئىتى زور دەرىجىدە تېزلەشتۈرۈلگەن، «ئىككى مىڭ ئون بىر» نامىدىكى يېڭى كۆڭۈلدىكى ئۇسلۇب قوللىنىلغان، تولۇق ئېكراندا تەھرىرلەش قاتارلىق يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلغان، باشقۇرۇش بېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە رەڭگى يېڭىلانغان، IE6 نى قوللاش توختىتىلغان، PHP ۋە MySQL غا بولغان تەلىپى ئاشۇرۇلغان بولۇپ، بۇ نەشرىدىكى ياخشىلانغان ۋە يېڭىلانغان ئىقتىدارلار 400 دىن ئاشىدۇ. تەپسىلىي ئۆزگەرتىشلەرنى ئورگان تورىنىڭ ئىنگلىزچە بىلوگىدىن كۆرۈڭ.
https://wordpress.org/news/2011/07/gershwin/

3.2.1 نەشرىدە بىر قىسىم مۇلازىمېتىرلاردا كۆرۈلگەن JSON غا مۇناسىۋەتلىك خاتالىقلار تۈزىتىلگەن، 3.2 نەشرىنىڭ چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانى بىر مىليوندىن ئاشقاندا تارقىتىلغان. تەپسىلىي ئۆزگىرىشلەرنى ئورگان تورىنىڭ ئىنگلىزچە بىلوگىدىن كۆرۈڭ.
https://wordpress.org/news/2011/07/wordpress-3-2-1/

ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا خەت نۇسخىسى تۆت خىل فونتقا تەڭشەلگەندىن باشقا، خەت نۇسخىسى ھۆججىتىنى ئاپتوماتىك ھاسىل قىلىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. كاندىدات نەشرىدە چۈشەندۈرگىنىمىزدەك، بۇ نەشرىنى قاچىلىغاندا ئىشلەتكۈچىلەر بۇرۇن ئۆزى ئۆزگەرتىپ ئىشلەتكەن خەت نۇسخىسى ھۆججىتى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.
https://ug.wordpress.org/2011/06/21/wordpress-3-2-release-candidate-uyghur-released/

ئارىلىقتا تارقىتىلغان 3.1.4 ۋە 3.2 نەشرىنىڭ ئۇيغۇرھە تەرجىمىسى تەييار بولغان ھاغدا تولۇقلاپ تارقىتىلىدۇ. ۋاقىپ بولۇپ قالغايسىزلەر.

نۆۋەتتە ئۇيغۇرچە ئاساسلىق تەرجىمە %95 تاماملانغان ھالەتتە بولۇپ، تەرجىمىنىڭ تولۇق پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. ياردەم بېرىشنى خالىغۇچىلار
https://translate.wordpress.org/projects/wp/dev
بېتىگە بېرىپ تەرجىمە خىزمىتىگە قاتناشسا بولىدۇ. تەرجىمە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تەرجىمىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ بۇندىن ئىلگىرىكى تەرجىمىنى بىرەر قۇر كۆرۈپ چىقىشىنى سورايمىز.

يېڭى نەشرىدىكى ھەرقانداق مەسىلىگە قارىتا پىكىر- تەكلىپلەرنى بېرىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. پىكىر- تەكلىپلەرنى ئورگان تورىنىڭ ئۇيغۇرچە بىلوگى ياكى مۇشۇ تېما ئاستىغا قالدۇرساڭلار بولىدۇ.

ۋوردپرەستە قۇرغان تور بېتىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئاۋاتلىشىشىغا، ئىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمىز.

ۋوردپرەس 3.2 كاندىدات نەشرى تارقىتىلدى

سۈرئىتى تېزلەشتۈرۈلگەن ۋە بىر قىسىم يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلغان ۋوردپرەس 3.2 نەشرىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان تورداشلار ئاز بولمىسا كېرەك. گەرچە 3.2 نەشرىنىڭ 1- سىناق نەشرى 12- مايدا، 2- سىناق نەشرى 25- مايدا، 1- كاندىدات تارقىتىلما نەشرى 14- ئىيۇندا ئىنگلىزچە تارقىتىلغان بولسىمۇ، ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق سىناق نەشرى ئۇيغۇرچىنى تولۇق قوللىمىغاچقا تەرجىمىسى تارقىتىلمىغان ئىدى. بۇ قېتىم كەڭ تورداشلارنىڭ جىددىي ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر قىسىم ئۇچۇرلارنىڭ تەرجىمىسى تاماملانمىغان ھالەتتە، 14- ئىيۇن تارقىتىلغان 1- كاندىدات نەشرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تارقىتىشقا مۇۋەپپەق بولدۇق.

بۇ كاندىدات نەشرى بولغاچقا باشقۇرۇش بېتىدىن ئاپتوماتىك يېڭىلاش ئىمكانىيىتى يوق. سىناپ باققۇچىلار تۆۋەندىكى ئادرېستىن چۈشۈرۈپ، سىناق مۇلازىمېتىرىغا قاچىلاپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ:
https://ug.wordpress.org/wordpress-3.2-RC1-ug_CN.zip

تورداشلارنىڭ ئۆز بىلوگىنى بۇ كاندىدات نەشرىگە يېڭىلاپ سالماسلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز.

ئىنگلىزچە نەشرىدىكى ئۆزگەرتىشلەرنى ئىنگلىزچە رەسمىي تور بېتىدىن كۆرۈڭ.
https://wordpress.org/news/

ئۇيغۇرچە تەرجىمىدىكى ئۆزگەرتىشلەر:
1. خەت نۇسخىسىنى تەڭشەيدىغان fontfaces.css ھۆججىتى ئاپتوماتىك قۇرۇلىدىغان قىلىندى.
ھازىرغىچە PHP كودى ئارقىلىق مۇلازىمېتىردىكى ۋوردپرەس قاچىلانغان مۇندەرىجىنى تېپىش مەسىلىسى ھەل قىلىنمىغاچقا، ئالدىنقى نەشرلىرىدە ۋوردپرەس ئورگان تورىدىكى ئې ئو تې ھۆججىتى مۇقىم ئادرېس شەكلىدە ئىشلىتىلگەن ئىدى. گەرچە ئىشلەتكۈچىلەرگە قارىتا
wp-content/languages/fontfaces.css تىن ئىبارەت بىرلا ھۆججەتنى تەھرىرلەش ئارقىلىق ئۆزى خالىغان خەت نۇسخىسىنى تەڭشەش ئىمكانىيىتى يارىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەشغۇلات دەسلەپكى ئۆگەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن يەنىلا قىيىن بولغاچقا، بۇ قېتىم fontfaces.css ھۆججىتىنى ۋوردپرەسنى قاچىلاش (ياكى يېڭىلاش) جەريانىدا ئاپتوماتىك ھاسىل بولىدىغان قىلىپ تەڭشىدۇق. شۇ ئارقىلىق بىلوگنىڭ خەت نۇسخىسى شۇ مۇلازىمېتىردىكى ۋوردپرەس بولىقى ئۆز ئىچىگە ئالغان UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىغا توغرىلىنىدىغان بولدى. كېيىنچە بۇنى باشقۇرۇش بېتىدە تەھرىرلەش ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقچى.
يېڭى fontfaces.css ھۆججىتى پەقەت ۋوردپرەسنى يېڭىدىن قاچىلىغاندا ياكى ئورگان تورىدىكى ئې ئو تې ئىشلىتىلگەن كونا نەشردىكى ۋوردپرەستىن ئاپتوماتىك يېڭىلىغان چاغدىلا ھاسىل قىلىنىدۇ. ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزىنىڭ خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ۋوردپرەسنىڭ كۆڭۈلدىكى fontfaces.css ھۆججىتىنى ئۆزگەرتكەن ئەھۋالدا، ۋوردپرەس 3.2 نەشرى بۇ fontfaces.css ھۆججىتىنى ئۆچۈرۈۋەتمەي ساقلاپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا 3.1.3 نەشرىدىن 3.2 رەسمىي نەشرىگە يېڭىلىغاندىمۇ ئىشلەتكۈچىلەر بەلگىلىگەن خەت نۇسخىسىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ.
بۇ ئىقتىدارلار wp-content/languages/ug_CN.php ھۆججىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىقتىدارلارنى سىناپ بېقىشقا قىزىققۇچىلار ياكى كود بىخەتەرلىكى قاتارلىق تەرەپلەردە مەسلىھەت بېرىشنى خالىغۇچىلار ug_CN.php ھۆججىتىنى ئېچىپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.

2. قاچىلاش باسقۇچىدىكى ئې ئو تې ھۆججىتى بىۋاسىتە wp-content/languages ئىچىدىكى UKIJ Tuz Tom غا توغرىلاندى.
ئىلگىرىكى نەشرىدە ئې ئو تې ئۈچۈن ئورگان تورىغا قارىتىلغان مۇقىم ئادرېس ئىشلىتىلگەچكە بەتنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى ئاستا بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان ئىدى. بۇ قېتىم خەت نۇسخىسى ھۆججىتى قاچىلاش مەلۇم باسقۇچقا بارغاندا قۇرۇلىدىغان قىلىنغاچقا، باشتىكى بىر قانچە بەتتە ئۇيغۇرچە خەتلەر نورمال كۆرۈنمەسلىك مەسىلىسى كېلىپ چىقتى. شۇ سەۋەبتىن خەت نۇسخىسىنىڭ كودىنى بىۋاسىتە ئەسلى ھۆججەتنى ئۆزگەرتىشتەك تەۋسىيە قىلىنمايدىغان ئۇسۇلدا قوشۇپ چىقتۇق. مەسىلە كۆرۈلسە مەلۇم قىلىپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

3. قاچىلاش داۋامىدىكى بىلوگ نامىنى كىرگۈزىدىغان كۆزنەكتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
بۇمۇ تەۋسىيە قىلىنمايدىغان ئۇسۇلدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

4. كىرىش بېتىدىكى قوللانچى نامىنى كىرگۈزىدىغان كۆزنەككە ئۇيغۇرچە كىرمەيدىغان قىلىندى.
ناۋادا ئۇيغۇرچە كىرگۈزمەكچى بولسىڭىز، wp-content/languages/bedit.js ھۆججىتىدىكى bedit_deny نىڭ قىممىتى ئارىسىدىن log: نى ئۆچۈرۈۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.

5. تەرجىمىسى تولۇق پۈتمىدى. تەرجىمە قىلىنمىغان ئۇچۇرلار ئۇچراپ قالسا ئەجەبلەنمەسلىكىڭلارنى سورايمىز. تەرجىمىگە قاتنىشىشنى ئىختىيار قىلغۇچىلارنىڭ
https://translate.wordpress.org/projects/wp/dev غا بېرىپ قاتنىشىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئەسلى پىلان بويىچە بولسا ئىنگىلىزچە 3.2 رەسمي نەشرى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى تارقىتىلماقچى، لېكىن ئۇيغۇرچە نەشرى كېلەر ئاينىڭ 10- كۈنلىرى ئەتراپىدا تارقىتىلىشى مۇمكىن. شۇنىڭغىچە تەخىر قىلىپ تۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ۋوردپرەس 3.1 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

ۋوردپرەس 3.1 ئۇيغۇرچە نەشرى بۈگۈن رەسمىي تارقىتىلدى. باشقۇرۇش بېتىڭىزدە ئاپتوماتىك يېڭىلىۋېلىڭ. ناۋادا ئىنگىلىزچە نەشرىگە يېڭىلاپ سالغان بولسىڭىز، باشقۇرۇش بېتىڭىزگە كىرگەندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئادرېسنى زىيارەت قىلىڭ:
http://tor-betingiz-yaki-wordpress-ning-adresi/wp-admin//update-core.php

ئۇيغۇرچە نەشرىدىكى ئۆزگىرىشلەر تۆۋەندىكىچە:

1. خەت شەكلى UKIJ Tuz Tom،AlKatip Tor ،Alpida Unicode System ،Uyghur Ekran قاتارلىق تۆت فونتقا توغرىلاندى.
2. بۇرۇنقى نەشرىدە قوشۇپ تارقىتىلغان fonts ھۆججەت قىسقۇچى ئۆچۈرۈۋېتىلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا بىرلا CSS ئارقىلىق بارلىق بەتلەردىكى خەت نۇسخىسىنى بەلگىلەشكە بولىدىغان قىلىندى. ئۆزىڭىزنىڭ ئې ئو تې ھۆججىتىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز،
wp-content/languages/fontfaces.css ھۆججىتىنى تەھرىرلەپ چىقىڭ.
3. UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىنىڭ ئې ئو تى ھۆججىتى تەمىنلەندى.
4. باشقۇرۇش بېتى ۋە ئۇسلۇبنىڭ خەتلىرىنىڭ ئەڭ كىچىكى ئاساسەن 12px قىلىپ تەڭشەلدى. پىرسەنت بويىچە تەڭشەلگەن ئورۇنلار ئۆزگەرتىلمىدى. شۇڭا بىر قىسىم ئورۇنلاردا خەتلەر يەنىلا كىچىك كۆرۈنۈشى مۇمكىن.

ھەل قىلىنمىغان مەسىلە:
قاچىلاش جەريانىدىكى تور بەت نامىنى كىرگۈزىدىغان ئورۇن، باشقۇرۇش بېتىدىكى كۆرۈنۈشلۈك تەھرىرلىگۈچ ۋە تېز يوللاش كۆزنىكىگە بىۋاسىتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش مەسىلىسى ھەل قىلىنمىدى. گەرچە ئۇيغۇربەگ تور تۇراسى ۋە تورخۇمارلار كۇلۇبىدىكى ئۇسۇل بويىچە tinymce ھۆججىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، سىناق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ ئۆزگەرتىش ساقلاپ قېلىندى. شۇڭا بىر قىسىم تور كۆرگۈلەردە نورمال كىرگۈزگىلى بولۇشىمۇ مۇمكىن.

ناۋادا ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە بىرەر خاتالىق بايقىسىڭىز، بۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويغايسىز.

ۋوردپرەس 3.0.5 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

ۋوردپرەسنىڭ ئەڭ يېقىنقى بىخەتەرلىك يامىقى قوشۇلغان 3.0.5 ئۇيغۇرچە نەشرى بۈگۈن ئورگان تور بېتىدە چۈشۈرۈشكە تەمىنلەندى. تەپسىلىي ئۆزگەرتىشلەرنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 3.0.4 نەشرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ھېچقانداق ئۆزگەرتىش قوشۇلمىدى.
تور بېتىڭىزنى يېڭىلاش ئۈچۈن باشقۇرۇش بېتىڭىزدە ئاپتوماتىك يېڭىلاش ئېلپ بېرىڭ، ياكى ئورگان تور بېتىدىكى چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىدىن چۈشۈرۈپ مۇلازىمېتىرىڭىزغا يۈكلەڭ. يېڭىلاشتىن بۇرۇن سانداننى زاپاسلىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ.

ۋوردپرەس 3.0.4 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

ۋوردپرەسنىڭ ئەڭ يېقىنقى بىخەتەرلىك يامىقى قوشۇلغان 3.0.4 ئۇيغۇرچە نەشرى بۈگۈن ئورگان تور بېتىدە چۈشۈرۈشكە تەمىنلەندى.
بۇ نەشرىدە ئاساسلىقى HTML كودلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىككى ھۆججەتتىكى بىخەتەرلىك يوچۇقلىرى ئېتىلگەن. باشقا ئالاھىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەر يوق.
ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە بولسا، 3.0.3 نەشرىدە چالا قالغان ئىككى ئورۇندىكى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى توغرىلانغان.
باشقا ئۆزگەرتىشلەر قوشۇلمىغان.

28- دېكابىردىن باشلاپ ۋوردپرەس 3.1 ئۇيغۇرچە نەشرىنىڭ 1-كاندىدات نۇسخىسىمۇ ئورگان تورىدا چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگەن ئىدى. نۆۋەتتە ئىنگىلىزچە 2- كاندىدات نۇسخىسىمۇ ئېلان قىلىنىپ بولدى. ئۇيغۇرچىسى بولسا سىناش باسقۇچىدا تۇرماقتا. سىناق ئاياغلاشقۇچە ئىنگىلىزچە 3.1 رەسمىي نەشرىمۇ تارقىتىلىشى مۇمكىن. ئۇيغۇرچە خەت ۋە تەرجىمىدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەرنى 3.1 نەشرىدە ھەل قىلىش پىلان قىلىنغاچقا، 3.0.4 نەشرىدىكى ئۇيغۇرچە خەت نورمال كۆرۈنمەسلىك ۋە ئې ئو تې ھۆججەتلىرىنى قوشۇپ تارقىتىش مەسىلىسى ئۆزگەرتىلمىدى. تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.