تەۋسىيەلىك ئىشلەش مۇھىتى
- PHP 5.2.4 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشرى.
- MYSQL 5.0 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشرى.
- … ۋە يەنە http://wordpress.org غا قارىتىلغان بىر ئۇلانما.
قاچىلاش
- پىرېسلانغان WordPress ھۆججىتىنى بىر قۇرۇق مۇندەرىجىگە قويۇپ پىرېستىن يېشىپ، ھەممىنى مۇلازىمىتېرىڭىزغا يۈكلەڭ.
- تور كۆرگۈچىڭىزدە wp-admin/install.php نى ئېچىڭ. بۇنىڭدا ساندان ئۇلىنىش ئۇچۇرلىرىڭىز ئاساسىدا بىر
wp-config.php
سەپلىمە ھۆججىتى قۇرىدىغان مەشغۇلاتقا يۆتكىلىسىز.
- بەزى سەۋەبتىن بۇ مەشغۇلات ئوڭۇشلۇق بولمىسىمۇ ئەندىشە قىلماڭ. بۇ مەشغۇلاتنىڭ بارلىق مۇلازىمېتىرلاردا ئىشلەپ كېتىشى ناتايىن. غول مۇندەرىجە ئاستىدىكى
wp-config-sample.php
ھۆججىتىنى خالىغان بىر تېكىست تەھرىرلىگۈچتە ئېچىپ، ئىچىدىكى ساندان ئۇلىنىش ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇپ چىقىڭ.
- بۇ ھۆججەتنى
wp-config.php
نامىدا ساقلاپ مۇلازىمىتېرىڭىزغا يۈكلەڭ.
- تور كۆرگۈچىڭىزدە wp-admin/install.php نى ئېچىڭ.
- سەپلىمە ھۆججىتى تەييار بولغاندىن كېيىن قاچىلاش پىروگراممىسى بىلوگىڭىزغا لازىملىق ساندان جەدۋەللىرىنى ئاپتوماتىك قۇرۇپ چىقىدۇ. ئەگەر خاتالىق كۆرۈلسە،
wp-config.php
ھۆججىتىدىكى ساندانغا لازىملىق ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، قايتا سىناپ بېقىڭ. يەنىلا ئوڭۇشلۇق بولمىسا قوللاش مۇنبىرى (ئىنگلىزچە) دىن ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدەپ كۆرۈڭ.
- بىرەر پارول كىرگۈزمىگەن بولسىڭىز، سىزگە ئاپتوماتىك ھاسىل قىلىنغان پارول بېرىلىدۇ. ئىشلەتكۈچى نامىنى ئۆزگەرتمىگەن بولسىڭىز، سۈكۈت قىممىتى بويىچە
admin
قىلىپ بېكىتىلىدۇ.
- ئەمدى قاچىلاش پىروگراممىسى سىزنى كىرىش بېتىگە باشلاپ بارىدۇ. قاچىلاش جەريانىدا تاللىغان ئىشلەتكۈچى نامىڭىز ۋە پارولىڭىز ئارقىلىق باشقۇرۇش بېتىگە كىرىڭ. ئاپتوماتىك ھاسىل قىلىنغان پارولدا كىرگەن بولسىڭىز، شەخسىي ئارخىپىڭىزدىن ئۆزگەرتىۋالسىڭىز بولىدۇ.