WordPress.org

ھەققىدە

بۇرچىمىز:

دېموكراتىيەلەشكەن تارقىتىش

قۇرۇش ئەركىنلىكى. ئۆزگەرتىش ئەركىنلىكى. ھەمبەھىرلەش ئەركىنلىكى.

ھېكايىمىز

WordPress دەسلەپتە 2003-يىلى مايك لىتتىل (Mike Little) ۋە مەت مۇللېنۋېگ (Matt Mullenweg) ئىككىيلەن b2/cafelog شېخىنى قۇرۇشتىن باشلانغان. ئەينى ۋاقىتتا نەپىس، قۇرۇلمىسى ياخشى شەخسىي مەزمۇن تارقىتىش سىستېمىسىغا بولغان تەلەپ ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، PHP ۋە MySQL ئۈستىگە WordPress قۇرۇلۇپ GPLv2 ئىجازىتىدە تارقىتىلغان بولۇپ، دۇنيادىكى %43 تور بېكەتنىڭ ئالدىن تاللىغان سۇپىسى.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، WordPress ئوچۇق كودلۇق يۇمشاق دېتال تەدرىجىي ھالدا تەرەققىي قىلىپ تەجرىبىسى مول، قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئىجادكار، لايىھەلىگۈچى، ئالىم ۋە بىلوگىر قاتارلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. WordPress ھەر بىرەيلەنگە ئىجاد قىلىش ۋە ھەمبەھىرلەش پۇرسىتى ياراتتى، قولدا بېجىرىدىغان ئۇششاق ئىشلاردىن تارتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان ھەرىكەتلەرگىچە.

تېخنىكا تەجرىبىسى يوق كىشىلەر «قاپنى ئېچىپلا» ئىشلىتەلەيدۇ، تېخنىكىغا پىششىقراق كىشىلەر ئۇنى ئۆز خاھىشى بويىچە خاسلاشتۇرالايدۇ.

بۇرچىمىز

WordPress ھەممە ئادەم ئۈچۈن لايىھەلەنگەن.

قالتىس يۇمشاق دېتالنى پەقەت ئازراقلا تەڭشەپ ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ، ئىشلىتىشنىڭ قولاي، ئۈنۈملۈك، بىخەتەر ۋە ئاسان بولۇشىنى تەكىتلەيدۇ. WordPress نىڭ ئاساسى يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىش ئاسان، ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولىدۇ، كۈچلۈك ئىقتىدارلار بىلەن تەمىنلەپ، بىرلىككە ئۆسۈپ يېتىلىپ، تەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ياردەملىشىدۇ.

WordPress ئوچۇق كودلۇق يۇمشاق دېتال.

تارقىتىشنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش ئىدىيەسىنى قوللاش ۋە ئوچۇق كودتىن كەلگەن ئەركىنلىك زور بىر تۈركۈم جامائەتنى شەكىللەندۈردى، ئۇلار ئورتاق ھەمكارلىشىپ بۇ قۇرۇلۇشقا تۆھپە قوشىدۇ.

WordPress قىزغىن ۋە سىغدۇرۇشچان.

تۆھپىكارلىرىمىزنىڭ قىزغىنلىقى WordPress مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ، نىشانىڭىزغا يېتىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ، WordPress تۆھپىكارلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان، ئۇلار ساناقسىز ۋاقتىنى چىقىرىپ ھەر قانداق ئادەمگە بايان قېلىش ھوقۇقى تەمىنلەيدىغان قورالنى ياساپ چىققان.

تۆت ئەركىنلىك

WordPress ئادەتتىكى ئاممىۋى ئىجازەتنامە (GPLv2 ياكى يۇقىرى) ئىجازىتىدە 4 خىل يادرولۇق ئەركىنلىك تەمىنلىگەن.

0

پىروگراممىنى ھەر قانداق مەقسەتتە ئىشلىتىش ئەركىنلىكى.

1

پىروگراممىنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇنى ئۆزگەرتىپ، ئارزۇيىڭىز بويىچە ئىجرا قىلىش ئەركىنلىكى.

2

قايتا تارقىتىش ئەركىنلىكى.

3

سىز ئۆزگەرتكەن نەشرىڭىزنىڭ كۆپەيتىلمىسىنى باشقىلارغا تارقىتىش ئەركىنلىكىڭىز.

تەپسىلاتى

GPL ۋە باشقا تۈزۈم قاتارلىقلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش تەپسىلاتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش.

كىشىلەر

جامائەت ۋە ئۇلارنىڭ بىللە ئۆتۈش ئۇسۇلى شۇنداقلا پەخىرلىنىشىمىزنى قانداق ئىپادىلەيدىغانلىقىمىزنى چۈشىنىڭ.