-
ۋوردپرەس 3.1 سىناق نۇسخىسى ئېلان قىلىندى
ۋوردپرەس 3.1 سىناق نۇسخىسى تورداشلارنىڭ سىناپ بېقىشى ئۈچۈن رەسمىي توردا ئېلان قىلىندى. تۆۋەندىكى ئادرېسنى ئېچىپ، ئەڭ ئاستىدىكى ئۇلانمىدىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. سىناق نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى: https://ug.wordpress.org/releases/#beta بۇ بىر سىناق نۇسخا بولغاچقا، سىناپ باقماقچى بولغان تورداشلارنىڭ ئۇنى ھەرگىزمۇ نورمال بلوگىنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەسلىكىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز. ئۇيغۇرچە 3.1 سىناق نۇسخىسىدىكى ئۆزگەرتىشلەر: 1. خەت شەكلى UKIJ Tor ،AlKatip Tor…
-
ۋوردپرەس ئۇيغۇرچە 3.0 نەشرى تارقىتىلدى
يېڭى بىر ئەۋلاد شەخسىي ئۇچۇر نەشرىيات سۇپىسى بولغان ۋوردپرەس 3.0 نەشرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 2- ئىيۇلدىن باشلاپ رەسمىي تور بېكىتىدە تارقىتىلىشقا باشلىدى. بۇ قېتىمقى زور كۆلەملىك ئۆزگەرتىشتە يېڭىدىن نۇرغۇن ئۇچۇرلار قوشۇلۇپ، بىر قىسىم ئۇچۇرلار ئۆزگەرتىلىپ، ئەسلىدىكى 100 پىرسەنت تاماملانغان تەرجىمە بىراقلا 73 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغان ئىدى. يېڭى ئۇچۇرلارنىڭ تور بەتتىكى ئورنىنى جەزملەش ۋە مەنىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق…
-
ۋوردپرەس 3.0 تارقىتىلدى
ۋوردپرەس مەستانىلىرى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتقان ۋوردپرەسنىڭ يېڭى نەشرى بۈگۈن رەسمىي تور بېكىتىدە ئىنگىلىزچە نەشرىدىن باشلاپ تارقىتىلىشقا باشلىدى. ئۇيغۇرچە نەشرىدە بىر قىسىم ئۇچۇرلارنىڭ تەرجىمىسى تېخى تولۇق پۈتمىگەن بولسىمۇ، تورداشلارنىڭ ئىشلىتىپ سىناپ بېقىشى ئۈچۈن بالدۇرراق تارقىتىشنى ئويلاشتۇق. ئۇيغۇرچە نەشرى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە رەسمىي تور بېكىتىدە تارقىتىلىدۇ. شۇنىڭغىچە يەنە بىر ئاز ساقلاپ تۇرغايسىزلەر.
-
ۋوردپرەس 2.9.2 ئۇيغۇرچە نەشرى
بۈگۈن ۋوردپرەسنىڭ 2.9.2 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى. كۆپچىلىكنىڭ چۈشۈرۈپ سىناپ كۆرۈپ، پىكىر- تەكلىپلىرىنى بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. بىرەر مەسىلە بايقىسىڭىز ئۈستى تەرەپتىكى «ئالاقە» بېتى ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزۈپ قويۇشىڭىزنى، ياكى ۋوردپرەس مۇنبىرىگە يوللاپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
-
سالام دۇنيا!
WordPress.org غا خۇش كەپسىز. بۇ سىزنىڭ تۇنجى يازمىڭىز. ئۇنى تەھرىرلەپ ياكى ئۆچۈرۈپ، بلوگدا تاماشا قىلىشنى باشلاڭ!