WordPress.org

خەۋەر

تەرجىمە ھەققىدە

بارلىق يازما

  • تەرجىمە ھەققىدە

    ۋوردپرەسنى ياقتۇرۇپ ئىشلەتكىنىڭىزلارغا كۆپ تەشەككۈر! دوستلىرىمىزغا ئايان بولغىنىدەك، ۋوردپرەس بلوگ سىستېمىسى 2.7 نەشرىدىن تارتىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇپ، ۋوردپرەس رەسمىي تور بېكىتىدە تارقىتىلىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى باشقا سىستېمىلارغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا تېز بولۇپ، بەزىدە بىر نەشرىنىڭ تەرجىمىسىنى تۈگىتىپ تەڭشەپ- سىناپ ئېلان قىلىپ بولغىچە يەنە بىر نەشرى ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەھۋاللارمۇ بار. بۇ قېتىممۇ ئىنگىلىزچە 2.9 نەشرى ئۆتكەن يىلى…

    يازمىنى ئوقۇش

  • ۋوردپرەس 2.9.1 ئۇيغۇرچە نەشرى

    بۈگۈن ۋوردپرەسنىڭ 2.9.1 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى. كۆپچىلىكنىڭ چۈشۈرۈپ سىناپ كۆرۈپ، پىكىر- تەكلىپلىرىنى بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. بىرەر مەسىلە بايقىسىڭىز ئۈستى تەرەپتىكى «ئالاقە» بېتى ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزۈپ قويۇشىڭىزنى، ياكى ۋوردپرەس مۇنبىرىگە يوللاپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

    يازمىنى ئوقۇش

  • ۋوردپرەس 3.0.4 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

    ۋوردپرەسنىڭ ئەڭ يېقىنقى بىخەتەرلىك يامىقى قوشۇلغان 3.0.4 ئۇيغۇرچە نەشرى بۈگۈن ئورگان تور بېتىدە چۈشۈرۈشكە تەمىنلەندى. بۇ نەشرىدە ئاساسلىقى HTML كودلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىككى ھۆججەتتىكى بىخەتەرلىك يوچۇقلىرى ئېتىلگەن. باشقا ئالاھىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەر يوق. ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە بولسا، 3.0.3 نەشرىدە چالا قالغان ئىككى ئورۇندىكى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى توغرىلانغان. باشقا ئۆزگەرتىشلەر قوشۇلمىغان. 28- دېكابىردىن باشلاپ ۋوردپرەس 3.1 ئۇيغۇرچە…

    يازمىنى ئوقۇش

  • ۋوردپرەس 3.0.3 ئۇيغۇرچە نەشرى ئېلان قىلىندى

    بۇ قېتىمقى نەشرىدە ئاساسلىقى يىراقتىن يازما يوللاش ئىقتىدارىغا قارىتا بىر قىسىم ئۆزگەرتىشلەر ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يىراقتىن يوللاش ئىقتىدارىنى ئىشلەتمىگەن قوللانچىلارغا قارىتا ھېچقانداق ئۆزگىرىش ئىپادىلەنمەيدۇ. بۇ ئىقتىدارنى ئىشلىتىۋاتقان قوللانچىلارغا تەۋسىيىمىز شۇكى، ناۋادا بىرەر مەسىلە بايقالسا مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويساڭلار بولىدۇ. ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتا ئۆزگەرتىلگەن جايلار 3.0.2 نەشرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، فونت ھۆججىتىنى باغلاپ تارقىتىش- تارقاتماسلىق ھەققىدە…

    يازمىنى ئوقۇش

  • ۋوردپرەس 3.0.2 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

    ۋوردپرەس 3.0.2 ئۇيغۇرچە نەشرى بۈگۈن تارقىتىلدى. ئىنگىلىزچە نەشرىدە ئاساسلىقى قوللانچى دەرىجىسىدىكى يوچۇق ئېتىلىپ، يەنە بىر قىسىم خاتالىقلار تۈزىتىلدى. ئۇيغۇرچە نەشرىگە زور بىر قىسىم ئۆزگەرتىشلەر ئېلىپ بېرىلدى. ئۇيغۇرچە 3.0.2 نەشرىدىكى ئۆزگەرتىشلەر: 1. خەت شەكلى UKIJ Tor ،AlKatip Tor ،Alpida Unicode System ،Uyghur Ekran قاتارلىق تۆت فونتقا توغرىلاندى. 2. ئەلكاتىپ فونتىدىن باشقا ئۈچ فونتنىڭ ئې ئو تى…

    يازمىنى ئوقۇش

  • ۋوردپرەس 3.1 سىناق نۇسخىسى ئېلان قىلىندى

    ۋوردپرەس 3.1 سىناق نۇسخىسى تورداشلارنىڭ سىناپ بېقىشى ئۈچۈن رەسمىي توردا ئېلان قىلىندى. تۆۋەندىكى ئادرېسنى ئېچىپ، ئەڭ ئاستىدىكى ئۇلانمىدىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. سىناق نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى: https://ug.wordpress.org/releases/#beta بۇ بىر سىناق نۇسخا بولغاچقا، سىناپ باقماقچى بولغان تورداشلارنىڭ ئۇنى ھەرگىزمۇ نورمال بلوگىنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەسلىكىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز. ئۇيغۇرچە 3.1 سىناق نۇسخىسىدىكى ئۆزگەرتىشلەر: 1. خەت شەكلى UKIJ Tor ،AlKatip Tor…

    يازمىنى ئوقۇش

  • ۋوردپرەس ئۇيغۇرچە 3.0 نەشرى تارقىتىلدى

    يېڭى بىر ئەۋلاد شەخسىي ئۇچۇر نەشرىيات سۇپىسى بولغان ۋوردپرەس 3.0 نەشرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 2- ئىيۇلدىن باشلاپ رەسمىي تور بېكىتىدە تارقىتىلىشقا باشلىدى. بۇ قېتىمقى زور كۆلەملىك ئۆزگەرتىشتە يېڭىدىن نۇرغۇن ئۇچۇرلار قوشۇلۇپ، بىر قىسىم ئۇچۇرلار ئۆزگەرتىلىپ، ئەسلىدىكى 100 پىرسەنت تاماملانغان تەرجىمە بىراقلا 73 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغان ئىدى. يېڭى ئۇچۇرلارنىڭ تور بەتتىكى ئورنىنى جەزملەش ۋە مەنىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق…

    يازمىنى ئوقۇش

  • ۋوردپرەس 3.0 تارقىتىلدى

    ۋوردپرەس مەستانىلىرى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتقان ۋوردپرەسنىڭ يېڭى نەشرى بۈگۈن رەسمىي تور بېكىتىدە ئىنگىلىزچە نەشرىدىن باشلاپ تارقىتىلىشقا باشلىدى. ئۇيغۇرچە نەشرىدە بىر قىسىم ئۇچۇرلارنىڭ تەرجىمىسى تېخى تولۇق پۈتمىگەن بولسىمۇ، تورداشلارنىڭ ئىشلىتىپ سىناپ بېقىشى ئۈچۈن بالدۇرراق تارقىتىشنى ئويلاشتۇق. ئۇيغۇرچە نەشرى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە رەسمىي تور بېكىتىدە تارقىتىلىدۇ. شۇنىڭغىچە يەنە بىر ئاز ساقلاپ تۇرغايسىزلەر.

    يازمىنى ئوقۇش

  • ۋوردپرەس 2.9.2 ئۇيغۇرچە نەشرى

    بۈگۈن ۋوردپرەسنىڭ 2.9.2 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى. كۆپچىلىكنىڭ چۈشۈرۈپ سىناپ كۆرۈپ، پىكىر- تەكلىپلىرىنى بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. بىرەر مەسىلە بايقىسىڭىز ئۈستى تەرەپتىكى «ئالاقە» بېتى ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزۈپ قويۇشىڭىزنى، ياكى ۋوردپرەس مۇنبىرىگە يوللاپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

    يازمىنى ئوقۇش

  • يازما ئۆچۈرۈش

    يازما ياكى ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۈشنىڭ 2 خىل ئۇسۇلى بار. بىرىنچىسى، تېز تەھرىرلەش تىزىملىكىنى ئىشلىتىش. 1. ئارقا باشقۇرۇش بېتىدە ئوڭ تەرەپتىكى تىزىملىكتىن «يازمىلار» نى تاللايمىز. 2. مائۇسنى ئۆچۈرمەكچى بولغان يازما ياكى ئىنكاس تۇرغان قۇرغا (رەسىمدىكى كۆك رامكىنىڭ ئىچى) ئەكەلسەك، يازما نامى ياكى ئىنكاسنىڭ ئاستىدا بىر تىزىملىك پەيدا بولىدۇ. 3. «ئەخلەت» تىزىملىكىنى چەكسەك، بۇ يازما ياكى ئىنكاس ئەخلەت…

    يازمىنى ئوقۇش

سەھىپەلەر

خەتلەت