WordPress
3.5.1 نەشرى

دەۋر بىلەن تەڭ ماڭىدىغان شەخسىي نەشرىيات سۇپىسى

تۈزگۈچىدىن

خۇش كەپسىز. WordPress مەن ئۈچۈن ئالاھىدە بىر تۈر. ھەر بىر ئىجادىيەتچى ۋە تۆھپىكار قوشۇپ بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق كۆپچىلىك بىرلىكتە گۈزەل بىر سىستېمىنى ۋۇجۇدقا چىقاردۇق. بۇنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. كۆپچىلىك WordPress ئۈچۈن چەكسىز كۆپ ۋاقىت ۋە زېھنىنى سەرپ قىلدى. WordPress نى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تىرىشىپ تۇرماقتىمىز. ئاخىرىدا WordPress نى تاللىغانلىقىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.

— مات مۇللېنۋېگ (Matt Mullenweg)

قاچىلاش: داڭلىق 5 مىنۇتتا قاچىلاش پروگراممىسى

  1. پرېسلانغان WordPress ھۆججىتىنى بىر قۇرۇق مۇندەرىجىگە قويۇپ پرېستىن يېشىپ، ھەممىنى مۇلازىمىتېرىڭىزغا يۈكلەڭ.
  2. تور كۆرگۈچىڭىزدە wp-admin/install.php نى ئېچىڭ. بۇنىڭدا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ساندان ئۇلىنىش ئۇچۇرلىرىڭىز ئاساسىدا بىر wp-config.php سەپلىمە ھۆججىتى قۇرىدىغان مەشغۇلاتقا يۆتكىلىسىز.
    1. بەزىبىر سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ مەشغۇلات ئوڭۇشلۇق بولمىسىمۇ ئەندىشە قىلماڭ. بۇ مەشغۇلاتنىڭ بارلىق مۇلازىمىتېرلاردا ئىشلەپ كېتىشى ناتايىن. غول مۇندەرىجە ئاستىدىكى wp-config-sample.php ھۆججىتىنى خالىغان بىر تېكىست تەھرىرلىگۈچتە ئېچىپ، ئىچىدىكى ساندان ئۇلىنىش ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇپ چىقىڭ.
    2. بۇ ھۆججەتنى wp-config.php نامىدا ساقلاپ مۇلازىمىتېرىڭىزغا يۈكلەڭ.
    3. تور كۆرگۈچىڭىزدە wp-admin/install.php نى ئېچىڭ.
  3. سەپلىمە ھۆججىتى تەييار بولغاندىن كېيىن قاچىلاش پروگراممىسى تور بېكىتىڭىزگە لازىملىق ساندان جەدۋەللىرىنى ئاپتوماتىك قۇرۇپ چىقىدۇ. ئەگەر خاتالىق كۆرۈلسە، wp-config.php ھۆججىتىدىكى ساندانغا لازىملىق ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىقىپ قايتا سىناپ بېقىڭ. يەنىلا ئوڭۇشلۇق بولمىسا قوللاش مۇنبىرى (ئىنگلىزچە) دىن ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدەپ كۆرۈڭ.
  4. بىرەر پارول كىرگۈزمىگەن بولسىڭىز، سىزگە ئاپتوماتىك ھاسىل قىلىنغان پارول بېرىلىدۇ. ئىشلەتكۈچى نامىنى ئۆزگەرتمىگەن بولسىڭىز، سۈكۈتتىكى قىممەت بويىچە admin قىلىپ بېكىتىلىدۇ.
  5. ئەمدى قاچىلاش پروگراممىسى سىزنى كىرىش بېتىگە باشلاپ بارىدۇ. قاچىلاش جەريانىدا تاللىغان ئىشلەتكۈچى نامىڭىز ۋە پارولىڭىز ئارقىلىق باشقۇرۇش بېتىگە كىرىڭ. ئاپتوماتىك ھاسىل قىلىنغان پارولدا كىرگەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا شەخسىي ئارخىپىڭىزدىن ئۆزگەرتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

يېڭىلاش

ئاپتوماتىك يېڭىلاش

ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز WordPressنىڭ 2.7 نەشرى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەشرى بولسا ئاپتوماتىك يېڭىلاش ئىقتىدارىنى ئىشلىتەلەيسىز:

  1. wp-admin/update-core.php/ ھۆججىتىنى تور كۆرگۈچىڭىزدە ئېچىپ، كۆرسىتىلگەن بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ.
  2. يەنە بار دەپ قارىغانمىدىڭىز؟ پەقەت شۇنچىلىكلا!

قولدا يېڭىلاش

  1. يېڭىلاشتىن بۇرۇن index.php غا ئوخشاش ئۆزىڭىز ئۆزگەرتكەن ھۆججەتلەرنى بىر نۇسخا زاپاسلىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ.
  2. ئۆزگەرتكەنلىرىڭىزدىن باشقا كونا WordPress ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاڭ.
  3. يېڭى ھۆججەتلەرنى مۇلازىمېتىرىڭىزغا يۈكلەڭ.
  4. تور كۆرگۈچىڭىزدە wp-admin/upgrade.php/ نى ئېچىڭ.

باشتېما قېلىپىدىكى ئۆزگىرىشلەر

باشتېما قېلىپىنى ئۆزىڭىز ئۆزگەرتكەن بولسىڭىز، ئۇنى يەنە يېڭى نەشرىگە ماسلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىپ چىقىشىڭىزغا توغرا كېلىشى مۇمكىن.

باشقا سىستېمىلاردىن ئىمپورتلاش

WordPress بىر قانچە سىستېمىدىن ئىمپورتلاشنى قوللايدۇ. ئىمپورتلاش قوراللىرىمىزنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن يۇقىرىدا كۆرسىتىلگىنى بويىچە WordPressنى قاچىلاپ نورمال ئىشلەش ھالىتىگە كەلتۈرۈڭ.

سىستېمىغا بولغان تەلىپى

سىستېمىغا تەۋسىيە

توردىكى ماتېرىياللار

سىز يولۇققان مەسىلىگە قارىتا بۇ ھۆججەتتىن تېگىشلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن بولسىڭىز، WordPressنىڭ توردىكى مول ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىڭ:

WordPress Codex
Codex بولسا WordPressنىڭ قامۇسى بولۇپ، ئۇنىڭدا WordPressنىڭ نۆۋەتتىكى نەشرى توغرىسىدىكى زور مىقداردىكى ئۇچۇرلار تەمىنلەنگەن.
WordPress ئىجادىيەت بىلوگى
بۇ يەردىن WordPress نىڭ ئەڭ يېڭى يېڭىلاش ئۇچۇرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۆرەلەيسىز. بۇ بەتنى خەتكۈشلىۋېلىپ يېڭى ئۇچۇرلارنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
WordPress پلانېتىسى
پلانېت (Planet) بولسا ئىنتېرنېتتىكى WordPress بىلوگىغا يوللانغان يازمىلارنى توپلاپ كۆرسىتىدىغان خەۋەر قورالى.
WordPress قوللاش مۇنبىرى (ئىنگلىزچە)
باشقا ھېچقانداق يەردىن جاۋاب تاپالمىسىڭىز، ئۇنداقتا ناھايىتى كۆپ ۋە تولىمۇ قىزغىن ئىشلەتكۈچىلەر يىغىلغان ئىنگلىزچە قوللاش مۇنبىرى سىزگە ياردەم بېرىشكە ھەر ۋاقىت تەييار. ياردەم تەلەپ قىلماقچى بولسىڭىز، باشقىلارنىڭ سىزگە ياردەم قىلىشىغا قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن، مۇمكىنقەدەر چۈشىنىشلىك تېما قويۇپ، مەسىلىنى تەپسىلىي يېزىپ يوللىسىڭىز بولىدۇ.
WordPress IRC قانىلى
يەنە، WordPress ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن توردا چايخانا تەمىنلەنگەن بولۇپ، قوللاشقا مۇناسىۋەتلىك بەزىبىر مەسىلىلەرنىمۇ سوراشقا بولىدۇ. بۇ قانالغا يۇقىرىقى ۋىكى بېتىدىن كىرگىلى بولىدۇ. (irc.freenode.net #wordpress)

XML-RPC ۋە Atom كۆرۈنمە يۈزى

نۆۋەتتە Windows Live Writer, Ecto, w.bloggar, Radio Userland (بۇنىڭدا Radio نىڭ ئېلېكترونلۇق خەتتە يازما يوللاش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ), NewzCrawler ۋە Blogging API نى قوللايدىغان باشقا قوراللارنى ئىشلىتىپ WordPressكە يازما يوللاشقا بولىدۇ! :) تەپسىلاتىنى كودېكستىكى XML-RPC ياردەملىرى (ئىنگىلىزچە) دىن كۆرسىڭىز بولىدۇ.

ئېلېكترونلۇق خەتتە يازما يوللاش

ئېلېكترونلۇق خەت مۇلازىمەت قورالىدىن يازما يوللىيالايسىز! بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن "يېزىش" تاللاش كۆزنىكىدە ئۆزىڭىزنىڭ مەخپىي POP3 ھېساباتىڭىزنىڭ ئۇلىنىش ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇڭ. ئاندىن يېڭى ئېلېكترونلۇق خەت يازمىسى بار- يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن wp-mail.php نى قەرەللىك ئىجرا بولىدىغان قىلىپ تەڭشەپ بېرىڭ. بۇنى cron-jobs ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ناۋادا مۇلازىمىتېرىڭىز ئۇنى قوللىمىسا، سىز بىر قانچە خىل تور بەت كۈزىتىش مۇلازىمىتىنى ئىزدەپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن ئۇلارنى wp-mail.php ئادرېسىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان قىلىپ قويسىڭىز بولىدۇ.

يازما يوللاش تولىمۇ ئاددىي: سىزنىڭ بەلگىلەپ قويغان ئېلېكترونلۇق خەت ئادرېسىڭىزغا يوللانغان ھەرقانداق ئېلېكترونلۇق خەت يازما بولۇپ ئېلان قىلىنىدۇ. ئېلېكترونلۇق خەتنىڭ تېمىسى يازما تېمىسى بولىدۇ. ئادرېسنى مەخپىي تۇتۇش ئاقىلانىلىك ھېسابلىنىدۇ. مۇۋەپپەقىيەتلىك يوللانغان يازمىنىڭ ئېلېكترونلۇق خېتىنى سىستېما ئۆزى ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ.

ئىشلەتكۈچى دەرىجىسى

2.0 دىن باشلاپ تېخىمۇ قۇلايلىق بولغان ئىشلەتكۈچى دەرىجىسىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى قوللاندۇق. بۇ توغرىلىق Codex تىكى ئىشلەتكۈچى دەرىجىسىگە ئائىت ماتېرىياللاردىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.

ئاخىرقى سۆز

ئورتاقلىشىش

WordPressنىڭ مىليون دوللارلىق بازىرى ياكى داڭلىق چوڭ قوللىغۇچى كارخانىلىرى بولمىسىمۇ، لېكىن سىزگە ئوخشاش يېقىن قوللىغۇچىلىرى ۋە ئىشلەتكۈچىلىرى بار. شۇڭا بىز يەنىلا سىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا تەييارمىز. ئەگەر WordPress تىن خۇشاللىق تاپالىسىڭىز ئۇنى دوستىڭىزغا تونۇشتۇرۇڭ، ياكى WordPress توغرىلىق سىزچىلىك بىلىمگە ئېرىشىش پۇرسىتى بولمىغانلارغا قاچىلاپ بېرىڭ، ۋە ياكى WordPress نى ياراتمايدىغان يازغۇچى- ئاخباراتچىلارغا ئېلېكترونلۇق خەت يوللاپ قويۇڭ.

WordPress بولسا مىشېل .ۋ تەرىپىدىن تۈزۈلگەن b2/cafélog كە رەسمىي ۋارىسلىق قىلغان تور بېكەت قورالى بولۇپ، ئۇنى WordPress ئىجادىيەتچىلىرى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ھازىرقى WordPress كە ئەكەلگەن. WordPressنى قوللىماقچى بولسىڭىز، ئىئانە قىلىشنى ئويلىشىپ كۆرۈڭ.

نەشر ھوقۇقى

WordPress ھەقسىز يۇمشاق دېتال بولۇپ، نۆۋەتتە GPL كېلىشىمىنىڭ 2 ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى (خالىسىڭىز) نەشرىدە تارقىتىلماقتا. license.txt كە قاراڭ.